سىماقۇلئەبىغەيىن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ تاغدا بولىدىغان ئۇششاق موزا دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دەرەخنىڭ شېخىدا پەيدا بولىدىغان ھاشارات قاپچۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھاشارات قاپچۇقى «سىماقۇلئەبىغەيىن» ياكى «ئۇششاق تاغ موزىسى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياغ، ئاقسىلدىن ئىبارەت.
ئۈچەي يولىدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق رولى بار.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، قان توختىتىش، يۆتەل پەسەيتىش، تەر توختىتىش.
يۆتەل، سۇزۇلما ئىچى سۈرۈش، مەقئەت چىقىپ قېلىش، كۆپ تەرلەش، قاناش، ھەر خىل جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. تاباشىر 10 گىرام، سىماقۇلئەبىغەيىن 5 گىرام، سۇماق 10 گىرام، ئىسپىغۇل 6 گىرام، قائىدە بويىچە سوقۇپ 50 گىرام قېتىق سۈزمىسىگە ئارىلاشتۇرۇپ، يېسە قاندىن بولغان ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. سىماقۇلئەبىغەيىن بىلەن خۇنسىياۋشەندىن 5 گىرامدىن ئېلىپ سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا سەپسە جاراھەت ئېغىزىنى پۈتتۈرىدۇ.
3. سىماقۇلئەبىغەيىن 5 گىرام، تۇخۇم شاكىلى 3 گىرام، قائىدە بويىچە سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا سەپسە قان توختىتىدۇ.
2~8 گىرام.
ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ.
بەدىيان، ھەسەل.
سۇماق.
ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇب ۋە ئوتتۇرا قىسىم ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ.
سۇپۇپى سىماقۇلئەبىغەيىن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.