سىتسلىيە ئارىلى

سىتسلىيە ئارىلى

سىتسلىيە ئارىلى ئىتالىيىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىزىدىكى ئەڭ چوڭ ئارىلى. 

ئۇيغۇرچە نامى سىتسلىيە ئارىلى
چەتئەلچە نامى Sicily
خەنزۇچە نامى 西西里岛
جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبى، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىتسلىيە ئارىلىئىتالىيىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىزىدىكى ئەڭ چوڭ ئارىلى. بۇ ئارال ئاپپېنىن يېرىم ئارىلى بىلەن ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. شەرقتە ئاپپېنىن يېرىم ئارىلىدىن ئۈچ كىلومېتىر كەڭلىكتىكى مېسىنا بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مەيدانى 25 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 4 مىليون 902 مىڭدىن ئاشىدۇ. مەركىزى پالېرمو شەھىرى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردىن 6-ئەسىرگىچە بولغان مەزگىللەردە گرېك خەلقلىرى ئارالنىڭ شەرقىدە مۇستەملىكىچىلىك ئورۇن قۇرغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 241-يىلى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان. كېيىن ۋاندار، ۋىزانتىيە، نورمال خەلقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1442-يىلى ستسىلىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي قايتا بۆلۈنۈپ، ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1861-يىلى ئىتالىيە تەركىبىگە قوشۇلغان.

سىتسلىيە ئارىلى ئارالنىڭ يەر شەكلى تاغلىق، ئېدىرلىق بولۇپ، دېڭىز قىرغاق بويلىرىدا بىرنەچچە پارچە تۈزلەڭلىك بار. شەرقىي قىرغىقىدا ئېتنا يانار تېغى(3263 مېتىر) بار، بۇ پۈتۈن ئارالدىكى ئەڭ ئېگىز جاي ھېسابلىنىدۇ. ئارالدا يانار تاغ ھەرىكىتى، يەر تەۋرەش كۆپ بولۇپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، شىمالىي، غەربىنىڭ ھاۋاسى نەمرەك، جەنۇبىي قۇرغاقراق كېلىدۇ.

 يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، كېۋەز ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا لىمون، ئاپېلسىن قاتارلىق سۇبتروپىك بەلباغ مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان. نېفىت، گۈڭگۈرت، ئاشتۇزى قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. ئاساسىي پورتلىرى پالېرمو، مېسنا، كاتانىيە گراپانى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/6812.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#