شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى

شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامىنى يولغا قوي

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 109-نومۇرلۇق بۇيرۇقى بىلەن ئېلان قىلىنغان.


ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区实施城市房屋拆迁管理条例实施细则
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 109-نومۇرلۇق بۇيرۇقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ تەپسىلىي قائىدە «شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى پىلانى دائىرىسىدىكى دۆلەت يېرىدە ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ھەمدە ئۆيى چېقىلغانلار ۋە كۆچۈرۈلگەنلەرگە تۆلەم بېرىش ۋە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بۇ تەپسىلىي قائىدىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

بۇ تەپسىلىي قائىدىدە ئېيتىلغان ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئۆي چاققۇچىنىڭ ئۆيى چېقىلغۇچىلارنى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش جەھەتتە سەپەرۋەر قىلىش، چېقىش-كۆچۈرۈش، تۆلەم بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەشكىللەش، ئۇنى يولغا قويۇش، ئۆي ۋە ئۆينىڭ قوشۇمچە قۇرۇلمىلىرىنى چېقىشقا تەشكىللەش قاتارلىق ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ تەپسىلىي قائىدىدە ئېيتىلغان ئۆي تۈرلۈك ئۆي-ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن تۇرۇبا يوللىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ تەپسىلىي قائىدىدە ئېيتىلغان ئۆي قوشۇمچە قۇرۇلمىلىرى ئۆيگە ئىشلىتىلگەن يەردىكى بىنا، قۇرۇلما ۋە قىممەتكە ئىگە باشقا قوشۇمچە قۇرۇلمىلارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك)خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشكە ئالاقىدار يەر باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

4-ماددا ئۆي چاققۇچى، كۆچۈرگۈچى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، «نىزام»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەمىنلىشى، چېقىش-كۆچۈرۈش پىلانى ۋە لايىھىسىدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئېنىق يېزىشى كېرەك:

(1) قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛

(2) چېقىش-كۆچۈرۈش دائىرىسى، ئۇسۇلى، كۆچۈرۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت ۋە چېقىش-كۆچۈرۈش مۆھلىتى؛

(3) چېقىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ ئەھۋالى؛

 (4) پۇل ئارقىلىق تۆلەم بېرىش ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تۆلەم بېرىش كۆلىمى، تۆلەم بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنىڭ تەخمىن چوتى؛

(5) چېقىش-كۆچۈرۈشتە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئوبوروت ئۆينىڭ سانى، ئۆلچىمى ۋە ئورنى؛

(6) چېقىش-كۆچۈرۈش دائىرىسىدە بەلگىلىمە بويىچە ساقلاپ قېلىنىدىغان ئۆي، كۆكەرتىلگەن يەر ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى قوغداش تەدبىرى.

تۆلەم بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى مەخسۇس سىچوتتا ساقلاش كېرەك. ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن چېقىش-كۆچۈرۈش، تۆلەم بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى چىقىم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىشى كېرەك. چىقىم قىلىش كېلىشىمىگە چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تۆلەم بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنىڭ چىقىم قىلىنىشىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

2-باب چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش

5-ماددا ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئېلانى چىقىرىشى، ئېلانغا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ نامى، ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى، چېقىش-كۆچۈرۈش دائىرىسى ۋە تەستىقلانغان كۆچۈرۈش مۆھلىتى، چېقىش-كۆچۈرۈش مۆھلىتى، چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسىنىڭ نومۇرى قاتارلىقلارنى ئېنىق يېزىشى كېرەك. ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئېلانىنى ئۆي چېقىلىدىغان رايون ئىچىگە چاپلاش كېرەك؛ چېقىش-كۆچۈرۈش مۆھلىتى ئۇزارتىلىدىغان تۈرلەر بولسا، چېقىش-كۆچۈرۈش ئېلانىنى قايتىدىن چىقىرىش كېرەك.

6-ماددا ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشكە ئالاقىدار تەرەپكە ھەرقانداق شەكىل بىلەن چېقىش-كۆچۈرۈشنى ۋاكالىتەن بېجىرگۈچى، ئۆي چاققۇچى ۋە چېقىش-كۆچۈرۈشنى باھالىغۇچى ئورۇننى بەلگىلەپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

7-ماددا ئۆي چېقىشنى بىخەتەرلىك شارائىتىنى ھازىرلىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئاددىي ئۆيلەر ۋە بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

8-ماددا چېقىش-كۆچۈرۈش دائىرىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، چېقىش-كۆچۈرۈش دائىرىسىدىكى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ يېڭىدىن ئۆي سېلىشىغا، ئۆينى كېڭەيتىپ سېلىشىغا، ئۆزگەرتىپ سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشلار بولسا توختىتىلىشى كېرەك. ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورگىنىدا دەلىل-ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاش رەسمىيىتى بېجىرسە بولىدۇ.

9-ماددا ئۆيى چېقىلغۇچى ۋە كۆچۈرۈلگۈچى چېقىش-كۆچۈرۈش دائىرىسى بېكىتىلىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ئېلاندىكى كۆچۈرۈش مۆھلىتى ئىچىدە، ئالاقىدار تارماققا بېرىپ ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك:

(1)شەھەر پىلانلاش، يەر باشقۇرۇش قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆي يېرىنىڭ پىلاندىكى ئىشلىتىلىش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتسە؛

(2) ئۆينىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى، ھوقۇق-مەنپەئەت ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشنى تىزىملاتمىسا؛

(3) ئۆينى ئىجارىگە بېرىش توختامىنى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرمىسا.

بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغانلىرىنى ئۆينىڭ ئالاقىدار تارماقلار تەستىقلىشى ھەمدە ئۆزگەرتىش، ئەنگە ئېلىش، تىزىملاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بېرىشى كېرەك، ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى ئۆينىڭ ئۆزگەرتىلگەن، ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىغا قاراپ تۆلەم بېرىشى كېرەك.

10-ماددا ئۆي چاققۇچى ۋە ئۆيى چېقىلغۇچى تەرەپلەر ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئېلانىدا تەستىقلانغان كۆچۈرۈش مۆھلىتىدە تۆلەم بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزەلمىسە، كۆچۈرۈش مۆھلىتى توشقان كۈندىن باشلاپ چېقىش-كۆچۈرۈش سۈرۈكى توشىدىغان كۈنگىچە، ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسى تارقاتقان ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى كېسىم قىلىدۇ.

چېقىش-كۆچۈرۈش كېسىمى ئاشكارا بولۇشى كېرەك.

ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن ئۆي چاققۇچى ۋە ئۆي چاققۇچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا تەۋەلىك مۇناسىۋىتى ياكى پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولسا، كېسىم قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى «نىزام»دىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى بولۇۋالسا، كېسىم ئىناۋەتسىز بولىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش مەسئۇل تارمىقىنىڭ كېسىم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

11-ماددا چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار چېقىش-كۆچۈرۈش ئېلانىدىكى تەستىقلىغان كۆچۈرۈش مۆھلىتىدە بىر بىنادا تېخى كۆچۈپ بولمىغانلار بولسا، كۆچۈپ بولغانلارنىڭ ئۆيىنى ئالدىن چېقىشىغا، كۆچمىگەن ئۆيلەرگە سۇ، توك، گاز، پار تەمىنلەشنى توختىتىپ قويۇشىغا ياكى باشقا ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، ئۆيى چېقىلغۇچىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

3–باب چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش

12-ماددا چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىشتە پۇل تۆلەش ئۇسۇلى قوللىنىلسىمۇ، ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلسىمۇ بولىدۇ. دۆلەت ئايرىم بەلگىلىمە چىقارغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى ئېلىش ئۇسۇلىنى ئۆيى چېقىلغۇچى ئۆزى تاللىۋالىدۇ.

13-ماددا پۇل تۆلەش ئۇسۇلى قوللىنىلسا، تۆلەپ بېرىلىدىغان پۇل سوممىسىنى ئۆي چاققۇچى بىلەن ئۆيى چېقىلغۇچى چېقىلىدىغان ئۆيگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۆيلەرنىڭ بازار باھاسىدىن پايدىلىنىپ كېڭىشىپ بېكىتسە بولىدۇ؛ 2 تەرەپ بىرلىكتە ئۆي-زېمىنغا باھا قويۇش ئاپپاراتىنى تاللاپ، چېقىلىدىغان ئۆيگە باھا قويدۇرۇش ئارقىلىق تۆلەپ بېرىلىدىغان پۇل سوممىسىنى بېكىتسىمۇ بولىدۇ. باھالاش ھەققىنى چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى تۆلەيدۇ.

پۇل ئارقىلىق تۆلەم بەرگەندە، چېقىش-كۆچۈرۈشتە تۆلەم بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمىدە تۆلەم سوممىسى، پۇل بېرىش ئۇسۇلى، پۇل بېرىش ۋاقتى، كۆچۈش ۋاقتى، كۆچۈش ياردەم پۇلى ۋە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار تەرەپلەر كېلىشكەن باشقا ماددىلار بەلگىلىنىشى كېرەك؛ مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلسا، چېقىش-كۆچۈرۈشتە تۆلەم بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمىدە يەنە مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلغان ئۆينىڭ ئورنى، كۆلىمى، قۇرۇلمىسى، راسچوت باھا پەرقى ۋە كۆچۈپ تۇرۇش ئۇسۇلى، كۆچۈپ تۇرۇش مۆھلىتى ھەم ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى قاتارلىقلارمۇ بەلگىلىنىشى كېرەك.

14-ماددا چېقىش-كۆچۈرۈشتە قانۇن بويىچە چېقىۋېتىشكە تېگىشلىك بولغان قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇشلارغا تۆلەم بېرىلمەيدۇ. قانۇنسىز قۇرۇلۇشلارنى بېكىتىشنى شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇلى تارمىقى ياكى يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە ئېلىپ بارىدۇ.

15-ماددا ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشكە باھا قويۇشتا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆي-زېمىنغا باھا قويۇشقا دائىر بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىپ، مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، ئاشكارا، باراۋەر، ئادىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

16-ماددا ئۆي چاققۇچى ياكى ئۆيى چېقىلغۇچى ئۆينىڭ باھالانغان نەتىجىسىگە قارىتا باشقا پىكرى بولسا، باھالاش ئاپپاراتى چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. ئۆي چاققۇچى ياكى ئۆيى چېقىلغۇچى ئەسلىدىكى باھالاش ئاپپاراتىنىڭ قايتىدىن باھالىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ، باشقا باھالاش ئاپپاراتىنى باھالاشقا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ، باھالاشنى قايتا ھاۋالە قىلىش ھەققىنى پىكىر قىلغۇچى تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.

17-ماددا ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيلەرنى چېقىش-كۆچۈرۈشتە، ئۆيى چېقىلغۇچى بىلەن ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ:

(1) ئۆي ئىجارە ئالغۇچى بىۋاسىتە باشقۇرۇلۇۋاتقان ھۆكۈمەت تۇرالغۇ ئۆيىدە ئولتۇرۇۋاتقان ھەمدە ئەرزان تۇرالغۇ ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن بولسا، ئۆي چاققۇچى كۆچۈرگۈچى ئۆيى چېقىلغۇچى-كۆچۈرۈلگۈچىگە ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشى كېرەك، ئالماشتۇرۇپ بېرىلگەن ئۆينى ئەسلىي ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ئالىدۇ؛

(2) ئۆز خىزمەت ئورنىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھۆكۈمەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ۋە ئۆيى چېقىلغۇچى پۇل تۆلەم بېرىش ئۇسۇلىنى تاللىغان بولسا، ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى تۆلەم پۇلىنىڭ 80% ىنى ئۆي ئىجارە ئالغۇچىغا، %20 ىنى ئۆيى چېقىلغۇچى-كۆچۈرۈلگۈچى بېرىشى كېرەك، ئىجارىگە بەرگەن-ئالغان ئىككى تەرەپنىڭ ئايرىم كېلىشىمى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

18-ماددا سېتىۋېلىنغان ھۆكۈمەت تۇرالغۇ ئۆيى، ئەرزان، قۇلايلىق تۇرالغۇ ئۆيلەر ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ھەقسىز ئىگە بولغان شەخسىي تۇرالغۇ ئۆيلەرنى چېقىش-كۆچۈرۈشتە، ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى ئۆي-زېمىن بازىرىدا باھالانغان باھا بويىچە ئۆيى چېقىلغۇچى-كۆچۈرۈلگۈچىگە تۆلەم بېرىشى كېرەك.

ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى ئۆيى چېقىلغۇچى-كۆچۈرۈلگۈچىگە ئوخشاش يەردىن، ئىشلىتىلىشى ئوخشاش بولغان ۋە ئوخشاش كۆلەملىك تۇرالغۇ ئۆينى قايتا قويۇلغان باھا بويىچە سېتىپ بېرىشتە، چېقىلىدىغان ئۆينىڭ كونا-يېڭىلىقىغا قاراپ ئۆينىڭ قايتا قويۇلغان باھاسى بويىچە تۆلەم بەرسە بولىدۇ.

19-ماددا ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى تەمىنلىگەن مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلغان ئۆي ۋە ئوبوروت ئۆي دۆلەت بەلگىلىگەن سۈپەت ئۆلچىمى ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى مۈلۈك ھوقۇقىنى قەرەللىك ئۆيگە ئالماشتۇرغان بولسا، مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلغان ئۆينىڭ جايلىشىشى، ئەسلىھەسى قاتارلىقلار ئىشلىتىشكە ئەپلىك، لايىھىلەش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە قانۇن بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش خەرىتىسى لايىھە ھۆججىتىنى تەكشۈرۈش تەستىقنامىسىگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك؛ مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلغان ئۆينىڭ لايىھىلەش ھۆججىتى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى ئۆيى چېقىلغۇچى-كۆچۈرۈلگۈچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆينى بۆلۈۋېلىش، ئۆينىڭ جايلىشىشى ۋە ئەسلىھەسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۆيى چېقىلغۇچى-كۆچۈرۈلگۈچىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، تاۋار ئۆي سېتىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلار چېقىش-كۆچۈرۈشكە تۆلەم بېرىش كېلىشىمىدە ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

20-ماددا چېقىش-كۆچۈرۈشكە ئىگە بولىدىغان كىشى چىقماسلىق، مۈلۈك ھوقۇقى مۇناسىۋىتى ئىسپاتى بولماسلىق، مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق بولمىغان ئۆيلەر، «نىزام» نىڭ 29-ماددىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

21-ماددا ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى ئۆيى چېقىلغۇچى-كۆچۈرۈلگۈچى ياكى ئۆي ئىجارە ئالغۇچىغا ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش داۋامىدىكى كۆچۈرۈش-يۆتكەش، ئىشقا بارالماسلىق قاتارلىقلار ئۈچۈن كۆچۈش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك، كونكرېت سوممىسىنى ئۆي چاققۇچى بىلەن ئۆيى چېقىلغۇچى كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.

كۆچۈپ تۇرۇش مۆھلىتى ئىچىدە، ئۆيى چېقىلغۇچى-كۆچۈرۈلگۈچى ياكى ئۆي ئىجارە ئالغۇچى تۇرالغۇ ئۆيگە ئۆزى ئورۇنلاشقان بولسا، ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك. ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى شۇ ئۆي بار جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي ئىجارە بازىرىدىكى باھاغا قاراپ بېكىتىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.

22-ماددا ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنىڭ كۆچۈپ تۇرۇش مۆھلىتىنى ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى بىلەن ئۆيى چېقىلغۇچى-كۆچۈرۈلگۈچى كېڭىشىپ بېكىتىدۇ. كۆچۈپ تۇرۇش مۆھلىتى تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىنغان كۆچۈرۈش، چېقىش ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، كۆچۈپ تۇرۇش مۇددىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئۆي سېلىشقا كېتىدىغان مۇۋاپىق قۇرۇلۇش مۇددىتىدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

ئۆيى چېقىلغۇچى-كۆچۈرۈلگۈچى ياكى ئۆي ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئەمەلىي كۆچۈپ تۇرۇش مۆھلىتى، كۆچۈپ كەتكەن كۈندىن باشلاپ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن كۈنگىچە ھېسابلىنىدۇ. ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچىنىڭ مەسئۇلىيىتى تۈپەيلىدىن، كۆچۈپ تۇرۇش مۆھلىتى ئۇزىراپ كەتسە، ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى مۆھلەت ئۆتۈپ كەتكەن ئايدىن باشلاپ ئوبوروت ئۆينى ئىشلەتكۈچىگە ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك؛ ئۆيى چېقىلغان-كۆچۈرۈلگەن ياكى ئۆي ئىجارە ئالغانلاردىن ئۆزى تۇرالغۇ ئۆيگە ئورۇنلاشقانلارغا ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتىپ بېرىش كېرەك.

23-ماددا تۇرالغۇ ئۆيلەردىن باشقا ئۆيلەرنى چېقىش-كۆچۈرۈشتە، ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلغان بولسا، ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى ئۆيى چېقىلغۇچى-كۆچۈرۈلگۈچىنىڭ ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش مەزگىلىدە ئىشلەپ چىقىرىشى، تىجارىتى توختاپ قالغانلىقتىن تارتقان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيىنىغا تۆلەم بېرىشى كېرەك.

24-ماددا چېقىش-كۆچۈرۈشكە ئالاقىدار كىشىلەر ئىمزالىغان تۆلەم بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۆيى چېقىلغۇچى-كۆچۈرۈلگۈچى ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچىگە ئۆي زېمىن مۈلۈك ھوقۇقىنى بىكار قىلىش، تىزىملىتىش رەسمىيىتى ئۆتەشكە تاپشۇرۇشى كېرەك.

4–باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

25-ماددا ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچىلەردە بۇ تەپسىلىي قائىدىگە خىلاپ بولغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، ئۇنىڭغا قوشۇپ 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، ئۇنىڭغا قوشۇپ 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) ئۆيى چېقىلغۇچى-كۆچۈرۈلگۈچىلەر بىلەن چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزمەي تۇرۇپ ياكى چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ماجىراسى ئۈستىدە كېسىم قىلىنماي تۇرۇپ چېقىش-كۆچۈرۈشنى يولغا قويسا؛

(2) كۆچۈش مۆھلىتى ئىچىدە كۆچۈپ بولغان ئۆيلەرنى ئالدى بىلەن چاقسا، تېخى كۆچۈپ بولمىغان ئۆيلەرگە سۇ، توك، گاز، پار تەمىنلەشنى توختىتىپ قويسا ياكى باشقا ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، ئۆيى چېقىلغۇچى-كۆچۈرۈلگۈچىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا توسقۇنلۇق قىلسا.

26-ماددا ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقىدا بۇ تەپسىلىي قائىدىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى كۆرۈلسە، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاسىتە مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، ئومۇمنىڭ مال-مۈلكى، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

(1) ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغان تۈرلەرگە ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسى ۋە باشقا تەستىق ھۆججىتى بەرسە؛

(2) ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش كېسىمىنى ئاشكارىلىمىسا ياكى بەلگىلىمە بويىچە چېقىش-كۆچۈرۈش ئالاقىدارلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىمىسا؛

(3) ئۆي چاققۇچى-كۆچۈرگۈچى بولۇۋالسا ياكى ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ چېقىش-كۆچۈرۈش ھەرىكىتى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللانسا؛

(4) ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئالاقىدارلىرىغا كۆچۈرگۈچى ئورۇن، ئۆي چاقىدىغان ئورۇن ياكى چېقىش-كۆچۈرۈشكە باھا قويىدىغان ئورۇننى بەلگىلەپ بەرسە؛

(5) ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئېلانىنى بەلگىلىمە بويىچە ئېلان قىلمىسا، چېقىش-كۆچۈرۈشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىسا.

27-ماددا بۇ تەپسىلىي قائىدىگە خىلاپ بولغان جازالاشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار «نىزام» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزام بويىچە جازالىنىدۇ.

5–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

28-ماددا شەھەر پىلانلاش رايونىنىڭ كوللېكتىپ يېرىدىكى ئۆيلەرنى چېقىش-كۆچۈرۈشتە، يەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، نىزاملار بويىچە يەر ئېلىپ ئىشلىتىلىدۇ ۋە تۆلەم بېرىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى

29-ماددا بۇ تەپسىلىي قائىدە 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلاپ ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» (ش ھ 103 1992-نومۇرلۇق ئالاقە) بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/26/c_131553616_6.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#