شىمالىي ئافرىقا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىمالىي ئافرىقاسەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ شىمالدىكى كۆپ قىسىم ئورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ رايوننىڭ شەرقىي قىزىل دېڭىز، شىمالىي يەر ئوتتۇرا دېڭىز، غەربىي ئاتلانتىك ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. مەيدانى 8 مىليون 370 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مىسىر، سۇدان، لىۋىيە، تۇنس، ئالجىرىيە، ماراكەشتىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت بىلەن ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئازور، مادېرا تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى 120 مىليون 900 مىڭدىن ئاشىدۇ(1984) ، ئاھالىسىنىڭ % 80 نى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا بېر-بېر خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان(بېر-بېرلار شۇ جاينىڭ ئەڭ بۇرۇنقى يەرلىك ئاھالىسى ھېسابلىنىدۇ) . ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاتلاس تاغلىق رايونى
ئاتلاس تاغلىق رايونىنىڭ مەيدانى 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ماراكەش، ئالجىرىيە، تۇنسلار يەر مەيدانىنىڭ 4/3، 6/5 ۋە 2/1 قىسىم يېرىنى ئىگىلەيدۇ. ئاتلاس تاغلىق رايونىنىڭ ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تەركىبىگە كىرىدۇ. بىراق تاغلىقنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولغان ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، بۇنداق جايلاردا قىش پەسلى سوغۇق بولىدۇ.
ماراكەش ھەققىدە
ماراكەشنىڭ ئىفران رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃ 23.9-قا چۈشكەن. سەھرايى رايونى شىمالىي قىسىم ئافرىقىنىڭ قالغان رايونلىرىنى(سۇداندىن باشقا) ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بۇ جايلارنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى قۇرغاق بولۇپ، كەڭ دائىرىلىك قۇملۇقلار تارقالغان. نىل دەريا ۋادىسى بىلەن ئۇششاق، تارقاق بوستانلىقتا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.