پىلىپىل يىلتىزى
پىلىپىل يىلتىزى بولسا پىل پىلنىڭ پىشمىغان غۇژمەك يىلتىزى بۇلۇپ مېڭىنى تازىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پىلىپىل يىلتىزى بولسا قارىمۇچ ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك پىل پىلنىڭ پىشمىغان غۇژمەك يىلتىزى تاشقى تەرىپى توپىرەڭ، ئىچى ئاق كېلىدۇ. پۇرىقى ئۆتكۈر، ۋەزنى ئېغىر، قاتتىق بۇلۇپ كۈز پەسلىدە يېغۋىلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ يۈننەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلىرىدىن، ھەمدە ھېندىنوزىيە، ۋىيتنام، فىلىپىن قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.
1. پىل پىل يىلتىزىنىڭ ئۆزىنى يالغۇز چاينىسا ياكى كىشمىش بىلەن قاينىتىپ غار غار قىلسا مېڭىنى تازىلايدۇ.
2. پىل پىل يىلتىزىنى ئېزىپ مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ئاشقازاننى قىزىتىدۇ. ئۈچەي توسۇلۇش ۋە سوغۇق يەلدىن بولغان كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. پىل پىل يىلتىزى، بەدىيان، زەنجىۋىل، دارچىن قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرسىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ چاي دەملەپ بەرسە ھەزىم ياخشىلايدۇ. ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
4. پىل پىل يىلتىزىنى يۇمشاق ئېزىپ قايناقسۇدا نەمدەپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا چوڭ – كىچىك بوغۇم ئاغرىقلىرى، بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جاۋارىش پىلپىل، ماددە تۇلھايات.
ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، تال كېسەللىكى، يانپاش ئاغرىقى، ئۇششاق بوغۇملار ئاغرىقى، چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
يىلتىزى تەركىبىدە پىپېرىن (Piperine) پىپېللارتىن (Pipelartine)، پېپىرلونىگومنىن (Piperlonguminine) قاتارلىقلار بار. غولى تەركىبىدە پىپېلاتىن بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.