جىگدە چېچىگى

جىگدە چېچىگى

جىگدە چېچىگى بولسا جىگدە دەرىخىنىڭ گۈلى بۇلۇپ،يۇقۇملۇق كىسەللەردىن مۇداپىئە قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى جىگدە چېچىگى
ئەرەبچە نامى زەھرۇل غۈبەير
ئىنگلىزچە Fussian olive Fruit
چىقىش ئورنى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن چىقىدۇ
تەبىئىتى 2– دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە نامى 沙枣
پارسچە نامى گۈل خوپ دانە
ئوردۇچە نامى سەنجىد كى پول
ۋاقتى تاتلىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىگدە چېچىگىجىگدە چېچىگى بولسا جىگدە دەرىخىنىڭ گۈلى بۇلۇپ، خۇشپۇراقلىق چېچەكتۇر گۈلى ۋارۇنكا شەكلىدە بولۇپ، سىرتقى يۈزى كۈمۈش رەڭلىك، ئىچى سېرىق رەڭلىك، تەمى تاتلىق. ئەتىياز، كۈز پەسلىدە گۈلى ئېچىلغاندا ئۈزۈپ يىغۋىلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن چىقىدۇ.

مىڭىنى قۇۋەتلەش، مەنىينى قوزغاش، يۇقۇملۇق كىسەللەردىن مۇداپىئە قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خاس تەسىرى

بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا

ئۈنۈملۈك تەركىبى

ئۇچۇچان ماي %0.2-%0.4، Leucoonthocyanjdin,kaempferol مايلار بار.

جىگدە چېچىگى1. جىگدە گۈلىدىن ئەرەق تارتىپ بېرىلسە، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزىدۇ.

2.جىگدە گۈلىدىن گۈلقەنت تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا، باھ، بۆرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

3. قېرىقىز ئۇرۇقى، يالپۇز، يۇلغۇن 13 گرامدىن، جىگدە گۈلى 4 گرام، قاينىتىپ ئىچسە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

جىگدە دەرىخىنىڭ گۈلى

مىقدارى

1 ـ 4 گىرامغىچە، يېشى ۋە ئەھۋالىغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

بىنەپشە، نىلۇپەر

ئورۇنباسارى

جىگدە

جىگدە گۈلقەنتى

جىگدە چېچىگىھەر خىل مىڭە كېسەللىكلەرگە، كۆكرەك ئاغرىقلىرى، ھاسىراش، دىمى تۇتۇلۇش،ئۆپكە جاراھەتلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ،ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. جىگەرنىڭ تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ. يەللەرنى تارقىتىدۇ، بەزگەك كېسىلى،تالنىڭ بۇزۇلغىنىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە شەربەت قىلىپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ، سوقۇپ خېمىر قىلىپ جاراھەتلەرگە تاڭسا پايدا قىلىدۇ، ھۆلى بولمىسا قۇرۇقىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، قاينىتىپ يېغىنى چىقىرىشقا بولىدۇ، موپاسىل پەي سۇسلاپ كەتكەنگە ھەم چاچنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ياغلىنىدۇ، گۈلىدىن چىقىرىلغان ئەرەق مەيدىدىكى يەللەرنى تارقىتىدۇ. يەنە جىگدە بىلەن ئوخشاش ئىشلتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى

来源

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىكېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

来源

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=247

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=247

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#