تۆگىچى يېزىسى

تۆگىچى يېزىسى

تۆگىچى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. تۆگىچى يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653126204 تەۋەسىدىكى 16 كەنت كومىتېتى ۋە بىر باغۋەنچىلىك مەيدانى، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى بار.

ئۇيغۇرچە نامى تۆگىچى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون
يەر مەيدانى 40.75 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 吐古其乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
نوپۇسى 16 مىڭ ئادەم
ماشىنا كودى 新Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۆگىچى يېزىسىتۆگىچى يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. قاغىلىق ناھىيە تۆگىچى يېزىسى تەۋەسىدىكى 16 مەمۇرىي كەنت، بىر باغۋەنچىلىك مەيدانى، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى، 69 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 3280 ئائىلە، نوپۇسى 16 مىڭ ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 40.75 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 28 مىڭ 900 مو. 2006-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن دەپ نام بېرىلگەن.

تۆگىچى يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي ناھىيە بازىرىنىڭ 5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، يېزا تەۋەسىدىكى جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى 13.5 كىلومېتر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 5.5 كىلومېتىر. كۆلىمى 40.75 كۋادرات كىلومېتىر. شەرق تەرىپى بەشئېرىق يېزىسى، جەنۇبتا تېتىر يېزىسى، چاسامېچىت يېزىسى، غەربىي تەرىپى يىتىملىقۇم يېزىسى، بارىن يېزىسى بىلەن چېگرلىنىدۇ، شىمال تەرىپى بىلەن جايتېرەك يېزىسى تۇتىشىدۇ.

تۆگىچى يېزىسى كىلماتى تىپىك ئىللىق مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ. كۆپ قىسىم تەۋەلىكىدىكى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى ئىچىدە، تـۆۋەن قىسمى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1340 مېتىر، ياۋرو-ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقى رايونى، مەركىزىي رايونى، ئوتتۇرا رايونى، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، تۇپراق قاتلىمى قېلىن، يەر ئاستى سۇ ئورنى بىر قەدەر يۇقىرى، %72 سۇغىرىلما–تىنما تۇپراق، %17.5 چىملىق توپا، %10.5 ئورگانىك ماددا تەركىبى %0.61، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان فوسفور مىقدارى 1.92 PPM بولغان نەم تۇپراق. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، تۆت پەسىل ئېنىق، قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، ئىسسىقلىق ۋاقتى ئۇزۇن، ئەتىياز پەسلىدە قۇم-بوران كۆپ بولۇپ، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى، بىر تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك چوڭ يېزىسى.

تۆگىچى يېزىسىتۆگىچى يېزىسىغا قاراشلىق 16 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومتېتى، بىر باغۋەنچىلىك مەيدانى، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى بار بۇلۇ، بۇلار: باش تۈگىچى كەنتى، ئوتتۇرا تۇغچى كەنتى، ئاياغ تۆگىچى كەنتى، كونا توقائېغىل كەنتى، يېڭى توقائېغىل كەنتى، ئاقتاش كەنتى، ئاياغ سۆگەتئېرىق كەنتى، ئوتتۇرا سۆگەتئېرىق كەنتى، سۆگەتئېرىق كەنتى، باش سۆگەتئېرىق كەنتى، يۇقارقى سۆگەتئېرىق كەنتى، ۋېيقۇمبا كەنتى، باش قۇمبا كەنتى، ئوتتۇرا قۇمبا كەنتى، ئاياغ قۇمبا كەنتى، باشگەمۇ كەنتى، تۇغۇچى باغۋەنچىلىك مەيدانى، ئاقتاش دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار. 

2007-يىلى يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 103 مىليون 406 مىڭ يۈەن، %43 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ 88 مىليون 360 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، %36 ئاشقان. 2-كەسىپنىڭ 2 مىليون 520 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، %76 ئاشقان. 3- كەسىپنىڭ 4 مىليون 850 مىڭ يۈەن بولۇپ، %58 ئاشقان. ئەمگەك-مۇلازىمەت چىقىرىش 7 مىليون 680 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، 20% ئاشقان. 2007-يىلى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3642 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئاشقان، كىرىمىنى ئاشۇرۇش 995 يۈەن بولغان.

تۆگىچى يېزىسىپۈتۈن يېزىدىكى 16 مىڭ كىشى ئىچىدە %95 ئاھالىسى يېزا نوپۇس، ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزا دېھقانلار مەسىلىسى پارتكوم، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم نۇقتا خىزمىتىنىڭ ئاساسى. 2006-يىلىدىن بۇيان، يېزا بويىچە 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 16 مەمۇرىي كەنتتە ھەر قايسى كەنت ئىشخانا مۇھىتى يېڭىدىن ياسالغان ۋە رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى، قۇرۇلۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۆت يىلدىن بۇيان يېزا بويىچە جەمئىي 2000 دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، يېزا بويىچە ئومۇمىي دېھقان ئائىلىسى %75 تىن يۇقىرى. ھېساپ تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنىڭ كونكىرىت ئۇسۇلى ئادەتتە مەملىكەت بويىچە بانكىلار ئارا مۇئامىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولغان. پۈتۈن يېزا يوللىرى راۋان، مەھەللە پاكىز، كۆركەم، چىرايلىق، سالاپەتلىك، گۈزەللىك قارىشى بۇلۇپ، كۆكەرتىلىشنى كەنتنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. سالا ئېتىز يۈرۈشى ھەممە يەردە زامانىۋى يېزا پۇرىقى.

2007-يىلى ناھىيەلىك پارتىكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە يېزا بويىچە يۇقىرى-تۆۋەن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم، ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە ناھىيەلىك پارتكوم تۈرلۈك زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ پىداكارلىق كۆرسىتىش، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ مەركىزى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئامانلىق بەرپا قىلىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ۋاسىتە، يېڭى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىپ يېڭى يېزا قۇرۇش. پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئاساسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىپ،  ھـەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ جاپاغا چىداپ ئىلگىرىلەشتەك ئاكتىپ خىرىسنى كۈتۈۋېلىپ، پۇختا تەرەققىياتىنى كۆزلەپ يېزا ئىقتىسادىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، مۇقىم، خەلق ئاسايىشلىقتا ئۆتۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.

كەنت ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىپ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 2007-يىلى «11-بەش يىللىق» يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي نىشاننى «ياخشىلاپ ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، باغۋەنچىلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇش، چارۋىلارنى كېڭەيتىش تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، 2-، 3-كەسىپ ئەمەلىي كۈچ» ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى چىڭ تۇتۇپ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشقا ئاشۇرۇپ پۈتۈن يېزا خەلق ئىگىلىكى مۇقىم تېز ئاشقان. 

تېرىقچىلىقى 

تۆگىچى يېزىسىتېرىقچىلىق جەھەتتە 2007-يىلى ئاشلىق 24 مىڭ 500 مو (بۇنىڭ ئىچىدە 13 مىڭ 500 مو بۇغداي تېرىش)، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 13 مىليون 280 مىڭ يۈەن. كۆپ قېتىم ھوسۇل ئېلىنىدىغان تېرىلغۇ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان ھەمدە تېرىقچىلىق ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كۆپ قېتىم ھوسۇل ئېلىنىدىغان تېرىلغۇ 10 مىڭ 500 مو (بۇنىڭ ئىچىدە خاسىڭ 5000 مو، قوش پەردىلىك قوغۇندىن 3000 مو، پۇرچاق 1770 مو). 

ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى

ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلگەن. 160 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ 600 دىن ئارتۇق چوڭ لاپاس يوتقان، رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش، چوڭ لاپاس 30 ى بار بولۇپ، يېزا بويىچە 631 پارنىك، ئۈچ قېتىم يىغىپ تېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بىرلىك مەھسۇلات ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ يەككە لاپاس، لاپاس ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 5000 يۈەندىن يۇقىرى، يوتقان چوڭ لاپاسنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 6000 يۈەندىن يۇقىرى، دېھقان-چارۋىچىلار تېرىقچىلىق كەلگەن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 1118 يۈەن بۇلۇپ، يىلدىكىدىن 102 يۈەن كۆپەيگەن. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى %30.7 نى ئىگىلىگەن. 

باغۋەنچىلىكى 

تۆگىچى يېزىسىئورمان باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ ئورنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەنگەن بۇلۇپ، 467 مىڭ مو ئىقتىسادىي ئورمان، (بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاق 337 مىڭ مو)، كۆچۈرۈپ تىكىش ئىھاتە ئورمىنى 31 مىڭ مو، ئۇلاشقا ئىشىلتىلدىغان ياڭاق 2400 تۈپ بولۇپ، 120 توننا ئوغۇت توپلاش، 170 توننا كۈنجۈرە، پۈتۈن يېزىدىكى مىۋىلىك 3 قېتىم قوشۇمچە ئوغۇتلاش ئېلىپ بارغان. پۈتۈن يېزا باغۋەنچىلىك مېۋە بەرگەن كۆلىمى 27 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاق 24 مىڭ 500 مو، ئۆرۈك 3700 مو، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 3900 توننا (بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاق نەتىجىدە كۆلىمى 14 مىڭ مو بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1420 توننا)، دېھقان-چارۋىچىلار ئىچىدە ئورمان باغۋەنچىلىكىدىن كىرگەن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 1302 يۈەن، يىلدىكىدىن 556 يۈەن كۆپەيگەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ٪35.7 نى ئىگىلىگەن. 

چارۋىچىلىقى 

تۆگىچى يېزىسىچارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم ئاشقان. 12-كەنتى ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق مەركىزى قۇرۇپ، چۈجە بېقىش مەيداننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق 280 مىڭ دانە، 234 مىڭ دانە قۇش .ۈنۈملۈك بېقىلغان. يىل ئاخىرىدا قالغان چارۋا 39559 تۇياق (دانە)، قوتاندىن چىققىنى 36580 تۇياق (دانە)، 22 مىڭ 500 تۇياق چارۋا نەسلىنى ياخشىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە كالا 2250 تۇياق، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ چارۋىچىلىق كەلگەن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 513 يۈەن، 2006-يىلدىكىدىن 73 يۈەن كۆپەيگەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ %14.1 نى ئىگىلىگەن.

 2-، 3-كەسىپ

 2-، 3-كەسىپنىڭ نىسبىتى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن، يېزا بويىچە يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان دۇكان جەمئىي 55، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانى 471 ئادەمگە يەتكەن؛ شەخسلەر ئىگە بولغان ھەر خىل يولۇچى سېلىش تۇشۇش ئاپتوموبىل 134. دېھقانچىلىق ئاپتوموبىلى، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى تراكتور 670، ترانسپورت بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللانغان ئادەم سانى 300 ئادەمدىن ئارتۇق؛ مۇقىم قۇرۇلۇش كەسپىدە 230 ئادەمدىن ئارتۇق، قىسقا مۇددەت، ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم سانى 1070 ئادەمدىن ئاشقان. 

يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەش

تۆگىچى يېزىسىبىر يىلدا يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەش 1945 ئادەم (قېتىم)، جەمئىي يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش 5540 ئادەم (قېتىم)، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە يۆتكەلگەن يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى 5459 ئادەم (قېتىم)؛ ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش 81 ئادەم (قېتىم)، 34 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياشلار سىرىتقا يەتكۈزۈلۈپ بېرىپ چىڭداۋ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، دېھقان-چارۋىچىلار، 2 ـ ،3- كەسىپتىن كەلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشتىن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 709 يۈەن بۇلۇپ، 2006-يىلدىكىدىن 264 يۈەن كۆپەيگەن. 2007-يىلى يېزا بويىچە دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3642 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئېشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش 995 يۈەن.

تۆگىچى يېزىسى ئەسلىھەلىك دېھقانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىش، ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش، پەسىلسىز كۆكتات تېرىش قاتارلىقلارنى «يېشىل» ماركا قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ھېساپ تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنىڭ كونكىرىت ئۇسۇلى ئادەتتە مەملىكەت بويىچە بانكىلار ئارا مۇئامىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولغان. يېزا بويىچە جەمئىي 1000 دىن ئارتۇق چوڭ لاپاس، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دېھقانلار تېرىغان لاپاس 670 گە، 780 موغا يەتكەن. يىللىق ئىشلەپچىقىرىلغان كۆكتات، مېۋە-چېۋە 4000 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، ئۈرۈمچى، كورلا، ئالى رايونى ۋە خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە سېتىلىپ، بازىلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەنگەن. ئاساسلىق زىرائەتلەردىن قىزىلمۇچ، تەرخەمەك، پەمىدۇر، پىدىگەن، كۆك پۇرچاق، تاۋۇز، قوغۇن، بۆلجۈرگەن قاتارلىق ئون نەچچە تۈرى بار. 

قولدا گىلەم توقۇش

تۆگىچى يېزىسىتۆگىچى يېزىسىنىڭ قولدا گىلەم توقۇشى، گىلەم قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆيدە كەم بولمايدىغان ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم، كىگىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆركەم، پىششىق، تازىلاش ئاسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. سېلىنچا قىلىپ ئىشلىتىشكە قولايلىق، مېھمانلار باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغاندا يېقىملىق، تەبىئىي كۆرۈنىدۇ. يەنە بىر خىل بېزەك بۇيۇم بولىدۇ. گىلەم ئىشلەپچىقىرىشى بەلگىلىك ھۈنەر-سەنئىتى ۋە تەرتىپى خام ئەشيا قىلىنىپ، ئاساسلىقى ساپ قوي يۇڭى ئاساس قىلىندۇ، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ قوي يۇڭى خام ماتېرىيالى مول بولغاچقا گىلەم ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەييار گىلەم باھاسى ئەرزان ھەم پاسون ۋە تۈرى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#