پاشا ئۆمەر
تونۇلغان كىنو چولپىنى پاشا ئۆمەر 1966-يىلى ئۈرۈمچى دە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا 1977-يىلى 9-ئايدا سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1981-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان. 1989-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە بېيجىڭدىكى ‹شەرق› ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئۇسسۇل ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن،
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1994-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە شىياڭگاڭ ئۆسمۈرلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ۋە شىياڭگاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
پاشا ئۆمەر 1981-يىلى ‹ئېزىتقۇ› دا باش رول ئېلىش ئارقىلىق ئېكران ھاياتىنى باشلىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ‹قاپلان ئۇۋىسىدىن قايتىش›، ‹خەلقئارا چوڭ قۇتقۇزۇش لاگىرى› قاتارلىق ھېكايە فىلىملەر، ‹ياۋايى تىنىق›، ‹تىمتاس گۇگۇم›، ‹ئۆتەڭ مېھرى›، ‹سۈت ساتقۇچى ئايال›، ‹گۈزەل دەقىقىلەر› قاتارلىق فىلىملەردە باش رول ئېلىپ خەلقنىڭ كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
پاشا ھەدىمىز 1993-يىلىدىن باشلاپ شىياڭگاڭدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولۇپ، شىياڭگاڭدا ‹پاشا ئاشخانىسى› نى ئېچىپ كەلمەكتە،
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.