مەجۇنى سوم
مەجۇنى سوم قاننى جانلاندۇرۇش، سوغۇق يەل ۋە ھۆللۈكلەرنى تارقىتىش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ دورا جىگەر رەڭلىك مەجۇنات بولۇپ، تەمى ئاچچىق.
نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى |
---|---|---|---|---|---|
ئاقلانغان سامساق | 270گرام | زەنجىۋىل | 6 گرام | ئاقىرقەرھا | 6 گرام |
پىلپىل | 6 گرام | قارامۇچ | 6 گرام | خولىنجان | 6 گرام |
قەلەمپۇر | 6 گرام | دارچىن | 6 گرام | زەپەر | 3 گرام |
كاۋاۋىچىن | 6 گرام | جويۇز | 6 گرام |
سامساقنى سوقۇپ، 400ml كالا سۈتىدە تاكى سۇت سامساققا سىڭىپ بولغىچە قاينىتىلىدۇ. ئۇندىن كېيىن مۇۋاپىق ھەسەل بىلەن قىيام قىلىنىدۇ. قالغان دورىلارنى يۇمشاق تالقانلاپ يۇقۇرىقى قىيام بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ 1000 گرام مەجۇنات تەييارلىنىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
1. بۇ دورىدىن 30 گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى دىئاتومىدنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 40ml ئېتانول قوشۇپ،ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 20 مىنۇت بىر تەرەپ قىلىپ، سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمە سىناق ئېرىتمىسى قىلىنىدۇ. سىننالدېھىد سېلىشتۇما دورىسىدىن ئېلىپ، ئېتانول قوشۇپ ml 1دا 1µl دورا تۇتقان سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويىچە،سىناق قىلىنغۇچى ئېرىتمىسىدىن 5µl ، سېلىشتۇرما دورا ئېرىتمىسىدىنµl2 شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل گرام لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ (17∶3) نېفىت ئېتىرى-ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ،دىنىترو بېنزول ھىدرازىنو ئېتانول ئېرىتمىسى پۈركۈپ كۈزەتكەندە، سىناق ئېرىتمىسىنىڭ رەڭ سىپىكتىرداھەم سېلىشتۇرۇلغۇچى ئېرىتمىنڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ. 2. بۇ دورىدىن 25 گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى دىئاتومىدنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 50ml ئېتىل ئېفىر قوشۇپ،بىرنەچچە مىنۇت چەلگىتىپ، سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمە سىناق ئېرىتمىسى قىلىنىدۇ.ئېۋگېنول سېلىشتۇما دورىسىدىن ئېلىپ،ئېتىل ئېفىر قوشۇپ 1ml دا 16ul دورا تۇتقان سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويىچە يۇقۇرىقى ئىككى خىل ئېرىتمىدىن ئايرىم ھالدا5µl شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل گرام لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ(9∶1) نېفىت ئېتىرى-ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %5 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسى پۈركۈپ، داغ توچكىلىرىنىڭ رەڭگى ئېنىق كۈرۈنگۈچە ℃105 لىق ھارارەتتە قاقلىنىدۇ. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردا، سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.