ئاغۇ يېزىسى

ئاغۇ يېزىسى

ئاغۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتۇش شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالى، بوغۇز دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاغۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزىسى
يەر مەيدانى 609 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿湖乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاتۇش شەھىرى
نوپۇسى 15297 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاغۇ يېزىسىئاغۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتۇش شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالى، بوغۇز دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان، شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى توققۇز كىلومېتىر، شەرقىي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3-شىسىنىڭ قىزىلبايراق 1-مەيدانى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا بوغۇز تېغى ۋە شەھەر بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا تۈگۈرمىتى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، بۇ يېزىنىڭ يېرىنىڭ شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1400 مېتىر، چېگرا شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 60 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 35 كىلومېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 609 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئاغۇ يېزىسىئاغۇ يېزىسىغا قاراشلىق تۆۋەنكى مەھەللە كەنتى، يۇقىرىقى مەھەللە كەنتى، ئارامەھەللە كەنتى، ئاچچىق كەنتى، لەڭگەر كەنتى، تۆۋەنكى كەنت قاتارلىق ئالتە مەمۇرىي كەنت، 52 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار.

ئاغۇ يېزىسىئاغۇ يېزىسى بىر يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قۇشۇمچە قىلىدىغان دېھقانچىلىق يېزىسى، شۇنداقلا ئاتۇش شەھىرىدىكى مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى، قاتنىشى قولاي، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، تېرىق، زىغىر، قىچا، شال قاتارلىقلار بار. يېزا بويىچە تېرىلغان ئاشلىق 31385 مو، ئاشلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتى 1014.67 تۈمەن كىلوگرام، بۇغداينىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 311 كىلوگرام؛ ئېڭىزغا تېرىلغان قوناق 13955 مو، مو بېشى مەھسۇلاتى 307 كىلوگرام، شال 305 مو، مو بېشى مەھسۇلاتى 297 كىلوگىرام؛ تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلغان يەر 2550 مو، قاقاس تاغدا بىنا قىلىنغان ئورمان 1554.4 مو، ئۆرۈك 12032 مو، ئۈزۈم 1557 مو؛ چارۋا 23011 تۇياق، بۇنىڭ ئىچىدە كالا 2088 تۇياق، قوي 19597 تۇياق، ئات 1335 تۇياق. 336 پارنىك، چارۋىچىلىق ، باقمىچىلىق كىچىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى 6، باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى 359. يېزا بويىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2309.25 تۈمەن يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىقچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 1499.9 تۈمەن يۈەن، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 361 تۈمەن يۈەن، يېزا بويىچە مالىيە كىرىمى 1765.3 تۈمەن يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1256 يۈەن.

ئاغۇ يېزىسىئاغۇ يېزىسى بويىچە 3419 ئائىلە، 15297 ئادەم بار، ئۇيغۇر، قىرغىز، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %98 نى ئىگىلىگەن. يېزا بويىچە بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 7 باشلانغۇچ مەكتەپ بار، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 2800 نەپەر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#