ۋىتامىن PP
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋىتامىن PP (نىكوتىن، ئاق رەڭلىك كىرىستال جىسىم بولۇپ سۇدا ۋە ئىسپىرىتتا ئېرىيدۇ.) بۇ پېللا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك دورا. يەنى <نىكوتىن كىسلاتاسى> پېللاگرا كېسىلىگە قارشى ۋىتامىن بولۇپ، جىگەر، بۆرەك، ئېچىتقۇ خاسىڭ، گۈرۈچ توپىنىنىڭ تەركىبىدە مول بولىدۇ. نىكوتىن كىسلاتاسىنىڭ تۇغۇندىسى نىكوتىنامىد بەدەندە NAD + (نىكوتىنامىد - ئادېنىن دى نۇكلېئوتىد بولۇپ، DPN ياكى Col دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە NADP + (نىكوتىن ئامىد ئادېنىن دى نۇكلېئوتىد فوسفات بولۇپ، TPN ياكى Ⅱ Co دەپمۇ ئاتىلىدۇ) لارنىڭ تەركىبى قىسمى، ئىككىسىلا دېگىدروگېنازىلارنىڭ كوئېنزىمى بولۇپ، ھىدروگېن يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. NAD + يەنە DNA تۇتاشتۇرغۇچى ئېنزىمنىڭ كوئېنزىمى بولۇپ، DNA نىڭ نۇسخىلىنىشىغا نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئادەم تېنىدە ۋىتامىن PP ترىپتوفاننىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئادەتتە يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەيدۇ.
ئورگانىزىمدا ۋىتامىن PP كەمچىل بولغاندا ئادەم دەرمانسىزلىنىپ بېشى ئايلىنىپ، كۆزى قاراڭغۇلىشىدىغان. مېجەزى تەرسا بولۇپ قالىدۇ. ئوبدان ئۇخلىيالمايدۇ، تىلى يېرىلىپ كېتىدۇ. ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، يۈز ،بويۇن، قول ، پۇت قىسىمىنىڭ ئۇچۇق تۇرىدىغان جايلىرىدىكى تېرىلەر قاسراقلىشىپ قارىيىپ داغ پەيدا بولىدىغان، تېرە تاشلايدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ۋقتىدا داۋالانمىغان ئادەم نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىگە مۇپتۇلا بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.