كەيفېڭ شەھىرى

كەيفېڭ شەھىرى

كەيفېڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، يېغىلىق دەۋرىدىكى ۋېي بەگلىكى پايتەختىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، دالياڭ دەپ ئاتىغان.

نامى كەيفېڭ شەھىرى
دۆلىتى جۇڭگو
يەر مەيدانى 6444 كۋادرات كىلومېتىر
مەمۇرىي رايون تۈرى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر
ئىقلىمى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق مۇسسۇن ئىقلىمىغا تەۋە
خەنزۇچە نامى 开封
ئۆلكىسى خېنەن ئۆلكىسى
جۇغراپىيىلىك ئورنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان
پوچتا رايون نومۇرى 475000
چەتئەلچە نامى Municipality of Kaifeng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەيفېڭ شەھىرىكەيفېڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، يېغىلىق دەۋرىدىكى ۋېي بەگلىكى پايتەختىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، دالياڭ دەپ ئاتىغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 225-يىلى (چىن شىخۇاڭنىڭ22-يىلى) ۋاڭ بېن ۋېي بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ، خۇاڭخې ۋە داگۇ دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن دالياڭنى باستۇرۇپ شەھەرنى ۋەيران قىلىپ، ۋېي بەگلىكىنى تەسلىم قىلدۇرغان، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ شەھەر ۋەيران بولغان. ۋېي، جىن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەردىن كېيىن، بولۇپمۇ سۇي سۇلالىسى جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان قانالنى قازدۇرغاندىن باشلاپ كەيفېڭ ئوزۇق-تۈلۈك توشۇش مەركىزىگە ئايلىنىپ، ناھايىتى تېزلا تەرەققىي قىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئىقتىسادى، ھەربىي ئىشلار بويىچە مۇھىم بازارغا ئايلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن، كېيىنكى لياۋ، جىن، خەن، جۇ ۋە شىمالىي سۇڭ سۇلالىلىرى بۇ يەرنى پايتەخت قىلىپ، دۇڭجىڭ دەپ ئاتىغان. جىن سۇلالىسى پادىشاھى شۈەنزۇڭدىن كېيىن پايتەختنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، شەھەر نامىنى نەنجىڭغا ئۆزگەرتكەن. شۇڭا، كەيفېڭنىڭ «يەتتە سۇلالىنىڭ قەدىمىي پايتەختى» دېگەن نامى بار. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كەيفېڭ شەھىرىنىڭ ئايلانمىسى25 كىلومېتىر، ئاھالىسى1 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ئەينى چاغدا دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ پايتەخت ھېسابلىناتتى، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر رەسسام جاڭ زىدۇەن «بيەنخې ۋادىسىنىڭ چوكانتال مەۋسۇمىدىكى مەنزىرىسى» ناملىق رەسىمىدە كەيفېڭ شەھىرىنىڭ ئاۋات مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

 داڭلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: تيېتا مۇنارى، فەنتا مۇنارى، لۇڭتىڭ راۋىقى، يۈۋاڭ سۇپىسى، شياڭگو ئىبادەتخانىسى ۋە شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بيەنلياڭ(كەيفېڭ) شەھەر خارابىسى قاتارلىقلار بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#