بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى غەملەش، باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى

بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى غەملەش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى غەملەش، باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى 2012–يىلى 12–ئاينىڭ 7–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 35–قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى غەملەش، باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2013–يىلى 3–ئاينىڭ 1–كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 180–نومۇرلۇق پەرمانى
خەنزۇچە نامى 建筑工程社会保险费统筹管理暂行办法
ماقۇللانغان ۋاقتى 2012–يىلى 12–ئاينىڭ 7–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 180–نومۇرلۇق پەرمانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى غەملەش، باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» 2012–يىلى 12–ئاينىڭ 7–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 35–قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى.

ھازىر بۇنى ئېلان قىلدىم، 2013–يىل 3–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

2012–يىلى 19–دېكابىر

1–ماددا بۇ چارە بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى غەملەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىنكارلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىناكارلىق كارخانىلىرىدىكى كەسىپكارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2–ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇش، ئاجرىتىش، تەڭشەش، ئىشلىتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ.

3–ماددا بۇ چارىدە دېيىلىۋاتقان بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئۆي–ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى سېلىش، بېزەش ھەم سىم يولى، تۇرۇبا يولى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى يانداشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى، شۇنداقلا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجازىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئورمان قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ چارىدە دېيىلىۋاتقان بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش باھاسىغا كىرگۈزۈلگەن، بىناكارلىق كارخانىلىرىدىكى كەسىپكارلار ئۈچۈن تاپشۇرۇلىدىغان ياشانغاندا كۈتۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشىدۇر.

4–ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى غەملەش، باشقۇرۇشتا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلۇپ، يىغىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىش، يىغىلغىنىغا قاراپ تولۇقلىمىنى بېكىتىش، ئىلمىي تەڭشەش، ئاشكارا، ئېنىق بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنىڭ كىرىم–چىقىم تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىناكارلىق بازىرىنىڭ خېيىم–خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

5–ماددا ناھىيە (شەھەر) دىن يۇقىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىنكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى غەملەشكە ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، كونكرېت خىزمەتنى قارىمىقىدىكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى غەملەپ باشقۇرىدىغان ئاپپارات (تۆۋەندە غەملىگۈچى ئاپپارات) نىڭ يولغا قويۇشىغا ھاۋالە قىلىدۇ؛ غەملىگۈچى ئاپپارات تەسىس قىلمىغان ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭكىنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) غەملىگۈچى ئاپپارات ئۈستىگە ئالىدۇ. غەملىگۈچى ئاپپاراتنىڭ خىزمەت خىراجىتى خامچوت بويىچە باشقۇرۇلۇپ، مالىيەدىن كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

ناھىيە (شەھەر) دىن يۇقىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە مەمۇرىي تەپتىش قاتارلىق تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

6–ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن (تۆۋەندە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دەپ قىسقارتىلدى) مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى كېمەيتىشىگە، كەچۈرۈم قىلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا ۋە تۇتۇپ قېلىشىغا بولمايدۇ.

7–ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىدا ئىش باشلاشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇش، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن راسچوت قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجازىتىنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان ئورگان ئۇنىڭغا غەملىمە ئاپپاراتىدا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

بىناكارلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈن نەق چوت قىلىنغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن غەملىمە ئاپپاراتىغا قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش راسچوتىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ھۆججىتىنى تاپشۇرىدۇ، غەملىمە ئاپپاراتى تاپشۇرۇلغان بىنكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى ھېسابلاپ ئارتۇقىنى قايتۇرۇپ، كېمىنى تولۇقلىتىدۇ.

8–ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇش ئۆلچىمىنى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ھېسابلاب بېكىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئېلان قىلىپ ئىجرا قىلىدۇ.

بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ئاپتونوم رايوننىڭ بىناكارلىق كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى، كەسىپكارلار سانى، تاپشۇرۇلغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى ئومۇمىي سوممىسى ۋە مال باھا سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشىلىدۇ.

9–ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى مالىيە مەخسۇس ئىسچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، كىرىم– چىقىم ئايرىپ باشقۇرۇلىدۇ.

10–ماددا غەملىمە ئاپپاراتى ئالغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلى ۋە تەڭشەش ياردەم پۇلى دەپ ئايرىلىدۇ. ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلى بىلەن تەڭشەش ياردەم پۇلىنىڭ نىسبىتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ غەملىمە ئاپپاراتى مۇۋاپىق بېكىتىپ ھەمدە مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھە–يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئېلان قىلىپ ئىجرا قىلىدۇ.

ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلى بىنكارلىق قۇرۇلۇشى قىلغۇچى كارخانىنىڭ كەسىپكارلار ئۈچۈن تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇشىغا؛ تەڭشەش ياردەم پۇلى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلغۇچى كارخانىنىڭ ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرغان كەسىپكارلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى پەرق سوممىسىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

غەملىمە ئاپپاراتى ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن نىسبەت بويىچە، ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلى، يۇقىرىغا تاپشۇرۇلىدىغان تەڭشەش ياردەم پۇلىنى تۇتۇپ قالىدۇ.

11–ماددا غەملىمە ئاپپاراتى شۇ يىللىق بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سېلىنما كۆلىمىگە ئاساسەن، ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلىنى ئاجرىتىش پىلانىنى تۈزىدۇ، پەسىل بويىچە شۇ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللايدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق غەملىمە ئاپپاراتى يۇقىرىغا تاپشۇرۇلىدىغان تەڭشەش ياردەم پۇلىغا ئاساسەن، تەڭشەش ياردەم پۇلىنى ئاجرىتىش پىلانىنى تۈزۈپ، يېرىم يىلدا بىر شۇ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللايدۇ.

مالىيە تارمىقى بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىشى ھەمدە ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلى، تەڭشەش ياردەم پۇلىنى غەملىمە ئاپپاراتىغا ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.

12–ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانا قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاتقان ھەمدە ئۈستىگە ئالغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرغان بولسا، مۇشۇ چارىنىڭ 7–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقىدا بەلگىلەنگەن غەملىمە ئاپپاراتىغا ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلىنى ئاجرىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلىنى ئاجرىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك:

1) كارخانا قانۇنىي ئىگىسىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، ساپا دەرىجىسى گۇۋاھنامىسى؛

2) كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملاش ھۆججىتى ۋە كەسىپكارلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا گۇۋاھنامىسى نومۇرى؛

3) قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىنىڭ بانكىدا ئاچقان بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى ساقلاش مەخسۇس ئىسچوت نومۇرى؛

4) بىناكارلىق قۇرۇلۇش قىلىش توختامى ۋە ئەنگە ئېلىنغان ھۆججەت.

ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىلار ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چىقارغان شىنجاڭدا رويخەتكە ئالدۇرغانلىق ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى؛ بۆلۈنمە ھۆددە كارخانىلار بۆلۈنمە ھۆددە توختامىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

13–ماددا غەملىمە ئاپپاراتى ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلىنى ئاجرىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە، تەكشۈرۈشنى تاماملىشى ھەمدە ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلىنى ئىلتىماس سۇنغان كارخانىنىڭ بانكىدىكى ئامانەت مەخسۇس ئىسچوتىغا كىرگۈزۈپ بېرىشى؛ ئاجرىتىپ بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىگە يازمىچە چۈشەندۈرۈش بېرىشى كېرەك.

14–ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە بۆلۈپ ھۆددىگە ئالغان ھەمدە ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلىنى باش ھۆددىگەر كارخانىغا تولۇق ئاجرىتىپ بەرگەنلەرگە باش ھۆددىگەر كارخانا مۇناسىپ سوممىدىكى ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلىنى ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.

باش ھۆددىگەر كارخانا بۆلۈپ ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانىغا ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلىنى ئاجرىتىپ بەرمىگەن بولسا، بۆلۈپ ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانا غەملىمە ئاپپاراتىغا شىكايەت قىلسا بولىدۇ؛ شىكايەتنى قوبۇل قىلغان غەملىمە ئاپپاراتى شىكايەتنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

15–ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانا غەملىمە ئاپپاراتى ئاجرىتىپ بەرگەن ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلىدىن كەسىپكارلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئېشىپ قالغان قىسمىنى كېلەر يىلىغا يۆتكەپ ئىشلەتسە بولىدۇ، ئەمما كەسىپكارلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىدىن باشقا چىقىمغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

16–ماددا غەملىمە ئاپپاراتى ئاجرىتىپ بەرگەن ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلى قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانا كەسىپكارلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇشقا يەتمىسە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانا كارخانىنى سودا– سانائەت بويىچە رويخەتكە ئالغان ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) نىڭ غەملىمە ئاپپاراتىغا تەڭشەش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدۇ:

1) ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى چىقارغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى؛

2) ئاجرىتىپ بېرىلگەن بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئاساسىي سۇغۇرتىسى پۇلى بىلەن ئەمەلىي تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى ئارىسىدا پەرق سوممىسى مەۋجۇتلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىيالى.

باش ھۆددىگەر كارخانا ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلىنى تولۇق بەرمەي، بۆلۈپ ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانىنىڭ كەسىپكارلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇشقا پۇلى يەتمەي قالسا ۋە ھۆددىگە ئېلىنغان كەسپىي قۇرۇلۇشنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلانغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى كەسىپكارلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇشقا يەتسە، تەڭشەش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.

17–ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانا سۇنغان تەڭشەش ياردەم پۇلى ئىلتىماسىنى غەملىمە ئاپپارات تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ غەملىمە ئاپپاراتىغا يوللايدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ غەملىمە ئاپپاراتى ئىلتىماس سۇنغان مەزگىلدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە تەڭشەش ياردەم پۇلى جۇغلانمىسىنىڭ قالدۇقىغا ئاساسەن، تەڭشەش ياردەم پۇلى لايىھەسىنى بېكىتىدۇ؛ تەڭشەش ياردەم پۇلى لايىھەسىدە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن نىسبەت بويىچە تەڭشەش فوندىنىڭ يېتىشمىگەن قىسمىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان خېيىم–خەتەر تەييارلىق فوندى قالدۇرۇلىدۇ ھەمدە تەڭشەش تولۇقلىمىسىنىڭ يەتمىگەن قىسمىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. لايىھەنى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىش كېرەك.

18–ماددا تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋە قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇش، ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلغۇچى كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملىتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى ئەمگەك كاپالىتى جەھەتتىن مەمۇرىي تەپتىش قىلىشى كېرەك.

مالىيە تارمىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش تارمىقى ۋە مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى ئېلىش، ئاجرىتىش، تەڭشەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى شىكايەت قىلىش، پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

19–ماددا غەملىمە ئاپپاراتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى بىلەن ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى ئېلىش، ئاجرىتىش، تەڭشەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

20–ماددا تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ھەر يېرىم يىلدا جەمئىيەتكە بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى ئېلىش، ئاجرىتىش، تەڭشەش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلغۇچى كارخانا ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرى شۇ كارخانىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇش، ئاجرىتىش، تەڭشەش ياردىمى ئېلىش ئەھۋالىنى، شۇنداقلا قالدۇق ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.

21–ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى كېرەك:

1) بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى خېرىدار چاقىرىش بويىچە رىقابەت خاراكتېرىدىكى خىراجەتكە كىرگۈزۈش؛

2) قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىدىن قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىدا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى ھېسابلىماسلىق ياكى ئاز ھېسابلاشنى تەلەپ قىلىش؛

3) قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىدىن بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىش؛

4) تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىن تۆلىنىدىغان پۇلى ۋە ماتېرىيال تەييارلاش قاتارلىق پۇللىرىغا توغرىلاپ تۇتۇپ قېلىش؛

5) بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىغا بىۋاسىتە چىقىم قىلىپ بېرىش.

22–ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى كېرەك:

1) بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى ساختىپەزلىك، يالغانچىلىق قىلىپ ئالداپ ئېلىۋېلىش؛

2) ئاجرىتىپ بېرىلگەن بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش؛

3) بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇندىن ئۆز ئالدىغا ئېلىۋېلىش؛

4) بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەپ قويۇشنى قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىشتىكى رىقابەت ۋاسىتىسى قىلىش.

23–ماددا مەمۇرىي ئورگانلاردىن مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى كېمەيتكەن، تۇتۇپ قالغان ۋە ئىشلىتىۋالغانلارنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى خەۋەرنامە چىقىرىپ تەنقىد قىلىپ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە مەسئۇل كىشىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

24–ماددا تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى غەملىمە ئاپپاراتىدىن بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى بىر دەرىجە يۇقىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ غەملىمە ئاپپاراتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە مەسئۇل كىشىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

1) تاپشۇرۇۋېلىنغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى مالىيە مەخسۇس ئىسچوتىغا كىرگۈزمەسلىك، مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلەتمەسلىك، كىرىم–چىقىمنى ئايرىپ باشقۇرماسلىق؛

2) تەڭشەش ياردەم پۇلىنى بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرىغا ۋاقتىدا تاپشۇرماسلىق؛

3) قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىغا ئاساسىي سۇغۇرتا پۇلى، تەڭشەش ياردەم پۇلىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا ئاجرىتىپ بەرمەسلىك.

25–ماددا بۇ چارىنىڭ 21–ماددىسى، 22–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئالداپ ئېلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۇۋالىدۇ.

26–ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى غەملەش، باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى

27–ماددا بۇ چارە 2013–يىلى 3–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#