سوت خىزمىتىدە ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىقتىسادىي سوت خىزمىتىدە «جۇڭخۇا

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىقتىسادىي سوت خىزمىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى س ت [1994] 29-نومۇرلۇق پەرمان بىلەن ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىقتىسادىي سوت خىزمىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于在经济审判工作中严格执行《中华人民共和国民事诉讼法》的若干规定
ھۆججەت س ت [1994] 29-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار


ئىقتىسادىي سوت خىزمىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» (تۆۋەندە ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى دېيىلىدۇ)، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى› نى تەدبىقلاشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكرى» (تۆۋەندە ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنى تەدبىقلاش توغرىسىدىكى پىكىر دېيىلىدۇ) ۋە باشقا ئالاقىدار ئەدلىيىلىك ئىزاھاتلارنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سوت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، دەۋا پائالىيىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي سوت خىزمىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمە چىقىرىلدى:

1-باشقۇرۇش تەۋەلىكى توغرىسىدا

1. ئىككىدىن ئارتۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئوخشاش بىر دېلودا باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە ھەمدە ئايرىم-ئايرىم دېلو تۇرغۇزغان بولسا، كېيىن دېلو تۇرغۇزغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدى بىلەن دېلو تۇرغۇزغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، 7 كۈن ئىچىدە كېسىم چىقىرىپ دېلونى ئالدى بىلەن دېلو تۇرغۇزغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە يۆتكەپ بېرىشى كېرەك. باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىنى تالىشىپ، دېلو تۇرغۇزۇش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرگەن بولسا، شۇ مەھكىمە ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تۈزىتىشى لازىم.

2. دەۋالاشقۇچىلار ئوخشاش بىر قانۇن مۇناسىۋىتى ياكى ئوخشاش بىر پاكىت تۈپەيلىدىن ماجىرالىشىپ، ئوخشاش بولمىغان دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە ئوخشاش بولمىغان سوت مەھكىمىسىگە ئايرىم-ئايرىم دەۋا قىلغان بولسا، كېيىن دېلو تۇرغۇزغان سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدى بىلەن دېلو تۇرغۇزغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، 7 كۈن ئىچىدە كېسىم چىقىرىپ دېلونى ئالدى بىلەن دېلو تۇرغۇزغان سوت مەھكىمىسىنىڭ قوشۇپ سوت قىلىشىغا يۆتكەپ بېرىشى كېرەك.

3. ئىككىدىن ئارتۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئوتتۇرىسىدا جايلار بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولغان دېلولاردا ئالاقىدار خەلق سوت مەھكىمىلىرى سۇبىستانسىيە جەھەتتىن سوت قىلىشنى دەرھال توختىتىپ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنى تەدبىقلاش توغرىسىدىكى پىكىرنىڭ 36-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەل قىلىشى كېرەك. كېلىشەلمىگەنلىرىدە ئورتاق يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىپ بېرىشنى مەلۇم قىلىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىش قارارى چىقىرىشى لازىم.

4. ئىككىدىن ئارتۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئوتتۇرىسىدا باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولسا، تالاش-تارتىش ھەل بولۇشتىن ئىلگىرى، ھەرقانداق بىر تەرەپ دېلو ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ. تالىشىپ ئالدى بىلەن ھۆكۈم چىقارغان بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرتىپكە خىلاپلىق قىلدى دېگەن ئاساس بىلەن ھۆكۈمنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، دېلونى باشقا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشىغا يۆتكەپ بېرىشى ياكى بېكىتىپ بېرىشى ۋە ياكى ئۆزى ئالدۇرۇپ سوت قىلىشى كېرەك.

5. دەۋالاشقۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى ئۈستىدە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، باشقىچە پىكىرنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان-تۇرالمايدىغانلىقى ئۈستىدە 15 كۈن ئىچىدە يازما كېسىم چىقىرىشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار بۇ كېسىمگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى بەرسە، 2-سوتتا قاراپ چىققۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە يازما كېسىم چىقىرىشى لازىم.

6. خەلق سوت مەھكىمىلىرى مەملىكەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ماجىرا دېلولىرىنى سوت قىلغاندا، دەۋانى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ دېلودا باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولمىسا، تالاش-تارتىش نىشانىغا كىرمەيدىغان ياكى تالاش-تارتىش نىشانى قىلىنغان نەرسىنىڭ ئاساسى ھېسابلانمايدىغان قىسمىغا قارىتا دەۋادىن ئىلگىرى مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىپ، شۇ دېلونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا بولمايدۇ.

7. يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە چىقارغان دېلولارنىڭ دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئائىت بەلگىلىمىلەرنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەستىقلىتىشى كېرەك. تەستىقلانمىغانلىرىنى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكىنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ؛ تەستىقلانغان ۋە ئېلان قىلىپ يولغا قويۇلغانلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش كېرەك، خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

8. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆز ئالدىغا جايلار بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئائىت بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشقا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە چىقىرىلغان بەلگىلىمىلەر بىردەك كۈچكە ئىگە ئەمەس.

2-مۇستەقىل تەلەپ قويۇش ھوقۇقى بولمىغان 3-كىشى توغرىسىدا

9. دەۋانى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋاگەر، جاۋابكار ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتقان دەۋا نىشانى بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىقى بولمىغان ۋە قايتۇرۇش ياكى تۆلەم مەجبۇرىيىتى بولمىغانلار ھەمدە دەۋاگەر ياكى جاۋابكار بىلەن كېسىم قىلىش ياكى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۈستىدە پۈتۈشكەن دېلو سىرتىدىكىلەر ياكى مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكى بولغان ئەنزىدىكى دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپكە مۇستەقىل تەلەپ قويۇش ھوقۇقى بولمىغان 3-كىشى قاتارىدا دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشقا بولمايدۇ.

10. خەلق سوت مەھكىمىلىرى مەھسۇلات سۈپىتى ماجىرا ئەنزىلىرىنى سوت قىلىشتا، دەۋاگەر، جاۋابكار بىلەن قانۇن مۇناسىۋىتى بولمىغانلار، توختامدا پۈتۈشكەن ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەھسۇلات بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكى دەلىل-ئىسپات ئارقىلىق ئىسپاتلىغانلار ياكى دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلاردىن بەلگىلەنگەن سۈپەت ئۈستىدە باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۆھلىتى ئىچىدە باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلار ياكى مال تاپشۇرۇۋالغۇچىلاردىن شۇ مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىدىن رازى بولغانلارغا مۇستەقىل تەلەپ قويۇش ھوقۇقى بولمىغان 3-كىشى قاتارىدا دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشقا بولمايدۇ.

11. خەلق سوت مەھكىمىلىرى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان ياكى قانۇن بويىچە دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ مال-مۈلكىگە ئېرىشكەن ھەمدە مۇناسىپ ھەق تۆلىگەن دەۋاگەر، جاۋابكار بىلەن قانۇن مۇناسىۋىتى بولمىغانلارغا مۇستەقىل تەلەپ قويۇش ھوقۇقى بولمىغان 3-كىشى قاتارىدا دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشقا بولمايدۇ. 

3-مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش ۋە ئالدىن ئىجرا قىلىش توغرىسىدا

12. خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋادىن ئىلگىرى مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئامان ساقلاش تەلىپىگە مۇناسىپ كېلىدىغان سومما مىقدارى بىلەن كېپىللىك بېرىشى كېرەك. كېپىللىك بېرىش شەرتىدە قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىش كېرەك؛ قانۇندا بەلگىلىمە بولمىغانلىرىدا، خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ قارار قىلىدۇ.

13. خەلق سوت مەھكىمىلىرى مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللانغاندا، ئادەتتە دەۋالاشقۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلتىماسنى تاپشۇرىدۇ. دەۋادا تالاش-تارتىش قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ بۇزۇلۇش، يوقاپ كېتىش خەۋپى بولغان ياكى ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ مال-مۈلۈكنى يوشۇرۇپ قويۇش، يۆتكىۋېتىش، سېتىۋېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولغانلىرىدا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇقىغا ئاساسەن، مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ

14. خەلق سوت مەھكىمىلىرى مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللانغاندا، ئامان ساقلاش دائىرىسى دەۋالاشقۇچىلار تالاش-تارتىش قىلىشقان مال-مۈلۈك ياكى جاۋابكارنىڭ مال-مۈلكى بىلەن چەكلىنىشى كېرەك. دېلوغا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىگە قارىتا ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشقا بولمايدۇ، دېلوغا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر توغرا نىيەت بىلەن ئېرىشكەن دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مال-مۈلۈكلەرگىمۇ ئادەتتە مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئىلتىماس قىلىنغۇچى مۇناسىپ سومما مىقدارى ھەمدە ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان مال-مۈلۈك بىلەن كېپىللىك بەرگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرىنى ۋاقتىدا بىكار قىلىشى كېرەك

15. خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆلەم ئىقتىدارى بولغان كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەرگە ئادەتتە پېچەتلەش، توڭلىتىشقا ئوخشاش مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشقا بولمايدۇ. پېچەتلەش، توڭلىتىشتەك ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىلغانلىرىدا، شۇ كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان مال-مۈلۈك بىلەن كېپىللىك بەرگەن ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئامان ساقلاشقا بولسا، پېچەتلەش، توڭلىتىش تەدبىرىنى ۋاقتىدا بىكار قىلىش كېرەك

16. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالدىن ئىجرا قىلىش كېسىمىنى دەۋالاشقۇچىلار يازما ئىلتىماس قىلغان ھەمدە رەسمىي سوت قىلغاندىن كېيىن چىقىرىشى كېرەك. باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بەلگىلەنمىگەن ئەھۋالدا، ئالدىن ئىجرا قىلىش كېسىمى چىقىرىشقا بولمايدۇ.

17. خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋالاشقۇچىلار ئالدىن ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان دېلولاردا ئەنزىنىڭ ئاساسىي پاكىتى، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئېنىق، ئىلتىماس قىلىنغۇچى بېرىش، قايتۇرۇش ياكى تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، ئالدىن ئىجرا قىلىنىدىغان مال-مۈلۈك ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق، ئالدىن ئىجرا قىلمىغاندا تېخىمۇ چوڭ زىيان كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋالدىلا، ئالدىن ئىجرا قىلىش تەدبىرى قوللىنىشقا بولىدۇ.

18. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالدىن ئىجرا قىلىش تەدبىرى قوللاغاندىن كېيىن، ئالدىن ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان دەۋالاشقۇچى دەۋادىن قارشى تەرەپكە، 3-كىشىگە ياكى دېلو سىرتىدىكى ئالاقىدار كىشىلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋېلىپ، دەۋادىن كېچىشكە رۇخسەت قىلىش كېسىمى يەتكۈزۈپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى، دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپ 3-كىشى ۋە دېلو سىرتىدىكى ئالاقىدار كىشىلەر دەۋادىن كېچىشكە قارىتا باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، كېسىم ئارقىلىق دەۋادىن كېچىش ئىلتىماسىنى رەت قىلىش كېرەك.

19. دەۋانى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش ياكى ئالدىن ئىجرا قىلىش تەدبىرى قوللىنىشتا ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە دەرھال تۈزىتىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن ئىلتىماس قىلىنغۇچى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچى تۆلەپ بېرىدۇ؛ خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا بىنائەن ئامان ساقلاش تەدبىرىنى خاتا قوللانغانلىقتىن زىيان پەيدا بولغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىدۇ.

4-سوت قىلىش سۈرۈكى توغرىسىدا

20. ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى سوت قىلىش سۈرۈكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئالاھىدە ئەھۋال يوق تۇرۇقلۇق سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلمىغان دېلولاردا شۇ مەھكىمىنىڭ باشلىقى سوتچى خادىمنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنى بىر ئاي ئىچىدە سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇشقا بۇيرۇشى كېرەك.

21. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى ئالدۇرۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان دېلولاردا تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى ئالدۇرۇش ئالاقىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 15 كۈن ئىچىدە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ بېرىشى، ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ۋاقتىدا ئەۋەتىپ بېرەلمىسە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. 

22. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقە ئەۋەتىپ تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم، كېسىمنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 3 ئاي ئىچىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەكشۈرۈش نەتىجىسى ياكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

23. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى زۆرۈر تېپىلغاندا دېلونى ئالدۇرۇش ئالاقىسى ياكى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئالاقىسىدە ئىجرانى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، ئالاقىدار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇنىڭغا باشقىچە پىكرى بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىر ئاي ئىچىدە دېلونى ئالدۇرۇش قارارى چىقىرىشى ياكى ئىجرانى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى ئالدۇرۇشنى قارار قىلغان دېلولاردا، دېلونى تاپشۇرۇۋېلىپ 3 ئاي ئىچىدە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىش ياكى ئىجرانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

24. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم، كېسىملىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم، كېسىملىرىنى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە ئالدۇرۇپ سوت قىلىشنى قارار قىلغان ياكى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشقا بۇيرىغان بولسا، ئالدۇرۇپ سوت قىلغان، ياكى يېڭىۋاشتىن سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە ئەھۋال بولغانلىرىدىن باشقىلىرىدا، 1-سوت تەرتىپى تەتبىقلىغانلىرىنى 6 ئاي ئىچىدە ئاياغلاشتۇرۇشى؛ 2-سوت تەرتىپىنى تەتبىقلىغانلىرىنى 3 ئاي ئىچىدە ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك. ئالدۇرۇپ سوت قىلىش قارار قىلىنغانلىرىنىڭ سوت قىلىش سۈرۈكى ئالدۇرۇپ سوت قىلىش كېسىمى چىقىرىلغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشقا بۇيرۇلغانلىرىنىڭ سوت قىلىش سۈرۈكى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشقا بۇيرۇش كېسىمىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشقا بۇيرۇغان دېلولاردا تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ دېلونى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ھۆكۈم، كېسىم نەتىجىسىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#