دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش نىزامى

نىزام

«دۆلەت دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش نىزامى» 2011–يىل 1–ئاينىڭ 19–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 141–قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى دۆلەت دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2011–يىل 1–ئاينىڭ 19–كۈنى
خەنزۇچە نامى 国家国有土地上房屋征收与补偿条例

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«دۆلەت دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش نىزامى» 2011–يىل 1–ئاينىڭ 19–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 141–قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى (590–نومۇرلۇق)

«دۆلەت دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش نىزامى» 2011–يىل 1–ئاينىڭ 19– كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 141–قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

زۇڭلى ۋېن جياباۋ

2011–يىل 1–ئاينىڭ 21–كۈنى

بۇ نىزام دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، جامائەت مەنپەئەتىنى قوغداش، ئۆيى ئېلىنغان ئىگىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلغان.

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

   1–ماددا بۇ نىزام دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، جامائەت مەنپەئەتىنى قوغداش، ئۆيى ئېلىنغان ئىگىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2–ماددا جامائەت مەنپەئەتى ئېھتىياجى بىلەن، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ دۆلەت يېرىدىكى ئۆيىنى ئېلىشتا، ئۆيى ئېلىنغان ئىگىدارلار (تۆۋەندە ئۆيى ئېلىنغۇچى دېيىلىدۇ) غا ئادىل تولۇقلىما بېرىش كېرەك.

     3–ماددا ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىشتە، قارار دېموكراتىك بولۇش، تەرتىپ توغرا بولۇش، نەتىجە ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

    4–ماددا شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئۆي ئالغۇچى تارماق (تۆۋەندە ئۆي ئالغۇچى تارماق دېيىلىدۇ) ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

    شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئىش تەقسىماتى بويىچە ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    5–ماددا ئۆي ئالغۇچى تارماق ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىشتىكى كونكرېت خىزمەتلەرنى ئۆي ئېلىش ئىشىنى كونكرېت قىلغۇچى ئورۇنغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ئۆي ئېلىش ئىشىنى كونكرېت قىلغۇچى ئورۇن پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماسلىقى كېرەك.

    ئۆي ئالغۇچى تارماق ئۆي ئېلىش ئىشىنى كونكرېت قىلغۇچى ئورۇننىڭ ھاۋالە قىلىنغان دائىرىدىكى ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتى ئۈچۈن قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    6 –ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

     گوۋۇيۈەننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە، زېمىن بايلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

   7–ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى، ئۆي ئالغۇچى تارماق ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلارغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى، ئۆي ئالغۇچى تارماق ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئۇنى ۋاقتىدا ئېنىقلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

     مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بىرىش خىزمىتىگە قاتناشقان ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار ياكى ئورۇنلار شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خادىملىرىغا بولغان مەمۇرىي تەپتىشلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

 2–باب ئۆي ئېلىش قارارى

    8–ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجىنى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جامائەت مەنپەئەتى ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە ئۆي ئېلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي ئېلىش قارارى چىقىرىدۇ:

    (1) دۆلەت مۇداپىئەسى ئېھتىياجى ۋە دىپلوماتىيە ئېھتىياجى؛

    (2) ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېھتىياجى؛

    (3) ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، شەھەر مەمۇرىيىتى قاتارلىق جامائەت ئىشلىرى ئېھتىياجى؛

    (4) ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئېھتىياجى؛

    (5) شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان خەتەرلىك ئۆي كۆپ، ئۇل ئەسلىھەلىرى قالاق جايلاردىكى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ئېھتىياجى؛

    (6) قانۇن، مەمۇرى نىزاملاردا بەلگىلىگەن باشقا جامائەت مەنپەئەتى ئېھتىياجى.

    9–ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 8-ماددىسى بويىچە، ھەقىقەتەن ئۆي ئېلىش زۆرۈر بولغان قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمى پىلانى، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلانغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

   خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىيات يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمى پىلانى، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلانلارنى تۈزۈشتە، جامائەتتىن كەڭ تۈردە پىكىر ئېلىش ۋە ئىلمىي دەلىللەش كېرەك.

    10–ماددا ئۆي ئالغۇچى تارماق ئۆي ئېلىش ، تولۇقلىما بېرىش لايىھەسىنى تەييارلاپ ، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللىشى كېرەك.

    شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، ئۆي ئېلىش ، تولۇقلىما بېرىش لايىھەسىنى دەلىللىشى ھەمدە ئېلان قىلىپ، جامائەتنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. پىكىر ئېلىش ۋاقتى 30 كۈندىن كەم بولسا بولمايدۇ.

    11–ماددا شەھەر ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى پىكىر ئېلىش ئەھۋالىنى ۋە جامائەتنىڭ پىكرى بويىچە تۈزىتىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك .

    كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ئېھتىياجى بىلەن ئۆي ئالغاندا، كۆپ ساندىكى ئۆيى ئېلىنغۇچىلار ئېلىش، تولۇقلىما بىرىش لايىھەسىنى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا ، شەھەر ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆيى ئېلىنغۇچىلار ۋە جامائەت ۋەكىللىرى قاتناشقان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىشى ھەمدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن لايىھەنى تۈزىتىشى كېرەك.

    12–ماددا شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي ئېلىش قارارى چىقىرىشتىن ئىلگىرى ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق جەھەتتىكى خەۋپ-خەتەرنى باھالىشى كېرەك؛ ئۆي ئېلىش قارارىدا بېكىتىلگەن ئۆيى ئېلىنغۇچىلارنىڭ سانى كۆپرەك بولسا، ھۆكۈمەت دائىمى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش كېرەك .

    ئۆي ئېلىش قارارى چىقىرىشتىن ئىلگىرى، ئۆي ئېلىش تولۇقلىما پۇلىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەخسۇس ئىسچوتتا ساقلاش، جايىغا ئىشلىتىش كېرەك.

    13–ماددا شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي ئېلىش قارارى چىقارغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ئېلانغا تولۇقلىما بېرىش لايىھەسى، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، مەمۇرىي دەۋا ھوقۇقى قاتارلىق ئىشىلارنى يېزىش كېرەك.

    شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇنىڭدەك ئۆي ئالغۇچى تارماق ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىشكە دائىر تەشۋىقات، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    ئۆي قانۇن بويىچە ئېلىنغاندا دۆلەت يېرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىمۇ قايتۇرۇۋېلىنىدۇ.

    14–ماددا ئۆيى ئېلىنغۇچىلاردىن شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي ئېلىش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قانۇن بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

    15–ماددا ئۆي ئالغۇچى تارماق ئېلىنىدىغان دائىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى، ئورنى، ئىشلىتىلىشى، قۇرۇلۇش كۆلىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تىزىملىشى، ئۆيى ئېلىنغۇچىلار ماسلىشىشى كېرەك. تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆي ئېلىنىدىغان دائىرىدىكى ئۆيى ئېلىنغۇچىلارغا ئېلان قىلىشى كېرەك.

    16–ماددا ئۆي ئېلىش دائىرىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆي ئېلىش دائىرىسىدە يېڭىدىن سېلىش، كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش، ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىشتەك تولۇقلىما پۇلىنى نامۇۋاپىق كۆپەيتىۋېتىدىغان ھەرىكەتلەرگە يول قويۇلمايدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا تولۇقلىما بېرىلمەيدۇ.

    ئۆي ئالغۇچى تارماقلار ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئىشلاردا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى توختىتىپ تۇرۇشنى ئالاقىدار تارماققا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى توختىتىپ تۇرۇش ھەققىدىكى يازما ئۇقتۇرۇشتا بېجىرىشنى توختىتىپ تۇرۇش ۋاقتىنى ئېنىق يېزىش كېرەك . توختىتىپ تۇرۇش ۋاقتى ئۇزاق بولغاندا بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

3–باب تولۇقلىما

    17–ماددا ئۆي ئېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆيى ئېلىنغۇچىغا بېرىدىغان تولۇقلىما تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

   (1) ئېلىنغان ئۆينىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما؛

   (2) ئۆي ئېلىش سەۋەبىدىن بېرىلىدىغان كۆچۈرۈش، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى ؛

   (3) ئۆي ئېلىنغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئىشلەپچىقىرىش ، تىجارەتنى توختىتىش زىيىنىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما .

    شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياردەم پۇل بېرىش ۋە مۇكاپاتلاش چارىسىنى تۈزۈپ، ئۆيى ئېلىنغۇچىلارغا ياردەم پۇل ۋە مۇكاپات بېرىشى كېرەك.

    18–ماددا شەخسىي ئۆيى ئېلىنىدىغانلاردىن ئۆي كاپالەت شەرتىگە توشىدىغانلىرىنى ئۆي ئېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاۋۋال ئۆي كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر چىقىرىدۇ.

     19–ماددا ئېلىنغان ئۆينىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئېلىنغان ئۆي بىلەن ئوخشاش ئۆي-زېمىننىڭ ئۆي ئېلىش قارارى ئېلان قىلىنغان كۈنىدىكى بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئېلىنغان ئۆينىڭ قىممىتىنى مۇناسىپ ساپاغا ئىگە ئۆي-زېمىن باھاسىنى باھالاش ئاپپاراتى ئېلىنىدىغان ئۆينى باھالاش چارىسى بويىچە باھالاپ بېكىتىدۇ.

    ئېلىنغان ئۆينىڭ باھالاپ بېكىتىلگەن قىممىتىگە باشقىچە پىكىرى بارلار ئۆي-زېمىن باھاسىنى باھالاش ئاپپاراتىغا قايتا باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا باھالاش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىرى بارلار ئۆي-زېمىن باھاسىنى باھالاش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىغا بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

      ئېلىنىدىغان ئۆينى باھالاش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ، ئۇنى چىقىرىشتا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش كېرەك.

    20–ماددا ئۆي-زېمىن باھاسىنى باھالاش ئاپپاراتىنى ئۆيى ئېلىنغۇچىلار كېڭىشىپ تاللايدۇ؛ كېلىشەلمىسە، كۆپ سانلىق قارار قىلىش، ئىختىيارىي تاللاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ، كونكرېت چارىسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر چىقىرىدۇ.

    ئۆي زىمىن باھاسىنى باھالاش ئاپپاراتى ئېلىنىدىغان ئۆينى باھالاش خىزمىتىنى مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، ئادىل ئىشلىشى كېرەك، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

   21 –ماددا ئۆيى ئېلىنغۇچى تولۇقلىما ھېسابىغا پۇل ئالسىمۇ، ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ.

   ئۆيى ئېلىنغۇچى ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تاللىغان بولسا، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدىغان ئۆيلەردىن بېرىشى ھەمدە ئېلىنىدىغان ئۆينىڭ قىممىتى بىلەن مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلىدىغان ئۆينىڭ قىممىتى ئوتتۇرىسىدىكى باھا پەرقىنى ئۆيى ئېلىنغۇچى بىلەن ھېسابلىشىپ، ھېساب ئۈزۈشى كېرەك.

    كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن شەخسىي ئۆينى ئېلىشتا، ئۆيى ئېلىنغۇچى ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىلىدىغان جايغا سېلىنغان ئۆيگە ئالماشتۇرۇشنى تاللىغان بولسا، ئۆي ئېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزگەرتىلىدىغان جايغا ياكى يېقىن جايغا سېلىنغان ئۆيدىن بېرىشى كېرەك.

   22–ماددا ئۆي ئېلىش سەۋەبىدىن ئۆيى ئېلىنغۇچى كۆچىدىغان بولسا، ئۆي ئالغۇچى تارماق كۆچۈش ھەققى بېرىشى كېرەك؛ ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇشنى تاللىغان بولسا، مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلغان ئۆي پۈتۈشتىن بۇرۇن، ئۆي ئالغۇچى تارماق ئۆيى ئېلىنغۇچىغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش پۇلى بېرىشى ياكى ئوبورۇت ئۆي بېرىشى كېرەك.

  23–ماددا ئۆي ئېلىش سەۋەبىدىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتىن توختاپ قېلىپ بولغان زىيان تۆلىمى ئۆي ئېلىنىشتىن بۇرۇنقى پايدا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت توختىغان ۋاقت قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر چىقىرىدۇ.

   24–ماددا شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قۇرۇلۇش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىغا خىلاپ قۇرۇلۇش قىلغانلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

    شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي ئېلىش قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، ئېلىنىدىغان دائىرىدىكى تىزىملانمىغان ئىمارەتلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشى، بېكىتىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. قانۇنلۇق ئىمارەت ۋە تەستىق مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ۋاقىتلىق ئىمارەت دەپ بېكىتىلگەنلىرىگە تولۇقلىما بىرىشى كېرەك؛ قانۇنغا خىلاپ ئىمارەت ۋە تەستىق مۇددىتى ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتلىق ئىمارەت دەپ بېكىتىلگەنلىرىگە تولۇقلىما بەرمەسلىكى كېرەك.

    25–ماددا ئۆي ئالغۇچى تارماق بىلەن ئۆيى ئېلىنغۇچى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇلى، تولۇقلىما سوممىسى ۋە ئۇنى بېرىش ۋاقتى، مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلىدىغان ئۆينىڭ ئورنى ۋە كۆلىمى، كۆچۈش ھەققى، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققى ياكى ئوبوروت ئۆي، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت توختاپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان زىيان، كۆچۈش مۆھلىتى، ئۆتكۈنچى ئۇسۇل ۋە ئۆتكۈنچى مۆھلەت قاتارلىق ئىشلار ھەققىدە تولۇقلىما بېرىش كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك.

    تولۇقلىما بېرىش كېلىشىمى تۈزۈلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپ تولۇقلىما بېرىش كېلىشىمىدە پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، يەنە بىر تەرەپ قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

    26-ماددا ئۆي ئالغۇچى تارماق بىلەن ئۆيى ئېلىنغۇچى ئۆي ئېلىش، تولۇقلىما بېرىش لايىھەسىدە بېكىتىلگەن كېلىشىم تۈزۈش مۆھلىتىدە تولۇقلىما بېرىش كېلىشىمى تۈزۈشەلمىسە ياكى ئېلىنىدىغان ئۆينىڭ ئىگىدارى ئېنىق بولمىسا، ئۆي ئالغۇچى تارماق ئۆي ئېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە ۋە ئېلىش، تولۇقلىما بېرىش لايىھەسى بويىچە تولۇقلىما بېرىش قارارى چىقىرىشنى ھەمدە ئۆي ئېلىش دائىرىسدە ئېلان چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

   تولۇقلىما بېرىش قارارى ئادىل بولۇشى، ئۇنىڭدا مۇشۇ نىزامنىڭ 25-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تولۇقلىما بېرىش كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك.

ئۆيى ئېلىنغۇچىلاردىن تولۇقلىما بېرىش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قانۇن بويىچە مەمۇرى دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

27-ماددا ئۆي ئېلىشتا ئاۋۋال تولۇقلىما بېرىپ، ئاندىن كۆچۈرۈش كېرەك.

   ئۆي ئېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆيى ئېلىنغۇچىغا تولۇقلىما بەرگەندىن كېيىن، ئۆيى ئېلىنغۇچى تولۇقلىما بېرىش كېلىشىمىدە پۈتۈشكەن ياكى تولۇقلىما بېرىش قارارىدا بېكىتىلگەن مۆھلەتتە كۆچۈپ بولۇشى كېرەك.

   ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سۇ، پار، گاز، توكنى ئۈزۈۋېتىش ۋە يولنى توسۇۋېتىش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆيى ئېلىنغۇچىنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ كۆچۈرۈشكە ئارىلىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

    28–ماددا ئۆيى ئېلىنغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى مەمۇرى دەۋا قىلمىسا، تولۇقلىما بېرىش قارارىدا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتىمۇ كۆچمىسە، ئۆي ئېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىدۇ.

   مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىش ئىلتىماسىغا تولۇقلىما سوممىسى ۋە مەخسۇس ئىسچوت نومۇرى، مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلىدىغان ئۆي ۋە ئوبوروت ئۆينىڭ ئورنى، كۆلىمى قاتارلىقلارغا دائىر ماتېرىياللارنى قوشۇمچە قىلىش كېرەك.

   29–ماددا ئۆي ئالغۇچى تارماق ئۆي ئېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش ئارخىپىنى قانۇن بويىچە تۇرغۇزۇشى ھەمدە ھەربىر ئائىلىگە تولۇقلىما بېرىش ئەھۋالىنى ئۆي ئېلىش دائىرىسىدىكى ئۆيى ئېلىنغۇچىلارغا ئېلان قىلىشى كېرەك.

   ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئۆي ئېلىش تولۇقلىما پۇلىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى ھەمدە تەپتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

4-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    30–ماددا شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۆي ئالغۇچى ئورۇننىڭ خادىملىرىدىن ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىشتە بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە –كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئوقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    31–ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سۇ، پار، گاز، توكنى ئۈزۈۋېتىش ۋە يولنى توسۇۋېتىش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆيى ئېلىنغۇچىنى كۆچۈشكە مەجبۇرلاپ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

    32–ماددا قانۇن بويىچە ئىشلىنىۋاتقان ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بىرىش خىزمىتىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

    33–ماددا تولۇقلىما پۇلىنى خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغان، بۆلۈشىۋالغان، قىسىپ قالغان، نېسى قىلغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك پۇل قايتۇرۇۋېلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرغۇزۇلىدۇ، ئالاقىدار جاۋابكار ئورۇن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىنىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

    34–ماددا ئۆي-زېمىن باھاسىنى باھالىغۇچى ئاپپارات ياكى ئۆي-زېمىن باھالىغۇچىلاردىن ساختا ياكى زور خاتالىق بار باھالاش دوكلاتى چىقارغانلىرىنى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، ئۆي–زېمىن باھاسىنى باھالىغۇچى ئاپپاراتقا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئۆي–زېمىن باھالىغۇچىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلەپ قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ساپانامىسى ۋە رويخەت گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    5–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    35–ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 2001–يىل 6–ئاينىڭ 13–كۈنى ئېلان قىلغان «شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ. بۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قانۇن بويىچە ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسى ئېلىنغان تۈرلەر ئەسلىي بەلگىلىمە بويىچە بولۇۋېرىدۇ، لېكىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلارنى مەجبۇرىي چېقىش–كۆچۈرۈشكە بۇيرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#