تاۋ شىڭجى

تاۋ شىڭجى (1891 −1946) «تۇرمۇش مائارىپ دېمەكتۇر، جەمئىيەت مەكتەپ دېمەكتۇر» دېگەن تەلىماتنى تەشەببۇس قىلغان داڭلىق پېداگوگ، ئوقۇغۇچىلارنى «ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، چىن ئىنسان بولۇش» قا يېتەكلىگەن ياخشى ئۇستاز.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تاۋ شىڭجى
باشقا نامى 陶文濬
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1891-يىل 10-ئاينىڭ 18 -كۈنى
كەسپى مائارىپشۇناس، ئالىم، مۇتەپەككۇر
خەنزۇچە ئىسمى 陶行知
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى ئەنخۇي ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1946-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 تاۋ شىڭجى (1891 −1946) «تۇرمۇش مائارىپ دېمەكتۇر، جەمئىيەت مەكتەپ دېمەكتۇر» دېگەن تەلىماتنى تەشەببۇس قىلغان داڭلىق پېداگوگ، ئوقۇغۇچىلارنى «ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، چىن ئىنسان بولۇش» قا يېتەكلىگەن ياخشى ئۇستاز. ئۇ «مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇش»، «مائارىپتا ئادىل بولۇش» نى تەشەببۇس قىلىپ، پۈتكۈل ھاياتىدا جەمئىيەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان، خۇددى ئۆزىگە قويغان تەلىپىدەك «يالىڭاچ كەلگەندەك يالىڭاچ كەتكەن.»

 «4-ماي» ھەرىكىتى مەزگىلىدە تاۋ شىڭجى «نەنجىڭ مائارىپ ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى» نى تەشكىللىگەن ھەمدە بىرلەشمىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇ ۋەتەن ساتقۇچ فېئودال مىلىتارىستلارنى قاتتىق سۆكۈپ، «21 ماددىلىق» ۋەتەن ساتقۇچ شەرتنامىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. «دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش، مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش» نى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى قىلغان.

تاۋ شىڭجى روھىي ئاقسۆڭەكلىكنى تەربىيىلەيدىغان كونىچە مائارىپتىن نارازى بولۇپ، «كىتابنى ئۆلۈك ئوقۇيدىغان»، «ئۆلۈك كىتابلارنى ئوقۇيدىغان»، «كىتاب ئوقۇپلا ئۆتۈپ كېتىدىغان» كىتاببازلىققا قارشى تۇرۇپ، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەكنى بىرلەشتۈرگەن يېڭى بىر ئەۋلادنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تىرىشقان. ئۇ يېنىدىكى بارلىق پۇلىنى چىقىرىپ شياۋجۇاڭ دارىلمۇئەللىمىنىنى قۇرۇپ، «يېزا مائارىپى، ئاۋام مائارىپى» ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاۋامنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئىلىم-مەرىپەت تارقاتقان، مەكتەپ مائارىپى بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى بىرلەشتۈرگەن. بۇ جەرياندا ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ئۇ ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ياپونىيىدە سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولغان. كېيىنكى يىلى شاڭخەيگە قايتىپ كېلىپلا «ئىلىم-مەرىپەت تارقىتىش ھەرىكىتى» نى قوزغاپ، ژۇرنال چىقىرىپ، رادىئو ئىستانسىسى قۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە جاپاكەش ئەمگەكچى ئاممىغا ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى تارقىتىپ، دېموكراتىيە، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان.

تاۋ شىڭجى مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن ئاۋۋال ئۆزىنى ياخشى تەربىيىلەپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئوغلى تاۋ شياۋگۇاڭ چېڭدۇ سىمسىز رادىئو زاۋۇتىدا ئىشلىمەكچى بولۇپ، دىپلوم كېرەك بولۇپ قالغاندا، رەسمىي ئوقۇش تارىخى بولمىغاچقا، دادىسىغا ئۇقتۇرماي، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىدىن شياۋ جۇاڭ دارىلمۇئەللىمىنىنىڭ دىپلومىنى ئېلىۋالغان. تاۋ شىڭجى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئوغلىغا تېلېگرامما يوللاپ، دىپلومنى قايتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە نەسىھەت مەزمۇنىدا بىر پارچە خەت ئەۋەتكەن. خەتتە «ھەرقانچە جاپا چەكسەڭمۇ، ساختىپەزلىك قىلغۇچى بولما» دېگەن مەزمۇندىكى ئىككى كۇپلېت شېئىر بار ئىدى. ئۇ ئوغلىنى ساختىپەزلىكنى تاشلاپ ئەمەلىيەتچىل بولۇشقا، «ھەرگىز ساختا جەمئىيەتتىن ئۆگەنمەسلىككە ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا قەتئىي تىز پۈكمەسلىككە» دەۋەت قىلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#