بەي جىجيې

بەي جىجيې

بەي جىجيې، ئەر، خەنزۇ، 1955-يىلى 7-ئايدا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خېڭشەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بەي جىجيې
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خېڭشەن ناھىيەسى
كەسپى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 白志杰
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1955-يىلى 7-ئاي
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەي جىجيېبەي جىجيې، ئەر، خەنزۇ، 1955-يىلى 7-ئايدا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خېڭشەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلى 2-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1973-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

1973-يىلى 9-ئايدىن 1979-يىلى 10-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستى چاپچال تاغلىق رايون ئورمانچىلىق مەيدانىدا ئىشچى بولغان.

1979-يىلى 10-ئايدىن 1983-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق غەربىي تيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسى تەكشۈرۈش-لايىھىلەش ئەترىتىدە ئىشچى، كادىر بولغان.

1983-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 1-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىدا كادىر بولغان (1984-يىلى 3-ئايدىن 1986-يىلى 1-ئايغىچە ئىلى ئوبلاستلىق مالىيە-سودا مەكتىپىنىڭ مالىيە كەسپىدە ئوقۇغان).

1986-يىلى 1-ئايدىن 1987-يىلى 11-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىدا بوغالتىر بولغان.

1987-يىلى 11-ئايدىن 1989-يىلى 6-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

1989-يىلى 6-ئايدىن 1990-يىلى 4-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

1990-يىلى 4-ئايدىن 1991-يىلى 12-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان.

1991-يىلى 12-ئايدىن 1994-يىلى 10-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1994-يىلى 10-ئايدىن 1997-يىلى 2-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-سودا كومىتېتى كارخانا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

1997-يىلى 2-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-سودا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، سىياسەت، قانۇن-نىزام باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

1997-يىلى 7-ئايدىن 2000-يىلى 4-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-سودا كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ بولغان.

2000-يىلى 4-ئايدىن 2001-يىلى 8-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

2001-يىلى 8-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 13-شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسار بولغان (2002-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 12-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان).

2005-يىلى 1-ئايدىن 2006-يىلى 5-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭنىڭ مۇدىرى بولغان.

2006-يىلى 5-ئايدىن 2006-يىلى 11-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭنىڭ مۇدىرى بولغان.

2006-يىلى 11-ئايدىن 2007-يىلى 5-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولغان.

2007-يىلى 5-ئايدىن 2009-يىلى 4-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ بولغان.

2009-يىلى 4-ئايدىن 2015-يىلى 12-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2015-يىلى 12-ئايدىن 2016-يىلى 1-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

2016-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.

2016-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى يېپىلدى. يىغىندا بەي جىجيېنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلاپ سايلىدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#