كۇيا بازىرى

كۇيا بازىرى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ ناھىيە بازىرىغا 11كىلومىتىر كىلىدۇ، شەرىق تەرىپى ماڭلاي يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى ئاقساراي يېزىسى، زاۋا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرىپ تەرىپى قارساي ئۆستىڭى ئارقىلىق زاۋا بازىرى، ئۇرچى يېزىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى قارساي بازىرى، پۇرچاقچى يېزىسىغىچە تۇتىشىدۇ. شىمالى كەڭلىك 37°13 ′— 37°21 ′. دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1340مىتىرغىچە كىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كۇيا بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 38683 ئادەم
ئاساسلىق مەھسۇلاتى كۇيا قول پىچىقى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 奎亚镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
تەۋە رايون 30 مەمۇرى كەنىت بار
كىلىماتى تىروپىك بەلباغ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇيا بازىرى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ ناھىيە بازىرىغا 11كىلومىتىر كىلىدۇ،شەرىق تەرىپى ماڭلاي يېزىسى بىلەن

 تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى ئاقساراي يېزىسى، زاۋا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ،غەرىپ تەرىپى قارساي ئۆستىڭى ئارقىلىق زاۋا بازىرى، ئۇرچى

 يېزىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى قارساي بازىرى، پۇرچاقچى يېزىسىغىچە تۇتىشىدۇ. شىمالى كەڭلىك 37°13 ′— 37°21 ′.

دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1340مىتىرغىچە كىلىدۇ.

كۇيا بازىرى كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆللۈك كېلىماتقا تەۋە بولۇپ ، تۆت پەسىل ئېنىق , يازدا تومۇز ئىسسىق بولىدۇ.ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ ، كۈز پەسلىدە تېمپراتۇرا تېز ، ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ . يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 12.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. 1- ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ -6.5، ،قىروسىز مەزگىل  177 كۈن ، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2250 سائەت.

كۇيا بازىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان.دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر ۋە ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. قەغەز ياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىق دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىكىمۇ ماشىنىلاشقان

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#