سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى

سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى

سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش، سۇلۇق ئىششىق بولۇش، سۈيدۈكتە ئاقسىل، قەنت بولۇش، قان بېسىمى يۇقىرىلاش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش ئىپادىلىرى بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان سوزۇلما بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق خاراكتېرلىك كېسەللىك .

غەرب تېبابىتى نامى سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم بۆرەك كېسللىكلىرى بۆلۈمى
خەنزۇچە نامى 慢性肾炎
كېسەللىك ئورنى بۆرەك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنىڭ تولۇق ياخشىلانماسلىقى ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بۆرەك شارچىلىرى ۋە بۆرەك توقۇلمىلىرى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش، سۇلۇق ئىششىق بولۇش، سۈيدۈكتە ئاقسىل، قەنت بولۇش، قان بېسىمى يۇقىرىلاش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش ئىپادىلىرى بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان سوزۇلما بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. مەزكۇر كېسەللىكنىڭ جەريانى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، 3~5 يىلغىچە بولىدۇ.

سوزۇلما بۆرەل ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتىدە كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھابى كۇليە مۇزمىن» دەپ ئاتىلىدۇ.

سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى-سوزۇلما بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغى، يوشۇرۇن خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغى، سوزۇلما ئارىلىق ماددا خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

1. ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنىڭ تولۇق ياخشىلانماي سوزۇلما ھالەتكە ئۆتۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. بۆرەك مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى بۆرەك شارچىلىرى ۋە توقۇلما ئارىلىق ماددىلىرىغا تەسىر قىلغاندا ماددا ئالمىشىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئورۇن توقۇلمىلىرىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بىلەن بىرگە چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە تۇرۇپ قالغان چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلار يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ياللۇلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ھەرخىل يۇقۇملىنىش خاراكتېلرىك كېسەللىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بادامسىمانبەز ياللۇغى، ئۈستۈنكى نەپەس يولى ياللۇغى، بەزگەك قاتارلىق كېسەللىكلەردىكى سىرغىتما ماددىلارنىڭ قانغا قوشۇلۇپ قان ئايلىنىش ئارقىلىق بۆرەك شارچىسى ۋە توقۇلمىلىرىغا كەلگەندە يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلىشى سەۋەبىدىن ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. سوزۇلما زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

مەسىلەن: ئۇزۇن مۇددەت كۆپ ھاراق ئىچىش ۋە قوغۇشۇندىن، ئېغىر مېتاللاردىن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن بۆرەك شارچىلىرى ۋە بۆرەك توقۇلمىلىرى زەخىملىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. سوزۇلما بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى: كېسەللىك سەۋەبى، كېسەللىك جەريانى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ھەرىكەتلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن كېسەللىك ئۆزگىرىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. دەسلەپكى دەۋردە بۆرەك شارچىلىرى قىل قان تومۇرلىرىنىڭ ئىچكى تېرە ھۈجەيرىلىرى ئۆسۈپ، ياللۇغلۇق ھۈجەيرىلەر سىزىپ چىقىدۇ، نەيچە بوشلۇقى تارىيىپ نېگىز پەردىلەر قېلىنلايدۇ. لېكىن سۈزۈش تۆشۈكى چوڭىيىدۇ. بۆرەك شارچە خالتا ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى ئۆسۈپ «يېڭى ئايسىمان تەنچە» ھاسىل قىلىدۇ. بۆرەك نەيچە ئېپىتېلىيە ھۈجەيلىرىدە دۇغلىشىش ۋە ياغلىق ئۆزگىرىش بولۇپ، نەيچە بوشلۇقلىرىدا تۆكۈلگەن ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ۋە سىلىندىر قاتارلىقلار بولىدۇ. بۆرەك ئارىلىق ماددىلىرىدا سۇلۇق ئىششىق ۋە لىمفا ھۈجەيرىلەر ئىنفېلتراتسىيىلىنىش بولغانلىقى ئۈچۈن بۆرەك چوڭىيىپ تاتىرىدۇ، بۇ «چوڭ ئاق بۆرەك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئاخىرقى دەۋردە كۆپ ساندىكى بۆرەك شارچىلىرىدا تالالىشىش ۋە ئەينەكسىمان ئۆزگىرىش بولۇپ، بارلىق بۆرەك نەيچىلىرىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يىگلەش بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بۆرەك بىرلىكىنىڭ قۇۇرلمىسى پۈتۈنلەي يوقىلىپ، بۆرەك ئارىلىق ماددىلىرىدا تالالىق توقۇلمىلار قېلىپقالغان بۆرەك بىرلىكلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش خاراكتېرلىك ئۆسۈش ياكى قېلىنلاش بولغانلىقتىن بۆرەك سىرتقى يۈزىدە مۇدىر پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۆرەك ئەسلىدىكىدىن كىچىكلەپ كېتىدۇ. بۇ «قورۇلغان كىچىك بۆرەك» دەپ ئاتىلىدۇ.

2. سوزۇلما ئارىلىق ماددا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى:

ھەر ئىككى بۆرەك كىچىكلەيدۇ، بۆرەك ماددىسى تالالىشىدۇ، بۆرەك ئارىلىق ماددىلىرى تالالىشىپ لىمفا ھۈجەيرىسى ۋە تاق يادرۇلۇق ھۈجەيرىلەر سىرغىپ چىقىدۇ. بۆرەك كىچىك نەيچىسى تالالىشىدۇ، ئېغىرلاشقان ۋاقىتتا بۆرەك شارچىلىرى تالالىشىپ ۋە بۆرەك شارچىلىرىغا قان يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قېتىشىش بولىدۇ.

1. سوزۇلما ئىششىق بولىدۇ، قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ، سۈيدۈكتە قان، ئاقسىل ئالامىتى، يۇقىرى قان بېسىملىق يۈرەك كېسىلى ۋە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ، يەڭگىل بولغاندا ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ئېغىر بولغاندا كېسەللىك ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ بىرقانچە ئاي ئىچىدىلا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش باسقۇچىدا كىرىدۇ. بەزىلەردە بىرقانچە يىل داۋاملىشىدۇ. بۇ جەرياندا كېسەل كۆپ قېتىم قوزغىلىدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قان ئازلىق بولىدۇ. كۆز ئاستى قان تومۇرلىرى سپازمىلىنىپ، توزغاقسىمان ماددىلار سىزىپ چىقىدۇ. ئارتېرىيە ئىنچىكىلەپ كېتىدۇ، ئارتېرىيە-ۋېنا قان تومۇرلىرىنىڭ قايچىلىشىپ بېسىلىش قاتارلىق يۇقىرى قان بېسىم خاراكتېرلىك كۆز ئاستى ئۆزگىرىش ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغان بىمارلاردا كۆرۈش ئۆسۈكچە سۇلۇق ئىششىقى ۋە كەڭ دائىرىلىك قاناش بولىدۇ.

سوزۇلما بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغى تۆۋەندىكى تۆت تىپقا بۆلىنىدۇ.

1) ئادەتتىكى تىپى:

كېسلەلىك جەريانى ئۇزۇن بولىدۇ. سوتكىلىق سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارى 1.5-3.5g بولىدۇ. ئادەتتىكى ئاقسىلنى ئېنىقلاشتا +~+++ بولىدۇ. قان بېسىمى يەڭگىل ياكى ئوتتۇراھال دەرىجىدە يۇقىرىلايدۇ. سۈيدۈكتە قىزىل قان ھۈجەيرىسى ۋە سىلىندىر بولىدۇ.

2) ئوتتۇراھال تىپى: بىر سوتكىلىق سۈيدۈكتىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى 3.5g دىن يۇقىرى بولىدۇ. ئادەتتىكى ئاقسىل ئېنىقلاش ئۇسۇلىدا +++ دىن ئېشىپ كېتىدۇ. قان پلازما ئاقسىلى تۆۋەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاق ئاقسىل 3g% دىن تۆۋەن بولىدۇ. يەڭگىل ياكى ئېغىر دەرىجىدە سۇلۇق ئىششىق بولىدۇ.

3) يۇقىرى قان بېسىم تىپى: يۇقىرىدىكى تىپىنىڭ ئىپادىلىرىدىن باشقا قان بېسىمدا ئوتتۇراھال دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلەش بولىدۇ.

4) ئۆتكۈر قوزغىلىش تىپى: كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز يۇقۇملىنىش، ھېرىپ-چارچاش، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن ئۆتكۈر قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالامەتلىرى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىگە ئوخشاش بولىدۇ. قان ئازلىق، داۋاملىشىش خاراكتېرلىك يۇقىرى قان بېسىم، قان پلازما ئاقسىلى تۆۋەنلەش، قاندىكى خولېستېرىن تۆۋەنلەش، كۆز ئاستىنى تەكشۈرگەندە سىزىپ چىققان سىرغىتما ماددىلار بولۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.

يوشۇرۇن خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئالامىتى

سوتكىلىق سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارى0.2 گرامدىن يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن 1.5 گرامدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قايتا-قايتا قوزغىلىش خاراكتېرلىك ياكى داۋاملىشىش خاراكتېرلىك مىكروسكوبتا كۆرۈنىدىغان قان سىيىش بولىدۇ. بەزىدە كۆز بىلەنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. بۆرەك خىزمىتى نورمال بولۇپ، كۆرۈنەرلىك ئالامەتلەر بولمايدۇ. ئۆرەتۇرۇش خاراكتېرلىك ئاقسىل سىيىش بولىدۇ، بۇ ياش-ئۆسمۈرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇشتىن بۇرۇنقى سۈيدۈكتە ئاقسىل بولمايدۇ. ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىنكى سۈيدۈكتە ئاقسىل كۆرۈنىدۇ. تۈز يېتىپ ئارام ئالغاندىن ك ېيىن سۈيدۈكتىكى ئاقسىل ئازىيىدۇ ياكى يوقىلىدۇ.

سوزۇلما ئارىلىق ماددا خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئالامىتى

بۆرەك نەيچىسىنىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بۆرەك مەنبەلىك قەنت سىيىش كۆرۈلىدۇ. بۆرەك كىچىك نەيچىسىنىڭ قىسقىرىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، كېچىلىك سۈيدۈك مىقدارى كۆپىيىدۇ. سۈيدۈكنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى، سىرغىپ چىقىش بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ. كرېئاتىن يۇقىرىلايدۇ. قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ. كەم قانلىق ۋە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش ئىپادىلىرى بولىدۇ. سۈيدۈكتە ئاقسىل سىيىش، سۈيدۈك چۆكمىسىدە قىزىل قان ۋە ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ۋە سىلىندىر كۆرۈلىدۇ.

سوزۇلما بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىنىڭ دىئاگنوز ئاساسى

1) تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

سۇلۇق ئىششىق، قان بېسىمى يۇقىرىلاش، قان سىيىش قاتارلىقلار بىلەن بىرگە يۇقىرى قان بېسىملىق يۈرەك كېسىلى ۋە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى، ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرى ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2) قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

سۈيدۈك تەكشۈرگەندە سۈيدۈك مىقدارى كۆپىيىپ سۈيدۈكنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ، سۈيدۈكتە ئاقسىل كۆرۈلىدۇ، سۈيدۈك چۆكمىسىدە قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى، سىلىندىر كۆرۈلىدۇ (كۆپىنچە چوڭ دانىچە سىلىندىر ۋە شارسىمان سىلىندىر كۆرۈلىدۇ).

قان تەكشۈرگەندە قىزىل قان ھۈجەيرىسى بىلەن ھېموگلوبىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. قان پلازما ئاقسىلى تۆۋەنلەيدۇ. خولېستېرىن كۆپىيىدۇ. بۆرەك خىزمىتى تولۇق بولمىغاندا قاندىكى ئۇرېئا ئازوتى ۋە كرېئاتىتىن كۆپىيىپ كېتىدۇ. %50 يۇقىرى قان بېسىم تىپىدىكى ۋە ئاز ساندىكى ئوتتۇرا تىپىدىكى بىمارلاردا قان زەردابىدىكى CO2 تۆۋەنلەيدۇ.

يوشۇرۇن خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىنىڭ دىئاگنوز ئاساسى

سوتكىلىق سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارى 0.2g دىن يۇقىرى بولۇش( 1.5g دىن كۆپ بولمايدۇ) سۈيدۈكنى تەكشۈرگەندە كۆپىنچە مىكروسكوپتا كۆرگىلى بولىدىغان قان سېيىش، ئۆرە تۇرۇش خاراكتېرلىك ئاقسىل سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

سوزۇلما ئارىلىق ماددا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىنىڭ دىئاگنوز ئاساسى

بۆرەك مەنبەلىك سۈيۈدكتە قەنت بولۇش، كېچىلىك سۈيدۈك مىقدارى كۆپىيىش، سۈيدۈكنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى ۋە سىرغىش بېسىمى تۆۋەنلەش، قان بېسىمى يۇقىرىلاش، كەم قانلىق، سۈيدۈكتە يەڭگىل دەرىجىلىك ئاقسىل بولۇش، سۈيدۈك چۆكمىسىدە قىزىل قان، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ۋە سىلىندىر كۆرۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1. سوزۇلما بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

سوزۇلما بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغىدىكى قىزىش، توڭۇپ تىترەش، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، سىيگەندە ئىچىشىش، ئاغرىش، بەل ئاغرىش، سۈيدۈكتىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى كۆپ بولۇش، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارى ئاز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىدىكى بۆرەك زەخىملىنىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىدىكى بۆرەك زەخىملىنىش 50ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئىلگىرى ئۇزۇن يىللىق يۇقىرى قان بېسىم تارىخى بولۇش، دەسلەپتە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىك تارىخى بولۇپ، ئاندىن بۆرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3. باشقا كېسەللىكلەر، ئاللېرگىيىلىك سۆسۈن داغ، سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى قاتارلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

1. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4. بۆرەك، مېڭە، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

5. قان تولۇقلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلاردىن كەرەپشە ئۇرۇقى، كاكىنەج، كاسىنە ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىردىن 12~9 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ، گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەپ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

كەرەپشە ئۇرۇقى ئالتە گرام، رەۋەن، تاتلىق قۇستە تۆت گرام، مەستىكى بەش گرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، ئاندىن رەۋەن، مەستىكى تالقىنىنى ۋە ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 20 مىللىلىتىرىدن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ئىزخىر، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 20 گرامدىن ئېلىپ، 300 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

بابۇنە گۈلى، سېرىقچېچەك، شۇمشا 10 گرامدىن، ھۆل بەدىيان غولىنىڭ سىقىلغان سۈيى ياكى بەدىيان قاينىتىلمىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، بەدىياننىڭ سىقىلغان سۈيى ياكى بەدىيان قاينىتىلمىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، داكىنى نەمدەپ، ئىلمان ھالدا بەل قىسمىغا قويۇلىدۇ.

بەدىيان، بىنەپشە، كەرەپشە ئۇرۇقى، سانا، كاسىنە ئۇرۇقى، قىزىلگۈل، بادىرەنجى بۇيا، نېلۇپەر 12 گرامدىن، سەرپىستان، چىلان 15 گرامدىن، ئەنجۈر قېقى 10 گرام،ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى تۆت گرام، خىيارشەنبەر، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 50 گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

كەرەپشە ئۇرۇقى 150 گرام، ئارپىبەدىيان، نانىخۇا، كاسىنە ئۇرۇقى 20 گرامدىن، كاكىنەچ، ئەنجۈر، قوغۇن ئۇرۇقى 30 گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئەرقى كاكىنەج كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر  قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، كاكىنەج شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، كەرەپشە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھە رقېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، قۇرسى كاكىنەج كۈندە ئۈ چقېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن، قۇرسى بانادۇق كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن كېسەللىك ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

يۈرەك، مېڭە، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، داۋائىل كۇركۇم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 7~5 گرامدىن، مەجۇنى ئاساناسىيا كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

قان تولۇقلاش مەقسىتدە مەجۇنى دەبدۇل ۋەرد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى خوخوفىلھىد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلاش، بۆرەك ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ئامىلە نۆشىدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جارارىش زەرئۇنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى سۆئىلەپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، لۇبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، تۇزلۇق، غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان، تۇز مىقدارى تۆۋەنرەك بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر تاللاپ بېرىلىدۇ.

3. قان بېسىمى نورماللىشىشتىن بۇرۇن كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىشتىن، كېسەللىككە قارىتا كۈچلۈك سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىشتىن، سوغۇق ئۆتكۈزۈش، زۇكام بولۇشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاش، غەم ئەندىشە ۋە ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش، قان بېسىمى يۇقىرى بولغاندا قان بېسىمى نورماللاشقانغا قەدەر مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، قان بېسىمى نورماللاشقاندىن كېيىن يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش لازىم.

ۋاقتىدا ياخشى داۋالش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ بۆرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق، يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق، يۇقىرى قان بېسىملىق مېڭە كېسەللىكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#