بارىن بازىرى

بارىن بازىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسى قارمىقىدىكى بارىن بازىرى قارىمىقىدا بەش مەھەللە، 7 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى : غەربىي ئىتتىپاق يولى مەھەللىسى، ئىتتىپاق شەرقىي يولى مەھەللىسى، غەربىي گۈزەر يولى مەھەللىسى، مەدەنىيەت يولى ئاھالە كومىتېتى، گۈزەر شەرقىي يولى مەھەللىسى، يېڭىئۆستەڭ كەنت، بارىن كەنتى، سەيخانا كەنتى، قوشكۆۋرۈك كەنتى، يەكەن كېچىگى كەنتى، چوڭباغ كەنتى، ئارامەھەللە كەنتى قاتارلىقلار. 

ئۇيغۇرچە نامى بارىن بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىمات
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巴仁镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون پەيزاۋات ناھىيەسى
تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 60.86 مىڭ مو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بارىن بازىرىبارىن بازىرى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1208.6 مېتىر، قەشقەر  دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمىدىكى تىنما تۈزلەڭلىك، ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 60.86 مىڭ مو، تېرىشقا بولىدىغان يەر 361.3 نىڭ مو، پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق 1 مىليون 250 مىڭ مو، ئورمانچىلىق، قاقاس ئوتلاق 361.3 مىڭ مو . كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىمات رايونى، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.7، ھۆل-يېغىن مىقدارى 54 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 233 كۈن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. 

بارىن بازىرىيېزا ئىگىلىك قوشۇمچە يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى مول، ئاساسلىق پەيزاۋات قوغۇنى، ئۆرۈك، قارائۆرۈك، قىزىلگۈل، چۈچۈكبۇيا، قوي، كالا قاتارلىقلار، «جۇڭگو پەيزاۋات قوغۇن يۇرتى» دەپ نام بېرىلگەن، «جۇڭگودىكى ئۆرۈك يۇرتى»، «جۇڭگو قارا ئۆرۈك ماكانى» دېگەن نامى بار. شىمالىي قىسىمىدىكى تاغلىق رايوندا مىس، قوغۇشۇن، گىپىس قاتارلىق كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاپىسى مول، قېزىش، ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يەر ئاستى سۇ بايلىقى بىر قەدەر مول، ئېچىپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ. 

2007-يىلى 11-بەش يىللىق يىرىك پىلاندا سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇھىم بىر يىلىنى  ئىشقا ئاشۇرۇش. بۇ يىل بازارلىق ھۆكۈمەت «تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئىلىمىي-پەن تەرەققىياتى، ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىيات» تىن ئىبارەت باش تېمىنى چۆرىدەپ، تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 31 مىليون يۈەن بولۇپ، %24 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ 1750 يۈەنگە يېتىپ، %17 ئاشقان؛ 2-كەسىپنىڭ 350 يۈەنگە يەتكەن، 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن، %35 ئاشقان؛ 3-كەسىپ مەھسۇلاتى 11 مىليون يۈەندىن ئاشقان. دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3316 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئاشۇرۇش 776 مىليون يۈەن ئارتۇق. كەڭ كۆلەمدە كۆكتات تېرىپ بارىن بازىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#