ئۇياتچان ئوت

ئۇياتچان ئوت پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق پاكار چاتقال، يوپۇرماقلىرى ئىسسىقلىق ۋە نۇر پەيدا بولغان ئىنكاسلارغا يۇلۇققاندا، سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە دەرھال جۈپلىشىۋالىدۇ.  

ئۇيغۇرچە نامى ئۇياتچان ئوت
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى ئۇياتچان ئوت ئۇرۇقدىشى
كەنجى سىنىپى ئازغان كەنجى سىنىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 含羞草
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى پۇرچاق ئائىلىسى
لاتىنچە نامى Mimosa pudica Linn.
ئەترىتى ئەتىرگۈل ئەترىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇياتچان ئوتئۇياتچان ئوت، پاكار چاتقال شەكىللىك سامان غوللۇق، ئېگىزلىكى بىر مېتىر؛ غولى سىلىندىر شەكىللىك بولۇپ، شاخلىنىشى تارقاق ھالەتتە، تۆۋەنگە ئېگىلىپ ئۆسىدۇ، ئىلمەك تىكەنلىك ۋە تەتۈر ئۆسكەن تىكەن تۈكچىلىرى بولىدۇ. 

ھەمراھ يوپۇرمىقى تېمىنە شەكىللىك، ئۇزۇن 5-10 مىللىمېتىر، تەگكەن ھامان تۇيۇق پەي ۋە كىچىك ياپراقچە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ؛ پەي ئادەتتە ئىككى جۈپ، بارماقسىمان تىزىلىدۇ، ئومۇمىي يوپۇرماق ساپىقى بولغان، ئۇزۇنلىقى 3-8 سانتىمېتىر؛ كىچىك يوپۇرماقلىقلىرى يىپسىمان سوقىچاق، ئۇزۇنلىقى 8-13 سانتېمىتىر، كەڭلىكى 1 - 2.5 مىللىمىتىر، ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق. 

ئۇياتچان ئوتئەسلى ماكانى ئىسسىق بەلباغدىكى ئامېرىكا قىتئەسى، دۇنيادىكى ئىسسىق بەلباغ رايونلارغا تارقالغان. جۇڭگونىڭ تەيۋەن، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، گۇئاڭشى، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. بىپايان قاقاس يەر، چاتقاللىق ئىچى، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا مەنزىرە قىلىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. مىموزا ئىللىق، نەم، قۇياش نۇرى تولۇق چۈشكەن مۇھىتنى، مۇۋاپىق سۇ چىقىرىۋېتىشى ياخشى كۆرىدۇ، تەركىبىدە ئورگانىك ماددىلار مول بولغان قۇمساڭ ئەت تۇپراق، تۈپ تېنى ساغلام، شۇڭا ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز بولىدۇ، ماسلىشىشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك .

ئۇياتچان ئوتئۆسۈملۈك بىلەن ھايۋانات ئوخشىمايدۇ، نېرۋا سىستېمىسى يوق، مۇسكۇلى يوق، ئۇ سىرتقى غىدىقلاشنى ھېس قىلمايدۇ، ھالبۇكى، ئۇياتچان ئوت بىلەن ئادەتتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇ سىرتقى تەسىرگە ئۇچىرغاندا، يوپۇرماق سېپى ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، كىچىك يوپۇرماقلىرى بىرىكىۋالىدۇ. 

ئۇياتچان ئوتئۇياتچان ئوت تۇز يىلتىزلىق ئۆسۈملۈك، چاچما يىلتىزى ناھايىتى ئاز، مۇۋاپىق تېرىپ كۆپەيتىلىدۇ، يەنە كېلىپ ئەڭ بىۋاستە ئۇسۇل قوللىنىپ، يىلتىزى ساقلىنىپ كۆچۈرۈپ تىكىلىدۇ؛ ئەگەر كۆچۈرۈپ تىكىش كېرەك، مايسا مەزگىلىدە كۆچۈرۈپ تىككەندە ئاسان ئەي بولىدۇ، بىر يىلدا ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ئۇياتچان ئوت، ئادەتتە باش باھار ئۆي ئىچىدە تېرىش ئىنتايىن مۇۋاپىق. 

ئۇياتچان ئوتئۇياتچان ئوت ساغلام، ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز بولىدۇ، ئۆسۈش مەزگىلىدە بالكونغا قويۇپ ياكى ھويلىدا ئۆستۈرىلىدۇ، تەلەپ تۇپرىقى قېلىن، مۇنبەت، ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق، نەم. قىش پەسلىدە ئۆي ئىچى دېرىزە تەكچىسىگە يۆتكەش كېرەك، قىشتىن بىخەتەر ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى ℃ 10 ئەتراپىدا بولىدۇ. قۇياش نۇرى يېتەرلىك بولغان شارائىتتا، يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى تېز، كۈندە سۇغۇرىلىدۇ. يازنىڭ تومۇز ھەم قۇرغاق ۋاقتىدا بالدۇر سۇغىرىش كېرەك، سۇ كەمچىل بولسا، يوپۇرماق تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، ھەتتا سارغىيىپ كىتىدۇ. 

تېببىي دورىگەرلىك

ئۇياتچان ئوتپۈتۈن چۆپى : تاتلىق، قېرىق، سۇغۇق، . كۆڭلىنى تىنجىتىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ. ئۇيقۇسىزلىق، كىچىك بالىلاردىكى ئىشتىھاسىزلىق، كۆز قىزىرىپ ئىششىپ ئاغرىش، چوڭقۇر قىسمىدىكى يىرىڭلىق ئىششىقى، بەلباغسىمان كۆپۈك ئەسۋە قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ. يىلتىزى : قىرتاق، سەل ئاچچىق. زەھەرلىك ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك. يۆتەل توختۇتۇپ بەلغەم بوشتىدۇ، نەملىكتىن بولغان يوللارنى ئېچىپ، ئاشقازاننى ماسلاشتۇرۇىدۇ، يۆتەل، بەلغەملىك زىققە، رېماتىزملىق بوغۇم ئاغرىش، بالىلار ھەززىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ. 

ھوزۇرلىنىش

ئۇياتچان ئوت شەكلى چېچىلىپ، پەيسىمان يوپۇرمىقى ئىنچىكە ھەم گۈزەل؛ چىرايلىق گۈل ئۇياتچان بولغاچقا، چىرايلىق، كىشىگە نازۇك كۆركەم تەسىر قالدۇردى. ھويلا ئاراملاردا تەشتەكتە ئۆستۈرسىمۇ بولىدۇ. ھازىر كۆپىنچە ئائىلىلەردە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىپ بېقىلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#