شاكال بەدىيان دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. شاكال بەدىيان (دورا)
  2. شاكال بەدىيان (ئۆسۈملۈك)
دورا

شاكال بەدىيان

شاكال بەدىيان

 شاكال بەدىيان ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى شاكال بەدىيان
ئەرەبچە نامى بىدىيان، رازىيەنەچ
ئىنگلىزچە truestar Anise
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خەنزۇچە ئاتىلىشى 八角茴香 ba jiao huo xing
پارسچە نامى سېنى
ئوردۇچە نامى بادىيان سېنى، ئاناس پەلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاكال بەدىيانبۇ ماگىنولىيە ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان، ئېگىزلىكى 10 ~14 مېتىرغىچە ئۆسىدىغان چاتقال دەرەخنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، تەمى ئاچچىق، پۇراقلىق كېلىدۇ. بۇ دەرەخنىڭ ئۇرۇقى «بەدىيان چىنى» ياكى «شاكال بەدىيان» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

چىقىش ئورنى 

ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، تەيۋەن، گۈيجۇ، فۇجيەن قاتارلىق جايلىرىدىن چىقىدۇ.

شاكال بەدىيانھەر يىلى ئىككى قېتىم يىغىۋېلىنىدۇ. 2- ، 3- ئايدا پىشقان مېۋىسى ئاز چىقىدۇ. 8- ، 11– ئايلار بولسا يىغىۋېلىشنىڭ مول – ھوسۇل پەيتى. يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئاپتاپتا ياكى بوش ئوتتا قاقلىتىپ قۇرۇتىلىدۇ. قۇرۇق – سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

مېۋىسىدە %5 ئۇچۇچان ياغ (Oleum Foeniculi)، تەخمىنەن %22 مايلىق ياغ، ئاقسىل، دىۋىرقاي قاتارلىقلار بار.

1. ئۇچۇچان ماي تەركىبىدىكى ئانتول غىدىقلاش رولىغا ئىگە، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاشۇرۇپ، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، بەلغەم بوشىتىش رولىغا ئىگە.

 2. شاكال بەدىيان قايناتمىسى ئىنسانلاردىكى سىل تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە سىبلىس تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن تورمۇزلاش رولىغا ئىگە.

ئورۇنباسارى

 بەسباسە.

ئەكىس تەسىرى

باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

 قۇرۇتۇلغان شاكال بەدىيان.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

يەل تارقاتقۇچى مۇرەككەپ چايلىق.

كېسەللىك مىسالى 

سوغۇقتىن بولغان قۇسۇش، قورساق ئاغرىقى، بۆرەك كېسىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بەل ئاغرىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. شاكال بەدىياننى قارا چاي بىلەن قوشۇپ دەملەپ ئىچسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، يەل تارقىتىدۇ.

 2. پىننە، بەدىيان، زىرە، شاكال بەدىيانلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن، دارچىن، لاچىندانە، سۇمبۇللارنىڭ ھەر بىرىدىن بەش گرامدىن ئېلىپ، چالا سوقۇپ، چاي دەملەپ ئىچسە ئاشقازاننى قىزىتىپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، سوغۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ.

 3. شاكال بەدىيان ۋە سۆئلەپتىن 10 گرام، شاقاقۇلدىن 5 گرام، دارچىندىن گرام ئېلىپ ، قائىدە بويىچە سوقۇپ، جايلىق ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مىقدارى

5 ~ 3 گرامغىچە.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 

پەي – مۇسكۇللارنى بوشىتىۋېتىدۇ، باش ئاغرىتىدۇ، قورۇپ ئىشلىتىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=431

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#