دوۋنىڭ كوچىسى

دوۋنىڭ كوچىسى

دوۋنىڭ كوچىسى (خەنزۇچە نامى: 唐宁街، ئىنگلىزچە نامى: Downing Street ) لوندوندىكى تايمىس دەرياسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئاقزال (Whitehall) يولىنىڭ بويىدىكى پارلامېنت بىناسىغا يېقىن قىسقا ھەم تار بىر كوچا.

ئۇيغۇرچە نامى دوۋنىڭ كوچىسى
ئىنگلىزچە نامى Downing Street
جۇغراپىيەلىك ئورنى لوندوندىكى تايمىس دەرياسىنىڭ يېنىدا
خەنزۇچە نامى 唐宁街
قاراشلىق رايون لوندون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دوۋنىڭ كوچىسىئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ھەققىدە گەپ بولغاندا پادىشاھنىڭ سىمۋولى بولغان بۇككىنھام سارىيى بىلەن بىللە يەنە دوۋنىڭ كوچىسى دىگەن ناممۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. 

دوۋنىڭ كوچىسى (خەنزۇچە نامى: 唐宁街، ئىنگلىزچە نامى: Downing Street ) لوندوندىكى تايمىس دەرياسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئاقزال (Whitehall) يولىنىڭ بويىدىكى پارلامېنت بىناسىغا يېقىن قىسقا ھەم تار بىر كوچا. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇغى پەقەت 50 مېتىرلا كېلىدۇ. يەنە كېلىپ دوۋنىڭ كوچىسىنىڭ ئىككى قاسنىغىدىكى ئۈچ قەۋەتلىك پاكار قۇرۇلۇشلارنى لوندون شەھەر ئىچىدىكى ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشلار بىلەن سېلىشتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى، مالىيە ۋەزىرى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئىشخانىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قاتارلىقلارنىڭ بىنالىرى مانا مۇشۇ كوچىغا جايلاشقانلىقتىن ئەنگىلىيەنىڭ نۇرغۇن دۆلەت پائالىيەتلىرى مۇشۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇ ھەۋەپتىن دوۋنىڭ كوچىسى ئەمەلىيەتتە ئەنگىلىيەگە ھەقىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كوچا بولۇپ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىمىۋوللۇق نامىغا ئايلانغان. 

دوۋنىڭ كوچىسىدوۋنىڭ كوچىسى ئەنگىلىيەنىڭ 17--ئەسىردىكى گوللاندىيەدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن پادىشاھ كارىل II گە ياردەم قىلىپ پاناھىغا ئالغان گىئورگى دوۋنىڭ ئىسىملىك دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان كوچا بولۇپ، 1660-يىلى كارىل II پادىشاھلىقنى تىرىلدۈرگەندىن كېيىن دوۋنىڭنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرۇش يۈزىسىدىن ئۇنى مالىيە مىنىستىرلىكىگە ئۆستۈرگەن ۋە ئوردىغا يېقىن جايدىن ھازىرقى دوۋنىڭ كوچىسى جايلاشقان يەرنى ئىنئام قىلغان. دوۋنىڭ ئۇ يەرگە 4 كورپۇس ئۆي سالغان.

1732-يىلىدىن ئېتىبارەن دوۋنىڭ كوچىسىدىكى 10-نومۇر ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى، 11-نومۇر ئەنگىلىيە مالىيەۋەزىرى ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن كۆچۈپ كىرىدىغان خاس قوروغا ئايلاندى. باش ۋەزىرنىڭ 10-نومۇرلۇق قورۇسىدىكى ئىچكى كابېنت ئۆيىدىن پادىشاھنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ ئالمىشىش مۇراسىمىنى بىۋاستە كۆرگىلى بولىدۇ. 200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان دوۋنىڭ كوچىسى 10-نومۇر دۇنيانىڭ ھايات ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن چوڭ ئىشلارغا  قارارچىقىرىلغان، سىرتى ناھايىتى ئاددى بولغان بۇ بىنانىڭ، بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولۇپلا قالماي ئىچى ناھايىتى كاتتا بېزەلگەن بولۇپ ھەر قېتىملىق باش ۋەزىر ئۆز ئورنىنى يېڭى باش ۋەزىرگە ئۆتۈنۈپ بېرىدىغاندا بۇ سارايدا ئۆزىنىڭ ماي بوياق رەسىمىدىن بىرنى قالدۇرىدۇ. شۇڭا سارايدا تارىختىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتىگەن باش ۋەزىرلەرنىڭ قاتار رەسىملىرى ئېسىلغان ھەيۋەتلىك كارىدور بار.

11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئەنگىلىيە بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ دوۋنىڭ كوچىسىنى رىشاتكا بىلەن ئايرىپ بىر چوڭ قوروغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، ئەمما دوۋنىڭ كوچىسى دىگەن نام يەنىلا ئەنگىلىيە باش ۋەزىر ھۆكۈمىتىنىڭ سىمۋوللۇق نامى سۈپىتىدە ئىزچىل قوللىنىلىپ كەلمەكتە...[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/64567.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#