ئۇيغۇرچە نامى كۆكتېرەك قىرغىز يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 862.6 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلباغ يېرىم قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 科克铁热克柯尔克孜族乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى
نوپۇسى 18832 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى 0999

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆكتېرەك قىرغىز يېزىسىكۆكتېرەك قىرغىز يېزىسىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى كۆكتېرەك قىرغىز يېزىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى تېكەس بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، تەڭرىتاغنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان. تېكەس بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتىر بولغان كۆكتېرەك دەرياسى ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، غەربىي ۋە غەربىي جەنۇب تەرىپى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى بىلەن تۇتاشقان، شىمالدا تېكەس دەرياسىغىچە، شەرقتە سارقوبۇ چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن قوشنا، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ قىرغىز مىللىي يېزا، چارۋىچىلىقنى ئاساس، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن چەت، يىراق يېزا، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق نامرات يېزا.

كۆكتېرەك قىرغىز يېزىسىكۆكتېرەك قىرغىز يېزىسى قارمىقىدا يەتتە مەمۇرىي كەنت بار، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت يېزا ئىگىلىك كەنتى، ئۈچ چارۋىچىلىق كەنتى بار، ئومۇمىي نوپۇسى 18832 ئادەم، قىرغىز، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق 13 مىللەت ئولتۇراقلاشقان، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %82  ئىگەللىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىز لار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %54 نى، خۇيزۇ لار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %20 نى، خەنزۇ لار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %18 نى، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %8 نى ئىگەللىگەن.


كۆكتېرەك قىرغىز يېزىسى تەۋەلىكىدە ئاقچوق چارۋىچىلىق كەنتى، چاغانساي كەنتى، قوشتۆبە كەنتى، كۆكتېرەك كەنتى، مارالتاش كەنتى، مويىنتاي چارۋىچىلىق كەنتى، سارقوبۇ دېھقانچىلىق كەنتى قاتارلىق كەنتلەر بار.

كۆكتېرەك قىرغىز يېزىسى نىڭ كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلباغ يېرىم قۇرغاق كىلىماتىغا تەۋە، كىلىمات ئالاھىدىلىكى قىشى ئۇزۇن، ياز قىسقا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن. قىش پەسلى 6 ~ 7 ئايغىچە، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئاران ℃2.8، قىروسىز مەزگىلى 94 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 600 مىللىمېتىر، قىش پەسلىدە قار ئاساس قىلىنغان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1361 ~ 4300 مېتىرغىچە. پۈتۈن يېزىنىڭ يەر كۆلىمى 862.6 كۋادرات كىلومېتىر، تاغلىق يەر كۆلىمى %94، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 40 مىڭ 800 مو، ئوتلاق كۆلىمى 1 مىليون 310 مىڭ مو، كۆكتېرەك دەرياسى پۈتۈن يېزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، سۇ بايلىقى مول.

كۆكتېرەك قىرغىز يېزىسى2004-يىلى، كۆكتېرەك قىرغىز يېزىسى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغان. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، كەسىپلىشىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرگەن، زىغىر، مايلىق ئاپتاپپەرەس، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەر ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان يېزا ئىگىلىكى ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. چارۋىچىلىق يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادى خىزمەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، يۇمشاق-قاتتىق مۇھىت قۇرۇلۇشى جەھەتتە زور مەبلەغ ۋە زېھنىي كۈچ سېلىپ، بىر قاتار سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھەمدە يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، كۆكتېرەك قىرغىز يېزىسى يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ساقلاشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى پىلانلىغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#