ئاۋرل سىتەيىن

ئاۋرل سىتەيىن

ئاۋرل سىتەيىن(1862-1943) ئەسلى ۋىنگىرىيەلىك يەھۇدى ،1904-يىلى ئەنگلىيە گە كۆچۈپ كىرگەن.ئىكىسپىدىيەچى،ئارخۇلۇگ. 20-ئەسىردە شىنجاڭ غا كۆپ قىتىم كىلىپ ئارخىلوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈرگەن، نۇرغۇن قىممەتلىك يادىكارلىقلارنى ئىلىپ كەتكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاۋرل سىتەيىن
باشقا نامى Marc Aurel Stein
مىللىتى يەھۇدى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1862-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
كەسپى ئارخىلوگ،ئىكىسپىدىيەچى،تارىخ تەتقىقاتچىسى
خەنزۇچە ئىسمى 马尔克·奥莱尔·斯坦因
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگىلىيە
يۇرتى ۋىنگىرىيە بوداپىشىت
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1943-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئوكىسفورت ئۇنۋىرسىتى،لوندۇن ئۇنۋىېسىتىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋرېل . سىتەيىن ئاۋرېل . سىتەيىن (1862-1943-يىللار) ئەنگلىيەلىك (ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋېنگىرىيە) بولۇپ،1904-يىلى ئەنگلىيە گە كۆچۈپ كەلگەن. ياش ۋاقتىدا ۋېنا ۋە لېيپىزىگ قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغان، كېيىن ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1887-يىلى ھىندىستان لاھۇر شەرق ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، جاكارتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

 1900-يىلىدىن1931-يىلىغىچە ئەنگلىيە ۋە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى تۆت قېتىم ئېكىسپېدىتسىيە قىلغان. 

بىرىنجى قىتىملىق

1900-يىلدىن 1901-يىلغىچە بولغان بىرىنچى قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيەدە خوتەن رايونى ۋە نىيەدىكى قەدىمىي خارابىلىقلارنى قېزىپ، 1903-يىلى ‹‹قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىقلىرى خاتىرىسى›› ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى يېزىپ چىققان.

ئىككىنجى قىتىملىق

1903-يىلدىن 1908-يىلغىچە بولغان ئىككىنچى قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيەسىدە خوتەن ۋە نىيە خارابىلىقىنى قايتا زىيارەت قىلىپ، 1907-يىلى ‹‹قەدىمىي زاماندىكى خوتەن›› ناملىق ئىككى توملۇق ئارخېئولوگىيە دوكلاتىنى رەسمىي يېزىپ چىققان. ئۇ يەنە كىروران قەدىمىي شەھىرىنى قازغاندىن كېيىن، 1907-يىلى 3-ئايدا تۇنجى قېتىم دۈنخۇاڭغا كېلىپ زور مىقداردىكى خەنزۇچە تارشا پۈتۈكلەرنى قېزىۋالغان. موگاۋ غارىنى زىيارەت قىلىپ غاردىكى نەپىس تام سىزمىلىرى ۋە رەڭلىك ھەيكەللەرنى سۈرەتكە تارتقان، ئاۋرېل . سىتەيىن دۈنخۇاڭدىكى موگاۋ غارىدىن ئايرىلىدىغاندا تۈرلۈك ۋاستىلار ئارقىلىق ۋاڭ راھىبنى ئالداپ، 24 ساندۇق خەت-چەك، نەپىس يىپەكە سىزىلغان بەش ساندۇق قەدىمىي رەسىم، كەشتىلەنگەن يىپەك تۇقۇلما بۇيۇملىرى ۋە ئاز مىقداردىكى كۈمۈش قاتارلىق جەمىئى 10 مىڭ دانىدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى لوندوندىكى بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيىغا ئېلىپ كەتكەن. ئۇ، بۇ قىممەتلىك بۇيۇملار ئۈچۈن ۋاڭ راھىبقا ئاران 500 سەر كۈمۈش ۋە 130 فوندسىتىرلىڭ باج تۆلىگەن. 1912-يىلى ‹‹قۇملۇقتىكى كىدان خارابىسى خاتىرىسى›› ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى يازغان. 

ئۈچىنجى قىتىملىق

1913-يىلى 7-ئايدىن 1916-يىل 2-ئايغىچە بولغان ئۈچىنچى قېتىملىق ساياھىتىدە خوتەن، نىيە ۋە كىروران قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى قايتا زىيارەت قىلغان، 1914-يىلى ئاۋرېل . سىتەيىن دۈنخۇاڭغا قايتا بېرىپ، دۈنخۇاڭ مىڭئۆيىدىن بەش چوڭ ساندۇق قوليازما (بۇ قوليازمىلار 570 پارچىدىن كۆپرەك بولۇپ، ۋاڭ راھىب مەخسۇس توپلىغان مۇكەممەل نۇسخا بولغاچقا تولىمۇ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئېسىل بۇيۇم ھېسابلانغان) ۋە 600 پارچىدىن كۆپرەك بۇددا نومىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مىلادى 868-يىلىدىكى ‹‹ۋاجراسسىدىكا پىراجىنا پارامىتا سۇترا››نىڭ ياغاچقا ئويۇلغان نۇسخىسى بار بولۇپ، بۇ باسمىچىلىق تارىخىدا كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك بۇيۇملار ھېسابلىنىدۇ. ئاۋرېل . سىتەيىن 1900-يىلدىن 1915-يىلغىچە خوتەننىڭ مەلىكەئاۋات، يوتقان، ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرى خارابىلىقلىرىدىن 187 دانە قەدىمكى خوتەن مىس پۇلىنى قېزىۋالغان. بۇ پۇللارنىڭ بىر قىسمىنى ياۋرۇپادىكى مەشھۇر مۇزېيلارغا ساتقان. بىر قىسمىنى ئەنگلىيەدىكى مىللەتشۇناسلىق، شەرقشۇناسلىق، گۈزەل-سەنئەت مۇزېيلىرىغا كۆرگەزمىگە قويغان. 1921-يىلى ‹‹غەربىي يۇرتنىڭ ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى›› ناملىق ئەسەرنى ۋە ‹‹مىڭئۆي: جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى چېگرا دۈنخۇاڭ ئبادەتخانىسىدىن ئېرىشكەن قەدىمكى بۇددا دىنى رەسىملىرى›› ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان. 1928-يىلى ‹‹ئاسىيانىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى›› ناملىق تۆت توملۇق ئارخېئولوگىيە دوكلاتىنى يېزىپ چىققان. 

تۆتىنجى قىتىملىق

1930-يىلى تۆتىنچى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيانى ئېكىسپېدىتسىيە قىلماقچى بولغاندا، نەنجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، 1933-يىلى ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمىي يولىدا›› ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيە ئەھۋالىنى قىسقىچە بايان قىلغان. ئۈچ قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيەدە ئېرىشكەن دۈنخۇاڭ قاتارلىق جايلاردىن قېزىۋالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ھۆججەتلەر لوندوندىكى ئەنگلىيە مۇزېيى، ئەنگلىيە كۇتۇپخانسى، ھىندىستان ئىشلىرى بۆلۈمى كۈتۈپخانىسى ۋە ھىندىستان دېھلى ئوتتۇرا ئاسىيا قەدىمىي بۇيۇملار مۇزېيى (بۈگۈنكى يېڭى دېھلىدىكى ھىندىستان دۆلەتلىك مۇزېيى)غا قويغان. بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھەر قايسى پەن مۇتەخەسىسلىرى تۈرلەرگە ئايرىش ۋە تەتقىق قىلىش قاتارلىق ئىلمىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان. ئاۋرېل . سىيتەيىن يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان ئارخېئولوگىيە دوكلاتى ۋە ساياھەت خاتىرىسىنى يازغاندىن سىرت، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ‹‹شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژۇرنىلى››دا ئېلان قىلىنغان. 1977-يىلى مىرسىكى ئاۋرېل . سىتەيىننىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ‹‹ئارخېئولوگىيە ئېكىسپېدىتسىيەچىسى سىتەيىننىڭ چەۋەندازلىق تەزكىرىسى›› ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان.

ئاۋرېل . سىتەيىن ئاۋرېل . سىتەيىن كەسىپتە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، گەرچە ئۇنىڭ كەسىپنى كۆزلەيدىغان، بىراق دۆلەت چېگرىسىنى ئايرىمايدىغان ئېكىسپېدىتسىيەلىك ئارخېئولوگىيە پائالىيىتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھېسسىياتىغا زىيان يەتكۈزگەن. 1928-يىلى يېزىلغان ‹‹ئاسىيانىڭ ئىچكى رايونىنىڭ ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى›› ناملىق تۆت توملۇق ئەسەر چوڭ تىپتىكى ئارخېئولوگىيە دوكلاتى بولۇپ، ئاۋرېل . سىتەيىن 1913-يىل 7-ئايدىن 1916-يىل 2-ئايغىچە 11 مىڭ ئىنگلىز چاقىرىم يول يۈرۈپ، شەرقتە خېشى كارىدورىغىچە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىن ئۆتۈپ، غەربتە ئامۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ھاۋزىسى ۋە ئىرانغىچە بارغان. جەنۇبتا ھىندىقۇش تېغىدىن ئۆتۈپ، جۇڭغار ئارقىلىق شىمالدا ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىدىكى رايۇنلارغىچە بارغان. ئۇ مۇشۇنداق ئۇزۇن يوللارنى كېزىپ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىپ نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقارغان. ‹‹ئاسىيانىڭ ئىچكى رايۇنىنىڭ ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى›› ناملىق ئەسەردە: ئاپتور ئۆزى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان قەدىمىي خارابىلىقلار، قەبرىستانلىقلار، يول خارابىلىرى ۋە بايقىغان زور مىقداردىكى مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى خاتىرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىم خارابىلىقلار ۋە قەبرىستانلىقلاردىن مازارباغ خارابىسى، نىيە خارابىسى، پىچاندىكى شەرقىي شەھەر بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، مىرەن قەدىمىي شەھىرى خارابىسى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن، تور خارابىسى، تۇرپاندىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ۋە قەبرىستانلىقلارنى تىلغا ئالغان. لوپنۇر كۆلىدىن قەشقەر دەرياسىدىكى مۇھىم قەدىمىي يوللار، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىدىكى قەدىمىي زاماندىكى ھۆججەتلەردە خاتىرلەنگەن شىمالىي يول ۋە بوستانلىقلار، قەشقەردىن پامىر ۋە ئامۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىنىنى كېسىپ ئۆتكەن قەدىمىي زاماندىكى يىپەك يوللىرى قاتارلىقلارنى بايان قىلغان. يۇقىرىدىكى قەدىمىي زامان خارابىلىقلىرىنىڭ ئەتراپىدىن، يوللارنىڭ بويلىرىدىن ۋە زور مىقداردىكى مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن زاڭزۇ يېزىقىدىكى خەت ئالاقىلار، كارۇشتى يېزىقىدىكى تارىشا پۈتۈك، بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدىكى تام سىزمىلىرى، يىپەك، خەنزۇ يېزىقىدىكى تارىشا پۈتۈك، بۇددا دىنىغا ئائىت كىتابلار، تاڭغۇت يېزىقى، زاڭزۇ يېزىقىدىكى قول يامىلار ۋە باسما بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى قېزىۋالغان. قەدىمىي زاماندىكى قەبرىستانلىقلاردىن قېزىۋېلىنغان بۇيۇملاردىن ساسانىيلار سۇلالىسى دەۋرى ۋە ئىسلام دەۋرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تارىختىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ تاش قوراللار، رەڭلىك ساپاللار ۋە فورمالىستىك ئانتىروپولوگىيە تەتقىقاتىدا ئىشلىتىلىدىغان قەدىمىي ئىنسانلارنىڭ 400 دىن ئارتۇق ئۇستىخان ئەۋرىشكىسى بار بولۇپ، بۇ ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلار ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخېئولوگىيەسى، تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە قەدىمىي يىپەك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى قىممەتلىك ئىلمىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

  ئاپتورنىڭ ‹‹ئاسىيانىڭ ئىچكى رايۇنىنىڭ ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى›› ناملىق ئەسىرى چوڭ تىپتىكى قامۇس خاراكتېرلىك بىر مەخسۇس ئەسەر بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. 

 بىرىنچىدىن، بۇ كىتاب ئاسىيانىڭ ئىچكى رايونلىرىدىكى قەدىمىي خارابىلىقلار ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش داۋامىدا، باشتىن ئاخىر بۇ يول ئىزلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تۇتقا قىلغان. ئەگەر يىپەك يولى قەدىمىي زاماندا شەرق بىلەن غەرپنى تۇتاشتۇرىدىغان زەنجىر دېيىلسە، ئۇ ھالدا بۇ قەدىمىي ياۋرۇپا-ئاسىيا يولىدىكى نۇرغۇنلىغان قەدىمىي خارابىلىق ۋە تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇ زەنجىردىكى يىپەك يولىدا يېتىشتۈرۈلگەن مارجانغا ئوخشايدۇ. ئەگەر بۇ قەدىمىي يول بولمىغان بولسا، بۇ تارىخنىڭ مارجىنى ۋە زەنجىرىمۇ بولمىغان بولاتتى. شۇڭا ئاپتور مۇشۇ تۇنۇشنى ئاساس قىلىپ، كىتابنىڭ بېشىدىن ئاخىرغىچە قەدىمىي زامان يولىنى تۇتقا قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. 

    ئىككىنچىدىن، ئاسىيانىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ قەدىمدىن بۈگۈنگىچە بولغان ئۆزگىرىشلىرىگە قارىتا ئاپتور ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئادەم بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئاۋرېل . سىتەيىن مول بىلىمىگە ئاساسەن، قەدىمىي دەريالاردىكى ئۆزگىرىش، بوستانلىق بىلەن چۆللۈك ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىت ئۆزگىرىشلىرىنى بايان قىلىشتا مۇشۇنداق نەزەر بىلەن ئىلمىي كۈزىتىشتىكى مەقسىتى، شەك-شۈھبىسىزكى، قەدىمىي زامان تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئادەم بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىش ۋە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشنى قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

    ئۈچىنچىدىن، ئارخېئولوگىيە ئىلمى قەدىمكى زاماندىكى يادىكارلىقلار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدۇ، قەدىمكى زاماندىكى يادىكارلىقلار ئىنسانلارغا دائىر بارلىق پەن بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ياخشى يېزىلماقچى بولغان ئارخېئولوگىيە ئىلمىي ئەسىرىدە نۇرغۇن پەنلەر بىرلەشكەن بولۇشى كېرەك. 80 نەچچە يىل بۇرۇن يازغان ‹‹ئاسىيانىڭ ئىچكى رايونىنىڭ ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى›› ناملىق كىتابتا: ئەينى زاماندا سېۋېن . ھىدىن بىلىمى ئەڭ يۇقۇرى بولغان ئالىملارنى ئورتاق ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. مەسىلەن، ئۇ ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىنسانشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇيىسنى ئىنسانشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سورۇسكىنى تاش بىلەن قۇمنى تەتقىق قىلىشقا، بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىمىتنى تاش قوراللارنى تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. بۇ يەردىن قېزىۋېلىنغان قەدىمكى زاماندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدىن بايقالغان خەنزۇ يېزىقى، سانسكرىت يېزىقى، خوتەن يېزىقى، سوغدى يېزىقى، قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقى، موڭغۇل يېزىقى، زاڭزۇ يېزىقى، تۈرك يېزىقى قاتارلىق ماتېرىياللارغا قارتا ئاۋرېل . سىتەيىن ئەينى ۋاقىتتا بۇ ساھەدىكى ئالىملاردىن ماسپېرو، لېكوك، فىرانىك، ۋ ل . لانىز، ۋېلھام . تومسېن، پىروفېسسور ف. ۋ. توماس قاتارلىقلارنى رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. نۇرغۈن ئالىملارنىڭ ياخشى ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە، ‹‹ئاسىيانىڭ ئىچكى رايۇنلىرىنىڭ ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى›› ناملىق ئەسەرنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسى زور دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ، بۇ تەتقىقاتنى ياخشى بىر ئۈلگە بىلەن تەمىنلىگەن. شۇڭا ‹‹ئاسىيانىڭ ئىچكى رايونىنىڭ ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى›› بىلەن ‹‹غەربىي يۇرتنىڭ ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى››دىكى ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللار بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەسى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىزگە شىنجاڭنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، قەدىمكى شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

    ‹‹ئاسىيانىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك خاتىرىسى›› بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئەتىۋارلىق ماتېرىيال بولۇپ، ئۇ غەربىي يۇرتنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتى، مىللەتلىرى، تىل-يېزىقلىرى قاتارلىق بىر قاتار ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئىشەنچلىك پاكىت ھېسابلىنىدۇ

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئاۋرېل . سىتەيىن ۋە ئۇنىڭ ‹‹ئاسىيانىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ ئارخېئول(ئ 

http://izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=67915

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئاۋرېل . سىتەيىن ۋە ئۇنىڭ ‹‹ئاسىيانىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ ئارخېئول(ئ

http://izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=67915

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#