ئاپتاپپەرەس

ئاپتاپپەرەس قۇياشقا ئەگىشىپ، قۇياش بار تەرەپكە ئىگىلىپ ئۆسىدۇ ۋە ئەڭ چوڭ چەكتىكى نۇرنى قوبۇل قىلىپ، نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاپتاپپەرەس
تارقالغان رايونلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرى
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى
تۈرى ئاپتاپپەرەس
خەنزۇچە ئاتىلىشى 向日葵
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقدىشى
لاتىنچە نامى Helianthus annuus

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاپتاپپەرەسبىر خىل چوڭ تىپتىكى ئېگىزلىكى 3 مېتىر كېلىدىغان مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى ئاپتاپپەرەس ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇقدىشى. ئۇنىڭ بېشى گۈل رېتى تىپلىق بولىدۇ كەڭ بولغاندا 30 سانتىمىتېردىن چوڭ بۇلىدۇ.  گۈل رېتى سەۋەبىدىن ئايلىنىشى قۇياشتىن ئىسسىقلىق تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن موشۇ نام قوللىنىلغان. 

ئاپتاپپەرەسبىر يىل ئىچىدىكى ئۆسۈش ئېگىزلىكى بىر مېتىردىن 3.5 مېتىرغىچە،  شالغۇت سورتى يېرىم مېتىر ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى كېلىدۇ. غولى تىك، يوغان، كۆپ قىرلىق يۇمىلاق، تۈكلىرى بار ئاق رەڭدە بولىدۇ.  يوپۇرماقلىقلىرى گىرەلەشكەن ھالەتتە، شەكلى يۈرەك شەكىللىك تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ.  

ئاپتاپپەرەسئاپتاپپەرەسنىڭ تۈپى يىلتىزى، غولى، يوپۇرمىقى، چېچىكى، مېۋىسىدىن ئىبارەت بەش قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. 

يىلتىزى : ئاپتاپپەرەسنىڭ يىلتىزى ئاساسىي يىلتىزى بىر قەدەر چوڭقۇر، ئادەتتە 100 سانتىمىتىردىن 200 سانتىمېتىرغىچە؛ يان يىلتىز ئاساسىي يىلتىز ئۈستىگە گورىزونتال يۆنىلىشلىك قاراپ ئۆسەلەيدۇ؛ يان يىلتىز ئۈستىدە نۇرغۇنلىغان پۆپۈك يىلتىزلار بولىدۇ. 

غولى : غولى تىك يۇمىلاق، سىرتقى يۈزى يىرىك ھەمدە تۈكلۈك. 

يوپۇرماق : ھەقىقىي يوپۇرماق پەللە يوپۇرماق ۋە ئاپتاپپەرەس يوپۇرمىقى دەپ ئايرىلىدۇ. 

گۈلى : ئاپتاپپەرەس باشسىمان گۈل رېتى، غولىنىڭ ئۇچى ئۆسىدۇ ۋە گۈل تەخسىسى قۇياشقا ئەگىشىپ ئايلىنىدۇ. 

 مېۋىسى : مېۋە ئۇرۇقى كۆرۈنمەيدۇ، مېۋە بولۇپ كەلگەن ئۇرۇقى گازىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

ئاپتاپپەرەس ئاپتاپپەرەس يوپۇرمىقى نۇرغا قاراپ ئىگىلىدۇ، يوپۇرمىقى قۇياشقا تىك بولىدۇ، ئۈنۈملۈك فوتوسىتىز ئېلىپ بارىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆسۈشنى چەكلىگۈچى ماددىلارنىڭ تارقىلىشىنى تەكشىسىزلەشتۈرىدۇ، ئاپتاپپەرەسنىڭ ئاستىنقى تۆرەلمە ئوقىنى يورۇتقاندا، ئاستىنقى تۆرەلمە ئوقىنىڭ نۇرچۈشكەن تەرىپىدىكى ئۆسۈشنى چەكلىگۈچى ماددىلارنىڭ مىقدارى نۇر چۈشمىگەن تەرەپتىكىدىن نۇردىن يۇقىرى بولىدۇ. نۇر چۈشكەن تەرەپتىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، نۇر چۈشمىگەن تەرەپتىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىدىن ئاستا بولۇپ، ئۆسۈشى تەكشى بولمايدۇ.

ئاپتاپپەرەسنىڭ ئەسلى ماكانى بولسا شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى، روسىيە،  ئوكرائىنا، پورتۇگالىيە، پىرۇ، بولىۋىيەنىڭ دۆلەت گۈلى، ياپونىيە كىيۇشۇ شەھىرىنىڭ شەھەر گۈلى.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#