5-باشقارما ھەركەتتە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
5-باشقارما ھەركەتتە بۇ تېلىۋىزىيە فىلىمىدا تەسۋىرلەنگىنى ئەنگلىيە ھەربىي ئىشلار 5-باشقارمىسىدىكى دول، بودىلار كاۋلىنىڭ رەھبەرلىكىدە ناھايىتى مۈشكۈل بولغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. جەمئىي 4 بۆلۈم( قويۇلغاندا 5 بۆلۈم قىلىپ قويۇلغان) 57 قىسىم بولۇپ، 80-يىللارنىڭ ئاخىرى جۇڭگوغا كىرگۈزۈلگەن. دۆلىتىمىزدە قويۇلغىنى جەمئىي 54 قىسىم. 1998-يىلى فىلىمنىڭ داۋامى قىلىنىپ بىر بۆلۈم 13 قىسىم ئىشلەنگەن،بۇنىڭدا ئاساسلىق پېرسوناژ تۆت بولۇپ، بىر ئايال پېرسۇناژ قوشۇلغان، مەزمۇن جەھەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلاردىن خەلقئاراغا يۈزلەنگەن. بۇ كىنو دەسلەپتە ئەنگلىيە دە قويۇلغاندا كوچا-كويلار چۆلدەرەپ قالغۇدەك دەرىجىدە كۆرۈلۈش نىسبىتى يوقىرى بولغان. دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى يەرلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ بۇ فىلىمنى كۆپ قېتىم قايتا-قايتا قويىشى، ئەنگلىيە لىكلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى قوزغىغان.
ئەنگلىيە ھەربىي ئىشلار 5-باشقارمىسى دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق تۇس ئالغان جاسۇسلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ۋەزىپىسى دۆلەت ئىچىدىكى جاسۇسلۇق، تېرورلۇققا قارشى ئاخبىرات ئورنى. 1905-يىلى قۇرۇلغان. دەسلەپتە قۇرۇقلۇق ئارمىيەگە قارىغان، كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باشقۇرۇشىدا بولغان. قۇرۇلغاندىن بېرى دۆلەت ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى كۆپ. ئەنگلىيە دە 5-باشقارمىدىن سىرت يەنە 6-باشقارمىمۇ بولۇپ، 1935-يىلى قۇرۇلغان. 5-باشقارما ئىچكى ئىشلارغا، 6-باشقارما تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.