شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسى نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسى نىزامى 2010–يىلى 12–ئاينىڭ 30–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسى نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2010–يىلى 12–ئاينىڭ 30-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2011–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区法制宣传教育条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2010–يىلى 12–ئاينىڭ 30-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33–نومۇرلۇق ئېلانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33–نومۇرلۇق ئېلانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسى نىزامى» 2010–يىلى 12–ئاينىڭ 30–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2011– يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

2010–يىلى 12–ئاينىڭ 30-كۈنى

1–ماددا بۇ نىزام قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، پۇقرالارنىڭ قانۇن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2–ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسى پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇن، قانۇن–نىزام بىلىملىرىنى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئومۇملاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇشى، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىش قىلىشى، قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشى ۋە ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىجتىمائىي پائالىيەتنى كۆرسىتىدۇ.

3–ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە پائالىيىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

4-ماددا قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك پىلانلايدىغان، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئورۇنلار تەشكىللەپ يولغا قويىدىغان، پۇقرالار كەڭ دائىرىدە قاتنىشىدىغان، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدىغان تەشكىلىي شەكىل قوللىنىلىدۇ. دائىم تەربىيەلەش بىلەن يىغىپ تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى بىلەن نۇقتىلىق تەربىيەنى بىرلەشتۈرۈش، تەشۋىق–تەربىيە بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ، ئورگاننى، يېزىنى، مەھەللىنى، مەكتەپنى، كارخانىنى، ئورۇننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

5–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرىقانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ، كونكرېت خىزمەتكە ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى مەسئۇل بولىدۇ؛ باشقا ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياخشى ئىشلەيدۇ.

6–ماددا قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىنى يىللىق خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەسئۇل ئاپپارات ياكى خادىمنى بېكىتىشى ھەمدە يىللىق باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

7–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىراجىتىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان خىراجەت ئۆلچىمىنى بېكىتىشى ھەمدە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە قاراپ پەيدىنپەي ئۆستۈرۈشى كېرەك.

دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتىنى زۆرۈر خىراجەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

8–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتىدە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:

(1) قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىگە ئالاقىدار قانۇن–نىزام ۋە قارارلارنى ئىجرا قىلىش؛

(2) قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتى يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانىنى تۈزۈش ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش؛

(3) قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتىنى تەشكىللەش، يېتەكلەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش؛

(4) قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسى ئىمتىھانى ئېلىش، باھالاشقا تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك قىلىش؛

(5) قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خادىملىرىنى تەربىيەلەش؛

(6) قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسى تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەش، كېڭەيتىش؛

(7) قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە دەرىسلىكى ۋە ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش، تەرجىمە قىلىش؛ 

(8) قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىگە دائىر باشقا ئىشلار.

9–ماددا پۇقرالار قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، قانۇن بىلىملىرىنى ئاڭلىق ئۆگىنىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى، قانۇن بويىچە پۇقرالىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

10–ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇن ئۆگىنىش تۈزۈمى، قانۇنچىلىق لېكسىيەسى، قانۇن جەھەتتىن تەربىيەلەش، قانۇن بىلىملىرى بويىچە يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ باھالاش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن قانۇن ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى ۋە قانۇننى تەتبىقلىشى، قانۇننىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغدىشى، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك، ئۇلارنىڭ قانۇن بىلىمى سەۋىيەسى ۋە قانۇن بويىچە ئىش قىلىش ئىقتىدارىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش كېرەك. 

11–ماددا ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتلىرى ۋە ئالاقىدار تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئومۇمىي قانۇن بىلىملىرى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا دائىر قانۇن بىلىملىرىنى تەربىيەلەش دەرسىگە كىرگۈزۈپ، دۆلەت خادىملىرىنى قانۇن بىلىملىرى بويىچە پىلانلىق تەربىيەلىشى؛ ئۆگىنىش، تەربىيەلەش جەھەتتىكى باھالاش ئەھۋالىنى يىللىق باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

12–ماددا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنچىلىق ئاپپاراتى قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى، ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن قانۇن بىلىملىرى بويىچە سىناش تۈزۈمى ۋە مەمۇرلار قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. 

13–ماددا قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار قانۇن يۈرگۈزگۈچىلەر ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان قانۇنچىلىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى ھەمدە قانۇن يۈرگۈزۈش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتە قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

14–ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەرنى ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ۋە تەربىيەلەش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە پىلانى، دەرس سائىتى، دەرسلىك ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك.

 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر قانۇن بىلىمى ۋە قانۇنچىلىق خىزمىتى تەجرىبىسىگە ئىگە خادىملارنى مەكتەپنىڭ قانۇنچىلىققا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەشكە تەكلىپ قىلىپ، مەكتەپنىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىگە ياردەملەشتۈرۈشى كېرەك.

 15–ماددا دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنى باشقۇرۇش، سودا– سانائەت مەمۇرىيباشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ۋە يەككە سودا– سانائەتچىلەرگە قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسى بېرىپ ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ سەمىمىي بولۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش، ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

16–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي تارماقلار كۆچمە ئاھالە، ئىشسىزلار ۋە شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلار ئارىسىدا قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنى قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاش، قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداشقا يېتەكلىشى كېرەك.

17–ماددا مەدەنىيەت، ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي تارماقلار قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە پائالىيىتىنى كۆپ خىل شەكىلدە قانات يايدۇرۇشى، ئاز سانلىق مىللەت تىل–يېزىقىدىكى قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە ئەسەرلىرىنى تەييارلاش، تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

گېزىت–ژۇرنال، رادىيو–تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق جامائەت تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ۋە ئەدەبىيات–سەنئەت تەشكىلاتلىرى قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىنىڭ شەكلىنى بېيىتىپ، قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە سەھىپىسى ئېچىپ، قانۇنچىلىق ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى، قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىگە دائىر جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانلىرىنى چىقىرىشى، بېرىشى، قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

18–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى قاماپ تۇرۇلۇۋاتقان جىنايەت گۇماندارلىرى، توختىتىپ قويۇلغانلار، جازا ئۆتەۋاتقانلار، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلىنىۋاتقانلار ۋە مەھەللىدە تۈزەشكە بۇيرۇلغانلارغا بولغان قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.

19–ماددا دىن ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماق دىنىي زاتلارغا بولغان قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى، دىنىي زاتلارنى قانۇن بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشكە قەرەللىك تەشكىللىشى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىنى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

20–ماددا يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كوچا باشقارمىلىرى قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغان مۇناسىپ خادىملارنى بېكىتىشى كېرەك. كەنت (شەھەر)ئاھالە كومىتېتلىرى خىزمەت، تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، رادىيو ئۇزېلى، تەشۋىقات تاختىسى، بازار كۈنى، ھېيت–بايرام، دەم ئېلىش كۈنى، مۇھىم قانۇنلار ئېلان قىلىنغان خاتىرە كۈنى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ كەنت ئاھالىسى، شەھەر ئاھالىسى ۋە كۆچمە ئاھالىگە قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.

كەنت (شەھەر)ئاھالە كومىتېتلىرى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشتىن بوشىتىلغانلارغا قارىتىلغان قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قوشۇلۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

 21–ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىشچى–خىزمەتچىلەر، ياشلار، ئۆسمۈرلەر، ئاياللار، مېيىپلەر قاتارلىقلارغا قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.

22–ماددا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى، قانۇن خىزمەتچىلىرى، قانۇن كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلارنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلىكى، قانۇنچىلىق لېكسىيەسى، قانۇن ياردىمى پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ياردەملىشىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

 قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە پىدائىيلار قوشۇنى قۇرۇپ، قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسى پىدائىي جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

23–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسى بويىچە باھالاش، سىناش مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ، جامائەت پىكرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش، جەمئىيەت نازارەت قىلىش ۋە ئامما باھالاش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

24–ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتى ئەھۋالىنى ھەر يىلى تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئالاقىدار ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يازما ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

25–ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر يىلى 4–ئايدىكى ئاساسىي قانۇن، قانۇن تەشۋىقات ئېيى ۋە مەملىكەتنىڭ 12– ئاينىڭ 4–كۈنىدىكى قانۇنچىلىق تەشۋىقات كۈنىدە مەخسۇس قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

26–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى، مۇكاپاتلىشى كېرەك. 

27–ماددا قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتىنى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بويىچە باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك، قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتى بويىچە باھالاش ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلەرگە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە ئالاقىدار مۇكاپاتلارنى بېرىشكە بولمايدۇ؛ ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق قىلىپ مۇكاپات ئېلىۋالغانلارنىڭ مۇكاپاتىنى تەستىقلىغۇچى ئورگان بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئالاقىدار تارماق، ئورۇن قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە چارە كۆرۈدۇ.

28–ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولالمىغانلارغا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىش پىكرى بېرىدۇ؛ مۆھلەت توشقىچە تۈزەتمىگەنلەرنى قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىدلەيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇن قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە چارە كۆرىدۇ.

29–ماددا قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيە خىراجىتىنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان، بۆلۈشۈۋالغان، قىسىپ قالغانلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

30–ماددا بۇ نىزام 2011–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#