ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن قۇلۇپ

ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن قۇلۇپ

قۇلۇپ ئىشىك ياكى ساندۇقلارنى قوغدايدىغان مېخانىكىلىق قۇرۇلما بولۇپ، ئۇنى پەقەت ئاچقۇچ ياكى شىغىر ئارقىلىقلا ئاچقىلى بولىدۇ. قۇلۇپ يېقىن شەرقتىكى دۆلەتلەردە پەيدا بولغان، ئەڭ بۇرۇنقى قۇلۇپنىڭ نىنىۋىنىڭ ئەتراپىدىكى خۇشوبا ئوردىسى خارابىسىدىن تېپىلغىنىغا ھازىر 4000 يىلدىن ئاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن قۇلۇپ
بايقالغان ئورۇن نىنىۋىنىڭ ئەتراپىدىكى خۇشوبا ئوردىسى خارابىسى
خەنزۇچە نامى 最早出现的锁
تارىخى 4000 يىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇلۇپ ئىشىك ياكى ساندۇقلارنى قوغدايدىغان مېخانىكىلىق قۇرۇلما بولۇپ، ئۇنى پەقەت ئاچقۇچ ياكى شىغىر ئارقىلىقلا ئاچقىلى بولىدۇ. قۇلۇپ يېقىن شەرقتىكى دۆلەتلەردە پەيدا بولغان، ئەڭ بۇرۇنقى قۇلۇپنىڭ نىنىۋىنىڭ ئەتراپىدىكى خۇشوبا ئوردىسى خارابىسىدىن تېپىلغىنىغا ھازىر 4000 يىلدىن ئاشقان.

قەدىمكى مىسىرلىقلارمۇ شۇ مەزگىلدە قۇلۇپ ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى قوغدىغان. مىسىر قۇلۇپىغا ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئوخشىمايدىغان بىر قاتار قۇلۇپ تىللىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇلار ئاچقۇچنىڭ تاشقى تەرىپىگە چىقىلغان قۇلۇپ مىخلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان. ئۇ قۇلۇپلار تىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئوخشاش بولغان ئاچقۇچ ئارقىلىقلا ئېچىلاتتى. بىراق ھازىرقى دەۋرىدىكى قۇلۇپلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، مىسىرلىقلار ئىشلەتكەن قۇلۇپ ياغاچتىن ياسالغان.

رىملىقلار مىسىرلىقلارنىڭ قۇلۇپ ياساش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ قۇلۇپ تىللىرىنى بېسىپ تۇرىدىغان پۇرژىنا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ مۇكەممەل قۇلۇپ ياساپ چىققان.

رىملىقلار بۇ قۇلۇپلارنى ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان ياۋروپا، غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ئافرىقىلارغا تارقاتقان. ئوتتۇرا ئەسىردە قۇلۇپ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، سودىگەرلەر ۋە دىندارلارنىڭ قىممەتلىك بۇيۇملىرى ساقلايدىغان ساندۇق ۋە بىخەتەرلىك ئىشكاپلىرىغا قۇلۇپ سېلىنغان.

1778-يىلى ئەنگلىيىلىك R. بارون قۇلۇپنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىپ، ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، ئىككى خىل ئىشلەتكىلى بولىدىغان قۇلۇپ ياسىغان ھەمدە بۇ جەھەتتە پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا يېڭىچە ئوغرىلىق ئۇسۇلى ئامېرىكىنى قاپلاپ، ئوغرىلار بانكا خادىملىرىنى تۇتىۋېلىپ ئاچقۇچنى تاپشۇرۇشقا، بىخەتەرلىك ئىشكاپ ياكى يەر ئاستى ئالتۇن ئامبىرىنىڭ شىفىرىنى ئېيتىشقا قىستىغان.

بۇ خىل جىنايى قىلمىشلار بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا نيو يورك شىتاتىدىكى روچېستىدىن سارگېنت ئېنگلاندنىڭ بۇرۇنقى پاتېنت قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ 1973-يىلى سائەت ئورنىتىلغان بىر خىل قۇلۇپ ئىجاد قىلغان، بۇ خىل قۇلۇپ سېلىنغان بىخەتەر ئىشكاپنى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا ئاچقىلى بولىدىكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#