ۋىرۇسلار

ۋىرۇسلار باكتېرىيىلەرگە قارىغاندا خېلىلا كىچىك بولۇپ، ئۇلارنى مىليون ھەسسە چوڭايتالايدىغان ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتىلا كۆرگىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى ۋىرۇسنىڭ چوڭلۇقى بىر تال چاچنىڭ دىئامېتىرىنىڭ ئون مىڭدىن بىرىچىلىك كېلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋىرۇسنىڭ تۈزۈلۈشى باكتېرىيىنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا ئاددىي بولىدۇ. پۈتۈن تېنى نۇكلېئىن كىسلاتا ۋە ئاقسىل قېپىدىنلا تەركىب تاپىدۇ، ھۈجەيرە يوسىتمۇ بولمايدۇ. ئاقسىل قېپى ۋىرۇسنىڭ شەكلىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تاياقچىسىمان، يىپسىمان بولىدۇ، بەزىلىرى كىچىك شارغا، ئۆردەك تۇخۇمىغا، زەمبىرەك ئوقىغا ئوخشايدۇ، يەنە بەزىلىرى قۇمچاققا ئوخشايدۇ.

ۋىرۇسلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشىيالمايدۇ، تىرىك ھۈجەيرە ئىچىدە پارازىتلىق بىلەن ياشايدۇ، شۇڭا، ھەر خىل جانلىقلارنىڭ ھۈجەيرىلىرى ۋىرۇسلارنىڭ ئائىلىسى بولۇپ قالغان. ئادەم ياكى باشقا ھايۋانلارنىڭ تېنىدە پارازىتلىق بىلەن ياشايدىغان ۋىرۇسلار ھايۋانات ۋىرۇسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ چېچەك، جىگەر ياللۇغى، تارقىلىشچان زۇكام، قىزىل قاتارلىق كسەللىكلىرى، ھايۋانلارنىڭ توخۇ ۋاباسى، چوشقا تىلما كېسىلى، ئاقسۇل، قۇش زۇكىمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ۋىرۇسلار ئادەم تېنىدىكى ياكى قۇش، ئۆي ھايۋانلىرى تېنىدىكى ھۈجەيرىلەردە پارازىتلىق بىلەن ياشاپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر تېنىدە پارازىتلىق بىلەن ياشايدىغان ۋىرۇسلار ئۆسۈملۈك ۋىرۇسى دەپ ئاتىلىدۇ، تاماكا چۆپىنىڭ ئالا يوپۇرماق كېسىلى، كۈزلۈك يېسىۋېلەكنىڭ ئۆرە قۇرۇش كېسىلى، ياڭيۇنىڭ يىگلەپ كېتىش كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆسۈملۈك ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  ھاشاراتلارنىڭ تېنىدە پارازىتلىق بىلەن ياشايدىغان ۋىرۇسلار ھاشارات ۋىرۇسى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل ۋىرۇسلار ئارقىلىق زىيانداش ھاشاراتلارنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ، شۇڭا، ئۇلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىئولوگىك دېھقانچىلىق دورىلىرى سۈپىتىدە كەڭ ئىشلىتىلمەكتە. يەنە بىر خىل ۋىرۇسلار باكتېرىيىلەرنىڭ تېنىدە پارازىتلىق بىلەن ياشاپ باكتېرىيە بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، شۇڭا باكتېرىيە يۇتقۇچى تەنچە(باكتېرىئوفاگ) دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ باكتېرىيە ۋىرۇسىدۇر. ۋىرۇسلار تايىنىپ ياشايدىغان شېرىك ھۈجەيرە پارازىت ئىگىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە ھەربىر تۈردىكى ۋىرۇسنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە پارازىت ئىگىسى بولىدۇ، مەسىلەن، مېڭە ياللۇغى ۋىرۇسى پەقەت مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىدىلا ياشىيالايدۇ.

پارازىت ئىگىسى ۋىرۇسنى باقىدۇ، لېكىن ۋىرۇس ۋاپاغا جاپا سېلىپ، پارازىت ئىگىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئادەم بەدىنىنى پارازىت ئىگىسى قىلىدىغان يۇلۇن كۈل رەڭ ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى بالىلار پالەچ كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تارقىلىشچان گۈرەن بەز ياللۇغى ۋىرۇسى گۈرەن بەز ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھازىرغىچە يەنە نۇرغۇن بالىلار ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا. 1801-يىلى ناپولېئون25 مىڭ ئەسكەر چىقىرىپ، غەربىي ھىندى ئوكياندىكى كايىندى ئارىلىغا يۈرۈش قىلىپ، يەرلىك نېگىرلارنى باستۇرماقچى بولغان. قوشۇندىكى ئەسكەرلىرى «سېرىق قىزىتما كېسىلى» يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، 22 مىڭ ئادىمى ئۆلۈپ، جەڭ قىلماي تۇرۇپلا مەغلۇپ بولغان. 1902-يىلىغا كەلگەندە سېرىق قىزىتما كېسىلىنىڭ باش جىنايەتچىسى سېرىق قىزىتما كېسەللىك ۋىرۇسى ئىكەنلىكى تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلانغان.

ۋىرۇسلارنىڭ پارازىتلىق خۇسۇسىيىتى ئۇلارنى يوقىتىشقا قىيىنچىلىق تۇغدۇردى، چۈنكى ۋىرۇسنى يوقاتماقچى بولغاندا، پارازىت ئىگىسى ئاز-تولا زىيان-زەخمەتكە ئۇچرايدۇ. كىشىلەر ھايۋانلار ئۆزىدە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىنلا، تەدرىجىي تۈردە ۋىرۇسلارغا تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى ئىگىلىيەلىدى، ئۇ بولسىمۇ سۈنئىي ئىممۇنىتېتلاشتىن ئىبارەت.

ئەڭ ئاددىي ھاياتلىق تەن ۋىروئىد بولۇپ، ئۇنىڭ تېنىنىڭ چوڭلۇقى ۋىرۇس تېنىنىڭ ىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭدا باشقا تەركىب ماددا بولماستىن، نۇكلېئىن كىسلاتالا بولىدۇ. ۋىروئىدنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋىرۇسنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇلاردىمۇ پارازىتلىق خۇسۇسىيەت بار بولۇپ، بۇغداينىڭ پاكارلىشىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#