ئۇيغۇرچە نامى قىزىلتو يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 3882 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى غەربىي شىمال ئېگىز تاغ سوغۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 克孜勒陶乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاقتۇ ناھىيەسى
نوپۇسى 8675 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىلتو يېزىسىقىزىلتو يېزىسى شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا. 1966-يىلى قىزىلتو گۇڭشېسى بۇلۇپ قۇرۇلغان، 1967-يىلى نامى «قىزىل يۇلتۇز» گۇڭشېغا ئۆزگەرتىلگەن، 1984-يىلى قىزىلتو يېزىسى بۇلۇپ تەسىس قىلىنغان. ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 121 كىلومېتىر. كۆلىمى 3882 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ،قىزىلتو يېزىسىغا قاراشلىق 8 مەمۇرىي كەنت، 33 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، نوپۇسى 2178 ئائىلە، 8675 ئادەم، قىرغىز، ئۇيغۇر قاتارلىق ئىككى مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار %99.16 ئىگىلەيدۇ. ئىقتىسادى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا بويىچە 318.7 گېكتار تېرىلغۇ يەر بار بولۇپ، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، ئارپا قاتارلىق ئاشلىق زىرائىتى تېرىلىدۇ، 86.8 گېكتار ئورمان كۆلىمى بار.  

قىزىلتو يېزىسىقىزىلتو يېزىسىغا قاراشلىق ئوردولۇڭ ئوزۇ كەنتى، قاراۋۇل كەنتى، تاركېچىك كەنتى، تويۇندۇق كەنتى، تام كەنتى، قاپقا كەنتى، چىمگەن كەنتى، ئارپىلىق كەنتى قاتارلىق سەككىز كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بار.

قىزىلتو يېزىسىقىزىلتو يېزىسى شەرقىي مېرىدىئان′41°76~′2°75، شىمالىي كەڭلىك ′56°38~′06°38 ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ، ئاقتۇ ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، شەرقىي يېڭىسار ناھىيەسى قىزىل يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا ئاقتالا چارۋىچىلىق فېرمىسى، چارلۇڭ يېزىسى، كوسىراپ يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربتە بۇلۇڭكۆل يېزىسى بىلەن قوشنا، شىمالىي يېڭىسار ناھىيەسى ئۇچار يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. قاراشلىق رايون شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 501 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 75 كىلومېتىر.

قىزىلتو يېزىسىقىزىلتو يېزىسى غەربىي شىمالىدىكى ئېگىز تاغ سوغۇق كىلىماتىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 200-150 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ؛ شەرقىي جەنۇبى ئېگىز، كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃10.9 بولۇپ، قىروسىز مەزگىل 150 كۈن. ئىقتىسادىي چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، تېيىز تاغ باغرىدا ۋە دەريد ۋادىسىدا بىر قەدەر كۆپ بولغان ئەلا سۈپەتلىك يازلىق ئوت-چۆپ ئۆسىدۇ. ئاساسلىق دەريادىن ئېگىز يار دەرياسى بار.

قىزىلتو يېزىسى قىزىلتو يېزىسىدا ئۇلار، موڭغۇل جەرىنى، ئارقار قاتارلىق قىممەتلىك ھايۋانلار؛ ياۋا قار لەيلىسى، سۇغۇر سېسىقئوتى، جۇڭگو داڭگۇنى كىرەش ،قورچاققول، يەرمەدىكى، توشقان زەدىكى، ئەڭلىكئوت، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەر بار؛ قېزىلما بايلىقى مول، ئاساسلىق قوغۇشۇن، سىنىك، تۆمۈر، كۆمۈر، مەرمەر تاش، كرىستال قاتارلىق مېتال رۇدىسى ۋە مىنېرال رۇدا كېنى بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#