قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغى

قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغى

بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ بىر-ئىككى كۈن قىزىتىش، ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، يۈز ۋە بويۇنلار ئىششىپ، تاماق يېيەلمەي قېلىش، ئۇخلىغاندا جۆيلۈش، بەزىلىرىدە ئىششىق ئېغىز ئالغاندىن كېيىن يېنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

غەرب تېبابىتى نامى قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى يۇقۇملىنىش ۋە خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش
ئاساسلىق ئالامىتى ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: قۇلاق يۇمشىقىنىڭ ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان بىر جۈپ بەز قىزىرىپ ئىششىش، بىر-ئىككى كۈن قىزىتىش، ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، يۈز ۋە بويۇنلار ئىششىپ، تاماق يېيەلمەي، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، يۈز ۋە بويۇنلار ئىششىپ، تاماق يېيەلمەي قېلىش، ئۇخلىغاندا جۆيلۈش، بەزىلىرىدە ئىششىق ئېغىز ئالغاندىن كېيىن يېنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىتەركىبى: بىنەپشە، ئاق لەيلىگۈلى، شۇمشا 30 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: شۇمشىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شۇمشىنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىر تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم قۇلاق ئاستىغا سىرتتىن چېپىلىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: ئوسما يىلتىزى 30 گىرام، ئەڭلىكئوت 15 گىرام، شېكەر، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: ئاق لەيلىگۈلى، بىنەپشە، ئەنگۈر شىپا ئالتە گىرامدىن، نېلۇپەر تۆت گىرام، خەشخاش غوزىسى تۆت دانە، سۈت 250 مىللىلىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۈتتە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم قۇلاق ھوردىتىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#