غوجائېرىق يېزىسى

غوجائېرىق يېزىسى

غوجائېرىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، ناھىيە بويىچە نۇقتىلىق نامرات يېزا (بازار) نىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى غوجائېرىق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 17100 ئادەم
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌吉热克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە
ماشىنا كودى 新Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غوجائېرىق يېزىسىغوجائېرىق يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، نوپۇسى 17100 ئادەم، ئائىلىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ 3360 ئائىلە، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 52 مىڭ مو. مىللەتنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇيغۇرلار بۇلۇپ، ئۇيغۇر، تاجىك، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپىقان. 2005-يىلى ئوتتۇرىچە كىرىمى 1801 يۈەنگە يەتكەن.

17 مەمۇرىي كەنت، بىر باغۋەنچىلىك مەيدانى. غوجائېرىق يېزىسى تەۋەلىكىدە سۇغىرىلىدىغان دېھقانچىلىق رايونى، سۇ مەنبەسى ئاساسەن 1-ئىيۇل چوڭ ئۆستىڭى بۇلۇپ، ئېگىز تاغدىن ئېرىگەن قار سۈيى، بۇ دەريانىڭ ئېقىنى يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ. كىلىماتىدا تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلغان، ياز ئۇزۇن باھار ۋە كۈز قىسقا بولىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا كىلىماتى ℃12، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ 50 مىللىمىتىر. 

يېزا كەنت رايونى: يېزىلىق ھۆكۈمەت بۇ يېزىدا ئولتۇراقلاشقان 17 كەنت ۋە ھەر قايسى گۇرۇپپىسى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، يېزىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپى بارىن يېزىسىغا تەخمىنەن 10 كىلومېتىر كېلىدۇ، يېزىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپى جاڭگىلىئەسكى يېزىسىغا 23 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، يېزا جەنۇب تەرىپىگە چارباغ بازىرى 8 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. ۋاكالەت نومۇرى: 653126208.

غوجائېرىق يېزىسى1-كەنت يېزا تۇرالغۇ ھۆكۈمەت جەنۇبىغا 2 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، ئاياغ گۈلباغ كەنتى؛ 

2-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت جەنۇبىدىكى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا: باش گۈلباغ كەنتى؛ 

3-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت جەنۇبىي قىسمىدىكى 9 كىلومېتىر كېلىدۇ: باش شورئېرىق كەنتى؛ 

4-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەتتە شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا: ئوتتۇرا شورئېرىق ئېرىق كەنتى؛ 

5-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت شەرقىي جەنۇبىدىكى 7 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا: ئاياغ شورۇق كەنتى؛ 

6-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت شەرقىي جەنۇبدىكى 5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا: بائارېق كەنتى؛ 

7-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت شەرقىي قىسىمدىكى 6 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا: باش ئاۋات كەنتى؛ 

8-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ 7 كىلومېتىر: ئاياغ ئاۋات كەنتى؛ 

9-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت شىمالىدىكى 9 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا: غىسغتوڭ كەنتى؛

10-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت شىمالىدىكى 5 كىلومېتىر يىراقلىقتا : ئاياغ غوجائېرىق كەنتى؛

11-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت غەربىي شىمال 5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا : ئاياغچا كەنتى؛

12-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت جەنۇبىي غەربىي 7 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا: ئوتتۇرا قاچا كەنتى؛

13-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت غەربىي 7.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا: باش قاچا كەنتى؛

14-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسمىدىكى 5 كىلومېتىر يىراقلىقتا: تۈگمەنبېشى كەنتى؛

15-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ئۇزۇنلۇقى 4 كىلومېتر: بېشى غوجائېرىق كەنتى؛

16-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت غەربىي جەنۇبىدىكى 2 كىلومېتىر: خوتەن مەھەللە كەنتى؛

17-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت غەربىي جەنۇبىدىكى 0.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا: دۆڭھويلا كەنتى؛

18-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت غەربىي شىمالىغا 7 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا: دولان مەھەللىسى كەنتى؛

19-كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت غەربىي جەنۇبىدىكى 7.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا: باغۋەنچىلىك مەيدانى؛

غوجائېرىق يېزىسىيېزا ئىگىلىكى: پۈتۈن يېزىدىكى ئۇرۇق كېۋەز 14 مىڭ مو، ئۇرۇق كۆممىقوناق 1750 مو، ئۇرۇق بۇغداي 1750 مو، ئۇرۇق شال 2000 موغا يەتكەن. 2005-يىلى يېڭىدىن سېلىنغان پارنىك 300 مو، ھەمدە پۈتۈن يېزىنىڭ كونا لاپاس بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇستەھكەملەشتە ھەر بىر لاپاس ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىرىمى 4000 يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي كىرىمى 2 مىليون 334 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 120 يۈەن. 2006-يىلى  كۆكتات پارنىكىنى ئورتاق قۇرۇش 528 گە يەتكەن. (لازا، پەمىدۇر، تاۋۇز، قوغۇن، يېسىۋېلەك، سۆكسۆك). 2005-يىلى تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 43000 مو، بۇنىڭ ئىچىدە چىلان دەرىخى 100 مو، گىلاس 500 مو، ئۆرۈك دەرىخى 300 مو، شاپتۇل 200 موغا يەتكەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#