ئۇيغۇرچە نامى ئۇششاقتال خۇيزۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسى
نوپۇسى 10979
رايۇن نۇمۇرى 0996
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌什塔拉回族民族乡
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 443 كۋادىرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
پوچتا نۇمۇرى 841201

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇششاقتال خۇيزۇ يېزىسىئۇششاقتال خۇيزۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىگە جايلاشقان. يېزا بويىچە مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى كەنىتلەردىن تالا كەنتى، داجاڭزا كەنتى، سالياڭۋەن كەنتى، تۇغان كەنت، شورقۇدۇق كەنتى، قۇمقۇدۇق كەنتى، زېگىدېن قۇدۇق كەنتى قاتارلىقلار بار. شەرق تەرىپى توقسۇن كۈمۈش بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا باغراش كۆلىنىڭ ئالتۇن ساھىلى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب تەرىپى چۇقۇ يېزىسى، شىمالدا نەرىنكېر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. «بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى» دېگەن نامى بار. يېزا رايونى ئىچىدە ئالتۇن ساھىل بار، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. ئالتۇن ساھىل دۆلەتلىك AAAAA دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى باغراش كۆلىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان. كورلا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 160 كىلومېتىر، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 674 كىلومېتىر. مەنزىرە رايونىنىڭ ئاساسلىق كىرىش ئېغىزى يېزا تەۋەسىگە جايلاشقان. خوشۇت ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 53 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇششاقتال خۇيزۇ مىللىي يېزىسىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، سەھىيە قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. 1999-يىلى ئۇششاقتال خۇيزۇ يېزىسى كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ يېزا-بازار تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە 100 مۇنەۋۋەر يېزا-بازار قىلىپ بېكىتىلگەن. يېزا بويىچە ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر 46 مىڭ موغا يەتكەن، 2634 ئائىلە بار، 10344 ئادەم بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆچمە نوپۇس سانى 4000 دىن ئاشقان. 2001-يىلى يېزا بويىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ سانى 58 مىليۇن يۈەنگە يەتكەن. چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4350.7 مىليۇن يۈەن بولغان، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1489.3 مىليۇن يۈەن بولغان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 3222 يۈەنگە يەتكەن.

ھازىر پۈتۈن يېزىدا ئۈچ باشلانغۇچ مەكتەپ بار، يېزىنىڭ تېلېفون بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %90 تىن يۇقىرى، يەتتە كەنت ۋە بىر مەھەللىگە سىملىق تېلېۋىزىيە ئورنىتىلغان؛ بىر يېزا دەرىجىلىك شىپاخانا، بانكا، ئامانەت-قەرز كوپراتىپىدىن ئۈچى، يەتتە پونكىت بار. 2000-يىلى ئۇششاقتال يېزىسى ئاپتونوم ئوبلاست تەرىپىدىن سەھىيە ئۈلگە كۆرسىتىش يېزىسى بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى ناھىيىلىك پارتكوم تەرىپىدىن 13 پونكىتى بار مەدەنىيەتلىك ئورۇن دەپ نام بېرىلگەن. 1996-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان، 2001-يىلى يەنە ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن مەدەنيەتلىك ئۈلگە كەنت، تەنتەربىيە خىزمىتىدە ئىلغار يېزا، پارتىيە ئەزالىرى ئېلېكترلەشكەن، مائارىپى تەرەققىي قىلغان يېزا دەپ نام بېرىلگەن. [0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#