بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتىش

بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتىش

بۇ كېسەللىك، نېرۋا ئاجىزلىق، بەدەننىڭ تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىش، مەنىي خالتىسى بوشاپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان جىنسىي ئالاقە باشلىنىش بىلەنلا مەنىي يۈرۈپ كېتىش، جىنسىي تەلەپ قانماسلىق، لەززەت ھاسىل بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتىش
كېسەللىك سەۋەبى بەدەننىڭ تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ئەرلەر
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى prospermia,premature ejaculation
ئاساسلىق ئالامىتى جىنسىي تەلەپ قانماسلىق،مەنىي يۈرۈپ كېتىش
خەنزۇچە نامى 早泄
تەۋە بۆلۈم سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىرى تاشقى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى ئەرلىك جىنسىي ئەزا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتىش

غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى بۆرەكنىڭ ماسسىكە ( تۇتۇپ تۇرۇش ) قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىشىدىن، غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتنىڭ غالىبلىقىدىن، رەئىس باشقۇرغۇچى ئەزالارنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن، جىنسىي ئەزا تۆشۈكىنىڭ كېڭىيىشىدىن مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىدۇ.

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، نېرۋا ئاجىزلىق، بەدەننىڭ تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىش، مەنىي خالتىسى بوشاپ كېتىش، بەزىدە مەنىينىڭ كۆپلۈكى، ھارارىتىنىڭ يۇقىرىلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى بۆرەكنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىشىدىن بولغان مەنىي تېز كېتىشتە، سۈيدۈك كۆپ، ئاق كېلىش، مەنىينىڭ رەڭگى ئاق ۋە سۇيۇق كېلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتنىڭ غالىبلىقىدىن بولغان مەنىي تېز كېتىشتە، جىنسىي ئەزادا ئاجىزلىق كۆرۈلۈش، پات-پات ئېھتىلام بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتنىڭ غالىبلىقىدىن بولغان مەنىي تېز كېتىشتە، مەنىينىڭ رەڭگى سېرىققا مايىل، سۇيۇق، ئېچىشىش بىلەن كېلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

رەئىس ئەزالارنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن بولغان مەنىي تېز كېتىشتە قايسى ئەزانىڭ ئاجىزلىشىشىدىن مەنىي تېز كەتسە، شۇ ئەزاغا خاس ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ. 

1-رېتسېپ

تەركىبى: دارچىن ئالتە گىرام، كۈندۇر، خولىنجان توققۇز گىرامدىن، نېپىز دارچىن، لاچىندانە 12 گىرامدىن، قەلەمپۇر، جويۇز، بەسباسە، سۇمبۇل، قاقىلە 15 گىرامدىن، مەستىكى 18 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتىشتەركىبى: چۆپچىن 90 گىرام، گاۋزىبان ھىندى، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، شاقاقۇل، سۆئلەپ 10 گىرامدىن، خولىنجان 15 گىرام، سۆرۈنجان، قىرقىلغان پىلە بەش گىرامدىن، جەدۋار ئۈچ گىرام، ئالتۇن ۋاراق 15 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: دارچىن، جۇزبۇۋا، ئاق ۋە قىزىل بەھمەن، بۇغا چۈيىسى، سۆئلەپ مىسرى ھەر بىرى 100 گىرامدىن، ياۋا سامساق 65 گىرام، سەقەنقۇر 220 گىرام، تۇخۇمى ھەلىيۇن، پىياز ئۇرۇقى، چامغۇر ئۇرۇقى، بېھى ئۇرۇقى، كۈدە ئۇرۇقى، زاغۇن، لىسانىل ئاساپىر، كۈنجۈت، تۇرۇپ ئۇرۇقى، چىلغوزا ئۇرۇقى، ئاق قىچا 150 گىرامدىن، شاقاقۇل، زەنجىۋىل، پىلپىل، خولىنجان 225 گىرامدىن، قەنت بەش كىلوگرام، ھەسەل بىر كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، چەككىلەنگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#