پاناما شەھىرى

پاناما شەھىرى

ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پاناما بوغۇزىدا «بىر دەريا ئىككى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان، بىر كۆۋرۈك ئىككى قىتئەنى تۇتاشتۇرىدىغان» شەھەر بار، ئۇ بولسىمۇ پاناما شەھىرىدۇر. 

نامى پاناما شەھىرى
دۆلىتى لاتىن ئامېرىكىسى
مەمۇرىي رايون شەكلى پايتەخت
نوپۇسى 1مىلىيون700 مىڭ
جۇغراپىيەلىك ئورنى پاناما قانىلى جايلاشقان تېنچ ئوكيان كىـرىش ئېغىزى
خەنزۇچە نامى 巴拿马城
ئۆلكىسى پاناما ئۆلكىسى
يەر مەيدانى 275كىۋادىرات كىلومېتىر
رايۇن نومۇرى 507

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پانامائامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پاناما بوغۇزىدا «بىر دەريا ئىككى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان، بىر كۆۋرۈك ئىككى قىتئەنى تۇتاشتۇرىدىغان» شەھەر بار، ئۇ بولسىمۇ پاناما شەھىرىدۇر. 

بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا، بۇ يەر تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىي قىرغاق دېڭىز قولتۇقىدىكى بىر بېلىقچىلىق كەنتى ئىدى. كەنتتە شۇ يەرلىك ئىندىئانلار ياشايتتى. 1519-يىلىدىن باشلاپ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ يەرگە شەھەر قۇرۇشقا باشلىغان. 17-ئەسىرنىڭ70-يىللىرىغا كەلگەندە كونا شەھەر دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن، كېيىن شەھەرنىڭ ئەسلىي ئورنىنىڭ غەربىگە قايتىدىن يېڭى شەھەر قۇرۇلغان. 1903-يىلى پاناما كولۇمبىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ شەھەر پاناما جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان.

پاناماپاناما بوغۇزىنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپى بىرقەدەر ئېگىز بولۇپ، ئىككى تەرىپىدىن ئوتتۇرىسىغا قاراپ بارا-بارا تۆۋەنلەپ بارىدۇ، ئوتتۇرا قىسمىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئاران84 مېتىرلا كېلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل يەر شەكلىدىن پايدىلىنىپ، 1881-يىلىدىن باشلاپ پاناما شەھىرى ئەتراپىغا بوغۇزنىڭ جەنۇب-شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدىغان پاناما قانىلى قېزىلغان. قانال قۇرۇلۇشىنى دەسلەپتە فرانسىيە شىركىتى ھۆددىگە ئالغان. فرانسىيە شىركىتى ۋەيران بولغاندىن كېيىن، 1903-يىلى ئا ق ش «پاناما قانىلى شەرتنامىسى» ئارقىلىق قانالنى قېزىش ۋە «مەڭگۈ ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىش» ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن. كېيىن، پاناما ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان، بۇنىڭ بىلەن1999-يىلى پاناما ھۆكۈمىتى پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەتنى قايتۇرۇۋالغان.

پاناماپاناما قانىلى1914-يىل8-ئاينىڭ15-كۈنى پۈتكەن، 1920-يىلى رەسمىي قاتناش باشلانغان. قانالنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى3.81 كىلومېتىر، كەڭلىكى150 مېتىردىن304 مېتىرغىچە كېلىدۇ، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى5.12 مېتىر بولۇپ، 40 مىڭ ~45 مىڭ تونناژلىق چوڭ پاراخوتلار قاتنىيالايدۇ. ئۇ جەنۇبتا تىنچ ئوكياندىن باشلىنىپ، شىمالدا كارىب دېڭىزىغىچە بارىدۇ، شۇڭا ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق سۇ يولى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئىككى ئوكيان قىرغىقى ئارىسىدىكى سۇ يولىنى5000 كىلومېتىردىن10000 كىلومېتىرغىچە قىسقارتقان. پاناما شەھىرىنىڭ غەربىدىكى قانال ئۈستىگە «ئا ق ش چوڭ كۆۋرۈكى» سېلىنغان بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىگە كۆۋرۈك ئارقىلىق ئۆتۈپلا بارغىلى بولىدۇ.

پاناما قانىلىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، پاناما شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، قانال ترانسپورت ئىشلىرى ۋە قانال خىزمەتچىلىرى مۇلازىمىتى ئارقىلىق كىرىدىغان كىرىم پاناما شەھىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەسىدۇر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ تورى قامۇسى 

http://baike.baidu.com/

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ تورى قامۇسى

http://baike.baidu.com/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#