فۇنشال
فۇنشال شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى مادېرا تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى، مۇھىم پورت شەھىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى مادېرا تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى، مۇھىم پورت شەھىرى. بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى 1421-يىلى سېلىنغان. ئاھالىسى 34 مىڭدىن ئاشىدۇ، ھازىر يەنىلا پورتۇگالىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ كەلمەكتە. خەلقئارا ھاۋا، دېڭىز ۋە باشقا ئالاقە ئىشىرىدىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. شەھەردە شېكەر، ھاراق، كونسېرۋا ئىشلەش ۋە باشقا قول ھۈنەر سانائەت ئورۇنلىرى بار. بولۇپمۇ مادېرا ھارىقى(ئۈزۈم ھارىقى) ئىشلەشتە بەك داڭلىق بولۇپ، ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەشتىن سىرت، كۆپلەپ سىرتقا چىقىرىدۇ. شەھەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى يېقىملىق، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. شەەر ئەتراپىدا مېۋە-چېۋە، كۆكتات ئۆستۈرۈلىدۇ. دېڭىزدىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. شەھەردە 15-ئەسىردە سېلىنغان چېركاۋلار، قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.