يىلپىز

يىلپىز ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى ـــــ گۆشخورلار سىنىپى ـــــ مۈشۈك ئائىلىسىدىكى گۆشخور ھايۋان. ئاسىيا قىتئەسى، ئافرىقا قىتئەسى ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ماكانلىشىش ئورنى قىلىدۇ. بۇغا، بۆكەن، ياۋا چوشقا، ياۋا توشقان قاتارلىقلارنى يېمەكلىك  قىلىدۇ. 

يىلپىز بولسا ھايۋانلار ئارىسىدىكى «قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش چىمپىيونى»، ئۇنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.


ئۇيغۇرچە نامى يىلپىز
ئىنگلىزچە نامى leopard
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى گۆشخورلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى يىلپىز ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى مۈشۈك ئائىلىسى
تۈرى يىلپىز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يىلپىزيىلپىزنىڭ تاشقى قىياپىتى يولۋاسقا ناھايىتى ئوخشىشىپ كىتىدۇ . ئۇنىڭ بېشى يۇمىلاق ، قۇلىقى قىسقا ، پۇت-قولى كۈچلۈك ، تىرنىقى ئىتتىك ، قۇيرۇقى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ . يىلپىز ناھايىتى چاققان ، يۈگۈرۈشكە ، سۇ ئۈزۈشكە ، دەرەخكە يامىشىشقا ماھىر ، يوشۇرۇنۇشچانلىقى كۈچلۈك ، چەبدەس . پۇراش ، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سېزىمى ناھايىتى ياخشى . كىشىلەر ئۇنى ھايۋانات دۇنياسىدىكى «ئەڭ مۇكەممەل ئوۋچى »دەپ تەرىپلىشىدۇ .

يىلپىزيىلپىز ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى ـــــ گۆشخورلار سىنىپى ـــــ مۈشۈك ئائىلىسىدىكى گۆشخور ھايۋان. ئاسىيا قىتئەسى ، ئافرىقا قىتئەسى ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ماكانلىشىش ئورنى قىلىدۇبۇغا ، بۆكەن ، ياۋا چوشقا ، ياۋا توشقان قاتارلىقلارنى يېمەكلىك  قىلىدۇ. 

يىلپىز بولسا ھايۋانلار ئارىسىدىكى «قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش چىمپىيونى » ، ئۇنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

يىلپىزنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇنىڭ ھاياتى ھەر خىل مۇھىتلارنى يەنى :  ئورمانلىق، شورلۇق، تروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئىقلىم ئورمىنى، تاغلىق، ئېدىرلىق، تۈزلەڭلىك، قۇرغاق يەر ، نەم يەر , ھەتتا چۆل قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە يىلپىز ئاساسەن ئورمان بار بولغان تاغ ئىچىدە ياشايدۇ ، يەنە بەزى يىلپىزنىڭ تۇرمۇشى ئېدىرلىق بەلباغلىرىغىمۇ تارقالغان. شەرقىي شىمال قاپلانلىرى نۆلدىن تۆۋەن  ℃30 لۇق قارلىق جايلار ئىچىدىمۇ پائالىيەت قىلالايدۇ. ئەمما جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى قاپلان ئىسسىق ھاۋاغا ماس كېلىدۇ . چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ يىلپىز ئادەتتە تاغلىق رايونلاردا ياشايدىغان بۇلۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 ~ 2000 مېتىر كېلىدۇ .

يىلپىزئىپتىدائىي تۈرى : ئافغانىستان، ئالجىرىيە، ئانگولا، ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان، بېنگال، بېنىن، بۇتان، بوتسۋانا، بۇركىنا فاسو، بۇرۇندى، كامبودژا، كامېرۇن، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، چاد، جوڭگو، كونگو، كونگو (كىنشاسا)، كوتىدى ئىۋۇئېر، جىبۇتى، مىسىر، ئېكۋاتور گۋىنىيىسى، ئېرىترىيە، ئېفىئوپىيە، گابون، گامبىيە، گرۇزىيە، گانا، گۋىنىيە، گۋىنىيە بىسساۋ، ھىندىستان، ھىندىستان، ئىران، ئىسرائىلىيە، ئىئوردانىيە، كېنىيە، چاۋشيەن، لائوس، لىبىرىيە، مالاۋى، مالايسىيا، مالى، ماراكەش، موزامبىك، بىرما، نامىبىيە، نىپال، نىگېر، نىگېرىيە، ئامان ، پاكىستان، روسسىيە، رۋاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان، سېنېگال، سېررالېئون، سۇمالى، جەنۇبىي ئافرىقا، جەنۇبىي سۇدان، سرىلانكا، سۇلتان ، سۋېزىلاند، تاجىكىستان، تانزانىيە، تايلاند، توگو، رۇم (تۈركىيە)، تۈركمەنىستان، ئۇگاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئۆزبېكىستان، ۋيېتنام، يەمەن، زامبىيە، زىمبابۋې قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. 

ئاللىقاچان نەسلى قۇرۇپ بولغان رايونلار : شياڭگاڭ، كۇۋەيىت، لىۋىيە، سىنگاپور، سۈرىيە، تۇنىس قاتارلىق جايلاردا نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. 

يىلپىز جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان ، تەيۋەننى ھېسابقا ئالمىغاندا لىياۋ نېڭ ، شەندۇڭ ، نىڭشيا ۋە شىنجاڭنىڭ باشقا، ھەرقايسى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايونلارغا تارقىلىشى  بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    33.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#