ليۇ مىڭچۈەن

ليۇ مىڭچۈەن

ليۇ مىڭچۈەن (1836-1895-يىللار) ئەنخۇينىڭ خېفېي دېگەن يېرىدىن بولۇپ، باشتا يۇرتىدا ھەربىي مەشىق بازىسى قۇرغان، كېيىن قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ لى خۇڭجاڭنىڭ خۇەيجۈن قوشۇنىغا قوشۇلغان، تەيپىڭ قوشۇنى ۋە نيەنجۈن قوشۇنىنى باستۇرۇشقا قاتنىشىپ، باش ياساۋۇل بەگلىككە ئۆستۈرۈلگەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ليۇ مىڭچۈەن
باشقا نامى 省三
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1836-يىلى
كەسپى سىياسىئون، ھەربىي ئالىم
خەنزۇچە ئىسمى 刘铭传
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى ئەنخۇينىڭ خېفېي
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1895-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ليۇ مىڭچۈەنليۇ مىڭچۈەن (1836-1895-يىللار) ئەنخۇينىڭ خېفېي دېگەن يېرىدىن بولۇپ، باشتا يۇرتىدا ھەربىي مەشىق بازىسى قۇرغان، كېيىن قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ لى خۇڭجاڭنىڭ خۇەيجۈن قوشۇنىغا قوشۇلغان، تەيپىڭ قوشۇنى ۋە نيەنجۈن قوشۇنىنى باستۇرۇشقا قاتنىشىپ، باش ياساۋۇل بەگلىككە ئۆستۈرۈلگەن. جۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1884-يىلى 6-ئايدا، تەيۋەننىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي تەيۋەن گە بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، ھاياتىدىكى ئەڭ شانلىق كۈنلەرنى باشلىۋەتكەن. 

ليۇ مىڭچۈەنئۇ تەيۋەنگە بېرىپلا زەمبىرەك سۇپىلىرىنى پۇختىلاپ، جەڭگە پائال تەييارلىق قىلغان. شۇ يىلى 8-ئايدا، فرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسى جىلۇڭغا ھۇجۇم قوزغاپ، زەمبىرەك بىلەن شىددەتلىك توپقا تۇتقان. ليۇ مىڭچۈەن دۈشمەننى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىشقا قايمۇقتۇرۇش تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، ئازراقلا ئەسكىرى بىلەن ئۇلارنى قىلتاققا دەسسەتكەن، فرانسىيە ئارمىيەسى قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، ليۇ مىڭچۈەن ئاساسلىق كۈچى ئارقىلىق بىرلەشمە زەربە بېرىپ، دۈشمەننىڭ 100 دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، جىلۇڭنى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 9-ئايدا، فرانسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى تەيبېيگە يەنە بىر قېتىم خىرىس قىلغان، ليۇ مىڭچۈەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىلۇڭدىن چېكىنىپ چىقىپ، تەيبېينىڭ دەرۋازىسى بولغان خۇۋېي تەرەپتىكى كۈچىنى مۇستەھكەملىگەن. 10-ئايدا، ئۇ خۇۋېيدا پىستىرما قويۇپ، 300 دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتقان. ئەينى چاغدا، تەيۋەننىڭ ھەرقايسى دېڭىز ئېغىزلىرى فرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن قامال قىلىۋېلىنغان بولغاچقا، سىرتنىڭ ياردىمى ئۈزۈلۈپ قالغانىدى، ليۇ مىڭچۈەن قوشۇنىنى باشلاپ پۈتۈن كۈچى بىلەن تەيۋەن ئارىلىنى قوغدىغان. ئۇ قىسقا يەكتەك، چىغ چورۇق كىيىپ، ھەرقايسى بارگاھلارنى پات-پات ئارىلاپ، ئەسكەرلەر بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولغان. تەيۋەننى قوغداش جېڭىگە جۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر بىر يىلغا يېقىن رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس خىزمەت كۆرسەتكەن. 1885-يىلى جۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى تەيۋەننى ئۆلكە قىلىپ، ليۇ مىڭچۈەننى تەيۋەننىڭ تۇنجى باش مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلىگەن. ئۇ بۇ مەزگىلدە تەيۋەندە بىر قىسىم ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى كارخانىلىرىنى قۇرغان، كان قېزىپ، سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بەرگەن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغدىغان.

1889-يىلى، جىلۇڭدىن تەيۋەنگە بارىدىغان تۇنجى تۆمۈريولنى ياساتقۇزغان. ئۇ يەنە گاۋشەنزۇ مىللىتى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تەيۋەندىكى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرغان. تەيۋەندە يەتتە يىل جاپالىق ئىشلەپ، تەيۋەننى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان ۋە تەيۋەننىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن. 1891-يىلى، ئۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سوراپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. 1895-يىلى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى ياپونىيەگە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#