قاتار دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. قاتار (دۆلەت)
  2. قاتار (بىرلىك ئۆلچىمى)
دۆلەت
قاتار دۆلىتى
قاتار دۆلىتى (The State of Qatar) قىسقارتىلىپ قاتار دىيىلىدۇ؛ ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى پېرسىيە قولتۇق قىرغىقىغا جايلاشقان دۆلەت. يېرىم ئارال قىسمى بىلەن دېڭىزدىكى ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئۇيغۇرچە نامى قاتار دۆلىتى
قىسقارتىلغان نامى قاتار 卡塔尔
ۋاقىت رايونى UTC+3
دۆلەت شېئىرى 《和平的赞歌》
سىياسى تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 卡塔尔国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا قىتئەسى
پايتەختى دوخا
دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى
نوپۇسى 240 مىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاتار دۆلىتىقاتار دۆلىتى (The State of Qatar) قىسقارتىلىپ قاتار دىيىلىدۇ؛ ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى پېرسىيە قولتۇق قىرغىقىغا جايلاشقان دۆلەت. يېرىم ئارال قىسمى بىلەن دېڭىزدىكى ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر مەيدانى 11 مىڭ 437 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 240 مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدە %40 ى (2015-يىلىدىن ئىلگىرى قاتاردا ئولتۇراقلاشقانلار ئۆلچەم قىلىنىدۇ) قاتارلار، قالغىنى چەت ئەل مۇھاجىرلىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆپ قىسمىنى ئەرەبلەر، قالغىنىنى پارس، ئوردو، ھىندى، بىلوجى قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. ھۆكۈمەت تىلى ئەرەب تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلىمۇ كەڭ قوللىنىلىدۇ. پايتەختى دوخا، پۇل بىرلىكى دىنار.

 ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئورتاق قوللىنىدۇ. 

قاتار دۆلىتىقاتار كىچىك دۆلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭ تارىخى ئۇزۇن. مىلادىيە 7-ئەسىردە ئەرەب ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 1871-يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1882-يىلى ئەنگلىيە بېسىپ كىرگەن، 1916-يىلى ئەنگلىيىنىڭ كونتروللۇقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن. قاتار ئىقتىسادىي جەھەتتە نېفىتنى ئاساس قىلىدۇ. قاتار نېفىتتىن قىلىنغان مالىيە كىرىمىگە تايىنىپ سېلىنغان نېفىت ئايرىش، خىمىيىۋى ئوغۇت، پولات-تۆمۈر، سېمونت، ئاليۇمىن قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. قاتار يېزا ئىگىلىكىدە كۆكتات، خورما، قارا ئاشلىق ئۆستۈرىدۇ. بېلىقچىلىقى بىلەن مەرۋايىت ئېلىش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. مەرۋايىت ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە نەچچە يۈزلىگەن قېيىق، نەچچە مىڭ ئادەم مەرۋايىت ئېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

خاسلىقى

قاتار پارىس قولتۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىرغىقىدىكى قاتار يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. ‹قاتار› سۆزى قەدىمكى دەۋرلەردىكى غەربنىڭ جاينى ئاتىشىدىن ئكزگىرىپ كەلگەن. قەدىمكى گرېك جۇغراپىيەشۇناسلىرى بۇ جاينى ‹كاتالا› دەپ ئاتىغان. ئەرەب ئالىملىرىنىڭ بولسا ‹قاتارىيە› دەپ ئاتىغان. 1846-سانىي بىننى مۇھەممەد قاتار خەلىپىلىكىنى قۇرغان، 1882-يىلى ئەنىگلىيە بېسىپ كىرگەن، 1916 - يىلى ئەنىگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى قاتار مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 

قاتار يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەر ۋەزىيىتى تەكشى بولغان بوز يەرلەر بىلەن قۇملۇقلار ئىگىلەيدۇ، جەنۇبىي قىسمىدا قۇملۇق بارخانلار بار. ئىقلىمى قۇرغاق ئىسسىق، يامغۇرى ئاز، شىمالىي قىسمىدا يامغۇر كۆپرەك بولىدۇ.

دۆلەت بايرىقى

قاتار دۆلىتىپارس قولتۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان يېرىم ئارال دۆلىتى-قاتار ئەنگلىيەنىڭ ھامىيلىقىدىكى جايغا ئايلىنىپ قالغاندى؛ 1971-يىلى سېنتەبىردە قاتار مۇستەقىل بولغان. ئەتراپىدىكى باشقا دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئوخشاش قاتارنىڭ زېمىنىدىمۇ بىر قىزىل بايراق جەۋلان قىلغاندى. 1860-يىلى قاتار قىزىل بايراققا ھەرە چىشلىق ئاق بەلدەمنى قوشقان. قىزىل ۋە ئاق رەڭ ئەنگلىيەنىڭ دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تاللانغان بولۇپ ئېنىق مەنىسى يوق. قاتارنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئىشلەتكەن قىزىل رەڭ قۇياش نۇرى ئاستىدا تەدرىجىي بېغىررەڭگە ئۆزگىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قاتار ھۆكۈمىتى 1949-يىلى قىزىل رەڭنىڭ ئورنىغا بېغىررەڭنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قاتارنىڭ دۆلەت بايرىقى بەھرەيننىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەنمۇ پەرقلىنىدىغان بولغان.

دۆلەت گېربى

قاتار دۆلىتىقاتار مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈزۈپ چىققان دۆلەت گېربى ئاساسلىقى بىر سېرىق يۇمىلاق گېرب، ئۈستىدىكى ئىككى ئايسىمان ئەرەب قىلىچىنى پولات ئىستىھكامغا ئوخشاتقان بولۇپ، ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلارغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قۇغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەرەب قىلىچىنىڭ ھىمايىسىدە بىر ئاق يەلكەنلىك ئەرەب كېمىسى دولقۇن يېرىپ، پارس قولتۇقىدىكى كۆك دېڭىز ئۈستىدە ئالغا باسقان بولۇپ، قاتارنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىۋاتقان دېڭىز ترانسپورت سودىسى ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرى نامايەن قىلنغان. كېمىنىڭ يېنىدىكى بېغىررەڭ زېمىنىدا ئىككى تۈپ ئەرەب خورما دەرىخى بولۇپ، دۆلەتنىڭ مول تەبئىي بايلىقىنى بىلدۈرگەن.گېرب ئاستى دۆلەت بايرىقى شەكىلدىكى يۇمىلاق بېزەككە ئېلىنغان، ئۈستىگە ئەرەبچە «قاتار دۆلىتى» دېگەن خەت يېزىلغان.[0]


卡塔尔国
قاتار يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەر ۋەزىيىتى تەكشى بولغان بوز يەرلەر بىلەن قۇملۇقلار ئىگىلەيدۇ، جەنۇبىي قىسمىدا قۇملۇق بارخانلار بار. ئىقلىمى قۇرغاق ئىسسىق، يامغۇرى ئاز، شىمالىي قىسمىدا يامغۇر كۆپرەك بولىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#