ۋاسىتىچى

بازاردىكى پۈتۈشۈش ۋە سودا ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى تەرەپتىن بىۋاسىتە ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا ۋاسىتىچى ئارقىلىقمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرگۈچى سودىگەر ۋاسىتىچى دېيىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ۋاسىتىچى
خەنزۇچە نامى 中介

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بازاردىكى پۈتۈشۈش ۋە سودا ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى تەرەپتىن بىۋاسىتە ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا ۋاسىتىچى ئارقىلىقمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرگۈچى سودىگەر ۋاسىتىچى دېيىلىدۇ. ۋاسىتىچىنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ بەرگەن شېرىنكانىدىن كېلىدۇ. 

ۋاسىتىچىنى ئادەتتىكى ۋاسىتىچى ۋە سودا ئورنى ۋاسىتىچىسى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.

 ئادەتتىكى ۋاسىتىچى

 ئادەتتىكى ۋاسىتىچى ئاساسەن كارخانىلار ياللىغان ياكى ھاۋالە قىلغان كېلىشتۈرگۈچى سودىگەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار كارخانىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تاۋارلارنى تونۇشتۇرۇپ ساتىدۇ ياكى خېرىدار تېپىپ بېرىدۇ. شېرىنكانە ئالغاندىن سىرت، يەنە مەلۇم مىقداردا قوشۇمچە ھەق ئالىدۇ.


سودا ئورنى  ۋاسىتىچىسى

 سودا ئورنى ۋاسىتىچىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ سودا ئورنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مۇئەييەن سالاھىيەتكە ئىگە بولغان ھەمدە سودا ئورنىغا كاپالەت سوممىسى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن خېرىدارغا ۋاكالىتەن سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ شېرىنكانە ئالىدىغان كېلىشتۈرگۈچى سودىگەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ۋاسىتىچىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ئوخشاش بولمايدۇ، بىراق ۋاسىتىچى ئۆزىنىڭ ئېلىم-سېتىم ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

بازار ئىگىلىكى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلغان شارائىتتا، ۋاسىتىچى سودىگەرلەرنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەيلى ئادەتتىكى تاۋارلار بازىرىدا بولسۇن ياكى ئاكسىيە بازىرىدا بولسۇن، ئىنتايىن زۆرۈر. لېكىن، چوقۇم مۇناسىپ ھالدا تىزىمغا ئالدۇرۇش، تىجارەت دائىرىسى، باج قاتارلىق تۈزۈملەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولۇشى كېرەك. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#