يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىيەر شارى ئۆز ئوقىدا توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ يەر شارى نىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى دەپ ئاتىلىدۇ. يەر شارى نىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى غەربتىن شەرققە قاراپ بولىدۇ (شىمالى قۇتۇپ يۇقىرى بوشلۇقىدىن قارىغاندا سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ئايلىنىش يۆلىنىشىگە قارشى يۆلىنىشتە ئايلىنىدۇ)؛ يەر شارى نىڭ ئۆز ئوقىدا تۇلۇق بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 24 سائەت، يەنى بىر كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى تۇرغۇن يۇلتۇز سوتكىسى ۋە قۇياش سوتكىسى بولىدۇ (جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك).
سېلىشتۇردىغان تۈر | تۇرغۇن يۇلتۇز سوتكىسى | قۇياش سوتكىسى |
پايدىلىنىش جىسىمى | قۇياشتىن باشقا مەلۇم بىر تۇرغۇن يۇلتۇز | قۇياش |
مەنىسى | مەلۇم بىر تۇرغۇن يۇلتۇز نىڭ يەر شارى دىكى ئوخشاش بىر مېرىئان تەكشىلىكىدىن ئۇدا ئىككى قېتىم ئۆتۈش ئارلىقىدىكى ۋاقىت | قۇياش نىڭ ئوخشاش بىر مېردىئان تەكشىلىكىدىن ئۇدا ئىككى قېتىم ئۆتۈش ئارلىقىدىكى ۋاقىت |
ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش بۇلۇڭى | 360° | '360° 59 |
ۋاقىت ئارلىقى | 23 سائەت 56 مىنۇت 4 سىكۇنت | 24 سائەت (تۇرغۇن يۇلتۇز سوتكىسىدىن 3 مىنۇت 56 سۇكۇنت ئارتۇق) |
خۇسۇسىيىتى | يەر شارى نىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشنىڭ ھەقىقىي دەۋرى ۋە ئاددىي ئىكاسى | يەر شارى دا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىش دەۋرى يەر شارى نىڭ ئۆز ئوقىدا ۋە قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشىنىڭ ئۇمۇمىي نەتىجىسى |
شىمالى ۋە جەنۇبىي قۇتۇپ نۇقتىسىدا بۇلۇڭلۇق تېزلىك بولمايدۇ، باشقا ھەر قانداق نۇقتىلاردا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش بۇلۇڭلۇق تېزلىكى ئۆز ئارا تەڭ بولىدۇ. ھەر سائەتتە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن °15 ئايلىنىدۇ. ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىنىڭ سىزىقلىق تېزلىكى كەڭلىكلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن پەرىقلىق بولىدۇ. ئېكۋاتوردا سىزىلىق تېزلىك ئەڭ چوڭ بولىدۇ، كەڭلىك قانچە يۇقىرى بولسا، سىزىقلىق تېزلىك شۇنچە كىچىك بولىدۇ، ئىككى قۇتۇپتا بولسا نۆلگە تەڭ بولىدۇ. ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش تۈپەيلىدىن يەر شارى دا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇش ھادىسسى بارلىققا كېلىدۇ؛ ئوخشاش بولمىغان ئۇزۇنلۇققا جايلاشقان ئۇرۇنلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان يەرلىك ۋاقتى بولىدۇ؛
يەر شارى سۈزۈك بولمىغان شار جىسىم بولغاچقا، ھەرقانداق ۋاقىتتا قۇياش نۇرى يەر شارى نىڭ پەقەت يېرىمىنىلا يۇرۇتالايدۇ. شۇڭا، قۇياشقا يۈزلەنگەن يېرىم شاردا كۈندۈز، قۇياشقا دالدا يېرىم شاردا كېچە بولىدۇ. يەر شارى نىڭ توختىماستىن غەرىبتىن شەرققە قاراپ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، كېچە-كۈندۈزمۇ ئۈزلۈكسىز ئالمىشىپ تۇرىدۇ، قۇياش ھەمىشە تاڭ شەپىقى بىلەن شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ، كەچكى شەپەق بىلەن غەربكە ئولتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەر شارىدىكى ئوخشاش بولمىغان جايلاردا ۋاقىت پەرقى كۆرۈلىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.