پامپاس يايلىقى
ئارگېنتىنانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چوڭ ئوتلاق(چوڭ تۈزلەڭلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ) ئۇ غەربتە ئاندېس تاغلىرىدىن شەرقتە ئاتلانتىك ئوكيانغا قەدەر، شىمالدا گرانچاكو ئوتلىقىدىن جەنۇبتا پاتاگونىيە ئېگىزلىكىگە قەدەر بولغان ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئارگېنتىنانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چوڭ ئوتلاق(چوڭ تۈزلەڭلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ) ئۇ غەربتە ئاندېس تاغلىرىدىن شەرقتە ئاتلانتىك ئوكيانغا قەدەر، شىمالدا گرانچاكو ئوتلىقىدىن جەنۇبتا پاتاگونىيە ئېگىزلىكىگە قەدەر بولغان ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جاينىڭ يەر مەيدانى 760 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئاشىدۇ. پامپاسنىڭ يەر ۋەزىيىتى ناھايىتى تەكشى، كۆپ ئورۇنلىرى غەربتىن شەرققە قاراپ پەسەيگەن تۈزلەڭلىكتىن ئىبارەت. بۇ جاينىڭ ئىقلىمى قىشتا يىللىق، يازلىقى ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىنى 250 دىن 1000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. غەربىي شىمال قىسمىنىڭ ئىقلىمى سەل قۇرغاق ئىسسىق كېلىدۇ. قالغان جايلىرىنىڭ ئىقلىمى يىللىق بولۇپ، يامغۇرى مول، مۇتلەق كۆپ ئورۇنلىرىنى قېلىن ئوت-چۆپلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. تۇپرىقى مۇنبەت بولغان قارا تۇپراقنى ئاساس قىلىدۇ. پامپاس ئارگېنتىنانىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، قاتناش-ترانسپورت ئەڭ تەرەققىي قىلغان بىر رايونى، بۇ جايدا بېقىلىۋاتقان كالا پۈتۈن دۆلەتتە بېقىلىۋاتقان كالىنىڭ 3/4 قىسمىنى، قوينىڭ 1/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جاي پۈتۈن ئارگېنتىنا ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ 1/4 قىسمىنى تەشكىل قىلسىمۇ، لېكىن ئاھالىسى پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ 3/4 قىسمىنى، بۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان كۆممىقوناق، بۇغداي پۈتۈن دۆلەت بويىچە ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان كۆممىقوناق، بۇغداينىڭ % 90نى، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ % 50نى، سانائەت بىلەن ئىشچىلىرىنىڭ %80 نى ئىگىلەيدۇ. بۇ جايغا ماشىنىسازلىق، نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائەت، تېرە-خۇرۇم، پولات-تۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئېلېكترون، كېمىسازلىق، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، قەغەز قاتارلىق نۇرغۇن سانائەت تارماقلىرى توپلانغان. بۇ جايدا ئارگېنتىنا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەرلەردىن بۇئېنوس-ئايرېس، روسارىئو لاپلاتا، سېنىتا—فى، پارانا، بىلانكا قاتارلىق شەھەرلەر بار. بۇ رايون ئارگېنتىنا بويىچە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا قاتنىشى ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايون، بۇ جايدىكى تۆمۈريوللار پۈتۈن ئارگېنتىنادىكى تۆمۈريوللارنىڭ %70 نى ئىگىلەيدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.