سۇسان رايىس

سۇسان رايىس

سۇسان رايىس 1964-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا تۇغۇلغان، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سۇسان رايىس
باشقا نامى رايس
يۇرتى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى
كەسپى سىياسىيون
چەئەلچە نامى Susan Rice
خەنزۇچە ئاتىلىشى 苏珊·赖斯
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1964-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇسان رايىسسۇسان رايىس 1964-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا تۇغۇلغان.

سۇسان رايىسنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ئائىلە ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئېممېت رايىس بولسا ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پروفېسسورى، ئىلگىرى فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش بانكىسىنىڭ مۇدىرى، ئانىسى مائارىپشۇناس.

رايس ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ 1990-يىلى دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 

سۇسان رايىسسۇسان رايىس ئوتتۇرا مەكتەپنى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى چوڭ National School دا ئوقۇغان. مەكتەپتە ۋالىبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى بولۇپ، ئۈچ تۈردە ئومۇمىي ماھارەت كۆرسىتىش تەنھەرىكەتچىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى. ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇراتتى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە، ئۇ ھەر جەھەتتىن مۇنەۋۋەر ئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئەڭ يۇقىرى «ئامېرىكا مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى» شان-شەرىپىگە ئېرىشكەن.

1986-يىلى ستانفورت ئونىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن، ئىلگىرى ترومىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن، 1988-يىلى ۋە 1990-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

1993-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ خىزمىتى، 1997-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە ئافرىقا ئىشلىرى ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىلىقىغا مەسئۇل بولغان.

2002-يىلى رايىس ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نېگىر مەكتەپداشلار داڭلىق شەخىسلەر قاتارىغا كىرگەن.

سۇسان رايىسئۇ 1993-يىلى كلىنتون دۆلەت خەۋپسىزلىك ئەترىتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن، ئاۋۋال دۆلەت خەۋپسىزلىكى يىغىنى خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە تىنچلىق ساقلاش قىسمى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

كېيىن زۇڭتۇڭنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى قوشۇمچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يىغىنى ئافرىقا گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، گوۋۇيۈەن 1997-يىلى، ئافرىقا ئىشلىرى ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىقىغا يۆتكەلگەن.

رايىس 1988-يىلى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى دۇكاجېس دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى، 2004-يىلى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىنى كەيرۈيگە تاتقۇزۇپ قويغان، بۇ ئىككى قېتىملىق سايلام ئارقىلىق رايس ئۈمىدسىزلىنىپ قالغان.

ئۇ 2002-يىلى برۇكىڭس تەتقىقات ئورنىدا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاقىللار ئامبىرى پارتىيىسىگە كىرگەن، بېرژىدا دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات تارمىقى شۇ يەرنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى بولغان.

ئوباما دىپلوماتىيە ئاقىللار ئۆمىكى پارتىيىسىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى ھۆكۈمەت تارمىقىدا بولغان ھەر كۈنى مۇقىم ۋە يادرو گۇرۇپپىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئوباما بىلەن تېلېفونلىشىپ  مۇھىم خەۋەرلەرنى يەتكۈزگەن.

2009-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى بولغان.

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما نىڭ سۇسان رايىسنىڭ ئىستىپانامىسىنى رەت قىلىپ زۇڭتۇڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرى ياردەمچىلىكىگە تەيىنلىگەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#