ئوسما يىلتىزى

ئوسما يىلتىزى

ئوسما يىلتىزى بولسا ئۆسۈملۈك ئوسمىنىڭ قۇرۇتۇلغان يىلتىزدىن ئىبارەت. چاچنى چىڭىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. 

ئۇيغۇرچە نامى ئوسما يىلتىزى
ئەرەبچە نامى كتم ئەسلۇل
ئىنگلىزچە Indigowoad Root
تونۇش ئۆسۈملۈك ئوسمىنىڭ قۇرۇتۇلغان يىلتىزدىن ئىبارەت.
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 板蓝根
پارسچە نامى (ئە)، ئو سىمە، بىخ
ئوردۇچە نامى ئو سىمە، نيل كاجير
چىقىش ئورنى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوسما يىلتىزىئوسما يىلتىزى بولسا كىرسىت گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئوسمىنىڭ قۇرۇتۇلغان يىلتىزدىن ئىبارەت بۇلۇپ، ئوسما ئۆسۈملۈكى يېتىلگەن ۋاقىتتا كولاپ يەر ئاستى قىسىمىنى ئىلىپ يىغۋىلىنىدۇ.  مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ .

 قىززىتما قايتۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش ، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، چاچ ئۆستۈرۈش، چاچنى قارايتىش، چاچنى چىڭىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. 

خاس تەسىرى

ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش.

ئەكىس تەسىرى

مېڭىگە زىيان قىلىدۇ.

فارموكولوگىيلىك تەسىرى

ئالتۇن رەڭ شارچە باكتىرىيىسىنى تۇرمۇزلاش رولى كۈچلۈك، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيىسى قاتارلىق باكتىرىيەلەرنى تىزگىنلەيدۇ. B تىپلىق مېڭە پەردە ۋىروسى، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى تىزگىنلەيدۇ. ئاق قان دانىچىلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى تېزگىنلەش. راكقا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار. 

لىندىكان (Lindican) ئىندىرابىن  (Eindirabin) ئوردىن (Uridine) كـىـساـنتـېـن (xanthine)، ئۇراتسـىل (uratcil) سالـىـتسىيىلـىـك كىسلاتا (salicylic acid) ۋە ھەرخىل ئامىنو كىسلاتالىرىدىن تەركىب تاپقان،

ئوسما يىلتىزى1.ئوسما يىلتىزى ۋە قىرىق بوغۇمدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ قاينىتىپ ئىچسە  تارقىلىشچان مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە زۇكامغا شىپا قىلىدۇ.

2.ئوسما يىلتىزى 35 گرام، ئەڭلىك ئوت 20 گرام ئىلىپ قاينىپ ئىچسە تارقىلىشچان قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا شىپا قىلىدۇ.

3.ئوسما يىلتىزى ، ئۈچ قاتتىن 20 گرامدىن، قىزىل چوغلۇق 12 گرام، مامكاپ 16 گرام، چۈچۈكبۇيا 4 گرام ئىلىپ، قاينىتىپ ئىچسىە ئۆپكە ياللۇغىغا پايدا قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

ئوسمىنىڭ قۇرۇتۇلغان يىلتىزى.

مىقدارى 

6~12 گىرامغىچە

ساقلاش

قۇرۇتۇپ سالقىن، سايە جايدا ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

قەلەمپۇر  

ئورۇنباسارى 

 گۈل بىنەپشە

مۇرەككەپ ئوسما يىلتىزى دەملىمىسى، زۇكام جەۋھىرى 

تارقىلىشچان مېڭە پەردە ياللۇغى، زۇكام، قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى، يەل تاشما، بۇغما، غەلۋەرەك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. 

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=266

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#