خۇ جيەن

خۇ جيەن

خۇ جيەن ئەر، خەنزۇ(شىنجاڭدا قوللانغان ئىسمى خۇرۇڭ) 1916-يىلى سىچۈن ئۆلكىسىنىڭ شۈنخەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خۇ جيەن
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1967-يىلى 26-فېۋرال
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى سىچۈن ئۆلكىسىنىڭ شۈنخەن ناھىيەسى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1916-يىلى
باشقا نامى خۇرۇڭ
مىللىتى خەنزۇ
كەسپى ھەربىي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇ جيەنجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى خۇ جيەن ئەر، خەنزۇ(شىنجاڭدا قوللانغان ئىسمى خۇرۇڭ) 1916-يىلى سىچۈن ئۆلكىسىنىڭ شۈنخەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1932-يىلى پارتىزان بولۇپ، 1933-يىلى قىزىل ئارمىيەگە ئەسكەر بولغان، 4-يۆنىلىش ئارمىيەسى تەركىبىدە ئۇزۇن سەپەرگە قاتنىشىپ، غەرب يۆنىلىش ئارمىيىسى تەركىبىدە شىنجاڭغا كىرىپ، 1937-يىلى ئۈرۈمچى «يېڭى ئەسكەرلەر گازارمىسى» زەمبەرەكچى چوڭ ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان. 1938-يىلى شېڭ شىسەي نىڭ تەيىنلىشى بىلەن تاشقورغان چېگرا ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك چوڭ ئەترەت باشلىقى بولغان. خۇ جيەن قەشقەرگە كېلىپ خىزمەت قىلغان گاۋ دىڭباڭ، لى يۈنياڭ، ۋۇ نەييىن (ئايال)، زىڭ خەيشەن قاتارلىق جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزالىرىدىن بىرى.

خۇ جيەنتاشقورغان ناھىيەسى قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ غەربىي جەنۇبىي، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان. غەربتە تاجىكىستان بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرەپتە ئافغانىستان بىلەن، جەنۇبتا پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئەپيۇن ئۇرىشىدىن كېيىن، ئەنگىلىيە قەشقەر دە كونسۇلخانا، تاشقورغان دا ۋاكالەتخانا قۇرغان بولۇپ، ئەينى چاغدا تاشقورغان رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئۈچۈنمۇ، شېڭ شىسەي ھاكىميىتى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جاي ھېسابلانغان. تاشقورغان چېگرا ساقلاش چوڭ ئەترىتى پوللىك دەرىجىلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا 500 ئوفېتسىر ئەسكەر  بولغان. خۇجيەن تاشقورغانغا كەلگەندە چوڭ ئەترەت ئىشتابى بىر شەخىسنىڭ قورۇ جايىدا بولۇپ، خۇ جيەن ئوفىتسىر–ئەسكەرلەرنى ھەركەتلەندۈرۈپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يېڭى گازارما قۇرۇشقا چاقىرغان. مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى زەمىر بىلەن بىللە باشلامچى بولۇپ، قول سېلىپ ئىشلەپ، ئەسكەرلەرگە ئۈلگە بولۇپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەنگىلىيە ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان تاشلاندۇق قەدىمي قورغاننى رېمونت قىلىپ ۋە يېڭىدىن ياساپ، چوڭ ئەترەت ئىشتابىنى كۆچۈرۈپ چىققان. بۇ قەدىمىي قورغان ئەنگىلىيە ۋاكالەتخانىسىغا كىرىپ-چىقىۋاتقانلانى ۋە ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى كۆزۈتۈپ تۇرۇشقا ئەپلىك تۆپىلىككە جايلاشقان بولغاچقا، شۇنداقلا ئوفېتسېر–ئەسكەرلەر ئەتىگەن-ئاخشاملىرى ياپونغا قارشى ناخشىلارنى، ھەربىي مارىشلارنى ياڭرىتىپ ھەربىي مەشىق قىلىدىغان بولغاچقا، ۋاكالەتخانا خادىملىرىنىڭ ئارامى بۇزۇلۇپ، خۇ جيەننى كۆزدىن نېرى قىلىش سۈيقەستىنى پىلانلىغان. بىر قېتىم خۇ جيەن دەپتەر يېزىسىغا كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭغا ئېتىلغان يوشۇرۇن ئوق ئۇنىڭ بېلىكىگە تېگىپ، بەخىتكە يارىشا جېنى ئامان قالغان.

خۇ جيەن 1000 چاقىرىملىق چېگرىنى شەخسەن ئۆزى تەكشۈرۈپ چىقىپ، رېمونتسىز قالغان چېگرا پونكىت قاراۋۇللۇق ئورۇنلىرىنى رېمونت قىلدۇرغاندىن تاشقىرى، ئورۇنباسار زەمىرنىڭ قوللىشى بىلەن يېڭىدىن چېگرا پونكىتلىرىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش دوكىلاتىنى تەييارلاپ، ئەينى چاغدىكى قەشقەر ۋالىيسى، قوشۇمچە قەشقەر گارنىزونىنىڭ قوماندانى جاڭ يوفىنغا دوكلات سۇنۇپ، تەستىقلىتىپ، تاشقورغان، ئافغانىستان، پاكىستان چېگرىسىغا دەپتەر، پەيلىك، مىڭ تېكە، قوش بىل، قونجىراپ، شوربۇلاق، مازار قاتارلىق جايلارغا چېگرا پونكىتى قۇرۇپ دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملىگەن.

خۇ جيەن دۆلەت چېگرىسىنىڭ ئامانلىقىنى كۈچەيتكەندىن تاشقىرى، ئىمپورت–ئېكىسپورت قىلىنغان تاۋارلارنى تەكشۈرۈش، ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش سالمىقىنىمۇ ئاشۇرغان. چېگرىدىن كىرىدىغان–چىقىدىغان ماللارنى تەكشۈرۈپ، قانۇنلۇق سودىنى قوغداپ، قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ، دۆلەت مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ قالغان. ئەنگىلىيە ۋاكالەتخانىسىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە قانات ئاستىغا ئېلىشى بىلەن چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەن قورال-ياراغ، ئوق–دورا ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى مۇسادىرە قىلىپ، ھاكىم شۈ لياڭ بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە دوكىلات سۇنۇپ، ۋاكالەتخانىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئەنگىلىيە بايرىقىنى يەرگە چۈشۈرگەن.

خۇ جيەن 1941-يىلنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ، شىنجاڭ ھەربىي تەتقىقات كۇرسىدا ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 1942-يىلى 17-فېۋرال نەزەربەند قىلىنىپ، 1943-يىلى 7-فېۋرال رەسمىي قولغا ئېلىنغان. 1946-يىلى تۈرمىدىن چىقىرىلغان كوممۇنىستلار قاتارىدا قويۇپ بېرىلىپ، يەنئەنگە قايتۇرۇلغان. خۇ جيەن 1949-يىلى يازدا شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان 5-ئاپتوموبىل پونكىتىنىڭ تۈەنجاڭلىقىغا تەيىنلىنىپ، شۇ يىلى 20-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىگە كىرگەن. 1967-يىلى 26-فېۋرال تۆت كىشلىك گۇرۇھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#