سۆئلەپ چىنى

سۆئلەپ چىنى

سۆئلەپ چىنى بولسا سۆئلەپنىڭ  قۇرۇتۇلغان تۈگۈنەك غولى بولۇپ، «سۆئلەپ» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئىششىق قايتۇرۇش، گۆش ئۈندۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى سۆئلەپ چىنى
ئىنگلىزچە Commom Bletilla Tuber
تەمى ئازراق ئاچچىق
باشقا نامى بىتىللا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 白及
جىسمى پۇراقسىز كېلىدۇ، ھەمدە يېپىشقاق خۇسۇسىيىتى بار
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىلىك قۇرۇق سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۆئلەپ چىنىسۆئلەپ چىنى بولسا سۆئلەپ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ  قۇرۇتۇلغان تۈگۈنەك غولى بولۇپ، «سۆئلەپ» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قۇرۇتۇلغان پارچە غولى ساغۇچ ئاق رەڭلىك، يىلتىز غولى توم، تەڭگى ئاق ۋەسۈزۈك كېلىدۇ.پۇراقسىز كېلىدۇ، ھەمدە يېپىشقاق خۇسۇسىيىتى بار. ئازراق ئاچچىق،كۈزدە كولاپ ئېلىپ تازىلاپ يېغۋىلىنىدۇ .ئېلىمىزنىڭ كۆپلىگەن ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ.

ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قان توختىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، گۆش ئۈندۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

قان توختاتقۇچى دورا

ئەكىس تەسىرى

باش ئاغرىتىدۇ.

1. قان توختىتىدۇ، تەركىبىدىكى شىلىمشىق ماددا قان توختىتىدۇ. سۇپۇپى ياكى قايناتمىسى، ئىشلىتىلسە، قان توختىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

2. ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنى داۋالاش رولىغا ئىگە.

3. بۇ ئۆپكە تۇبىركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىلىرىنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە

يېڭى ئېلىنغان تۈگۈنەك غولىدا %14.6 سۇ %30.48 كراخمال، گليۇكوزا، ئۇچۇچان ماي، شىلىمشىق ماددا قاتالىقلار بار.

سۆئلەپ چىنى1. سۆئلەپ چىنى، شاقاقۇل، بەھمەن قاتارلىقلارنىڭ قايناتمىسىدىن 50~30 گرامغىچە ئىچىپ بەرسە، قان توختىتىدۇ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، ئىششىق قايتۇرىدۇ.

2. خۇنسىياۋشان، ئەنجىباھار، ئاقاقىيا، سۆئلەپ چىنى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ ئىچىپ بەرسە ياكى سىرتقى جاراھەتلەرگە سەپسە، ئىچىكى - تاشقى جاراھەتلەرنىڭ قاناشلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

 قۇرۇتۇلغان تۈگۈنەك غولى

مىقدارى

3~9 گرام

ساقلاش

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

ئورۇنباسارى

كەھرىۋا

تۈزەتكۈچىسى

بىنەپشە

سۇپۇپى بېتىللا

ئۆپكىدىن قان كېلىش، قان تۈكۈرۈش، غەلۋىرەك، ھەر خىل يارىلار، پۇت - قول يېرىقلىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىلگىـرى بۇ دورا «سۆئلەپ مىسىرى» غـا ئوخشاپ كەتـكەچكە «سۆئلەپچىنى»نامىدا دورىغا ئىشلىتىپ كېلىنگەن، كېيىنىكى تەكشۈرۈشلەردىن بۇ دورىنىڭ سۇ بىلەن بەدەل بولالمايدىغانلىقىئېنىقلانغاچقا «سۆئلەپ چىنى» دېگەن نامى ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ، «بېتىللا» دېگەن نام بېكىتىلگەن.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=181

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#