تويبولدى بازىرى

تويبولدى بازىرى

تويبولدى بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، شايار ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 9.8 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تويبولدى بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 306 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 托依堡勒迪镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون شايار ناھىيەسى
نوپۇسى 45065

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تويبولدى بازىرىتويبولدى بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ، شايار ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 9.8 كىلومېتىر كېلىدۇ. شىمال تەرىپى شايار بازىرى، جەنۇب تەرىپى شايار تۈرمىسى، شەرق تەرىپى گۈلباغ بازىرى ۋە گەز قۇم يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب تەرىپى قايلور بازىرى ۋە 2-چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن قوشنا. 

تويبولدى بازىرى ئۇيغۇر تىلىدا « خۇشاللىق » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تەخمىنەن 110 يىل بۇرۇن بۇ يەر تېخى ئېچىلمىغان شورلۇق دالا ئىدى، ئۇنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئۈچ خىل قاراش بار، بىرىنچىسى، بىنا بولغاندا بىر قېتىم خۇشاللىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈلگەن. ئىككىنچىسى، بىر جۈپ ياش بۇ يەردە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، ئۈچىنچىسى، شۇ چاغدا شارائىتى ناھايىتى جاپالىق بۇلۇپ، بەزىلەر قايتىپ كەتمەكچى بولغاندا، باشقىلار نەسىھەت قىلىپ بولدى دېگەن.

80-يىللاردا بازار بۇلۇپ شەكىللەنگەن.

ئورنى 

تويبولدى بازىرىتويبولدى بازىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان، شايار ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 9.8 كىلومېتىر. شىمالىي شايار بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتىشىدۇ، چوڭ قۇملۇقتىكى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ؛ شەرق تەرىپى گۈلباغ بازىرى بىلەن، غەرب تەرىپى قايلور بازىرى بىلەن قوشنا. جۇغراپىيەلىك ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′52°82 ، شىمالىي پاراللېل 52′°41 . تويبولدى بازىرىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 35 كىلومېتىر ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 40 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 306 كۋادرات كىلومېتىر.

كىلىماتى

تويبولدى بازىرى ئۆگەن دەرياسى تىنىما تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرغاق قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كېلىماتقا كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كۈن نۇرى يېتەرلىك، ھاۋارايى مۆتىدىل، ئىسسىقلىق مىقدارى مول، ھۆل-يېغىن ئاز، ھاۋا قۇرغاق، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن. يىللىق تېمپېراتۇرا پەرقى، كۈنلۈك تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ياز پەسلى قۇرغاق ئىسسىق، قىش پەسلىدە قۇرغاق سوغۇق، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 10.8 گرادۇس، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃14-، مۇتلەق مىنىمۇم تېمپېراتۇرا ℃28.7- قا يېتىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃41.8، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 47.3 مىللىمېتىر، ئەڭ كۆپ بولغان يىللىرى 106 مىللىمېتىر، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا پەقەت 13 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2843.5مىللىمېتىر، يامغۇر ياز پەسلىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 3029.4 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 209 كۈن بولىدۇ. ئاساسلىق مۆلدۈر ئاپىتى، كەلكۈن، يەر تەۋرەش، قۇم-بوران، يۇقىرى تېمپېراتۇرا قاتارلىقلار بار.

تەبىئىي بايلىقى 

تويبولدى بازىرىتويبولدى بازىرى لوپنۇر كەندىرى، چۈچۈكبۇيا، يۇلغۇن قاتارلىق چۆللۈك تىپىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، ياۋايى ھايۋانلاردىن بۇغا، ياۋا توشقان، قىرغاۋۇل، ياۋا توڭگۇز، كىرپە كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، كۆممىقوناقنى ئاساس قىلىدۇ، قارا ئالقات، سەي كاۋىسى، چۈچۈكبۇيا، گازىر تاۋۇزى قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ تېرىيدۇ، باغۋەنچىلىكتە چىلان، ياڭاق، نەشپۈت، ئۆرۈك، ئۈزۈم تېرىش ئاساس قىلىنىدۇ، بىر يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىقنى ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇغان يېزا ئىگىلىك چوڭ بازىرى. نېفىت قاتارلىق تەبىئىي بايلىقى مول، رايون ئىچىدىكى نېفىت بايلىقى ئاساسلىقى شەرقىي جەنۇبىدىكى قارا كەنتى ئەتراپىغا مەركەزلىك تارقالغان ۋە 2-دېھقانچىلىق مەيدانى ئەتراپىدا زاپىسى مول. 

تويبولدى بازىرىتويبولدى بازىرىغا قاراشلىق 26 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: تويبولدى كەنتى، يېڭىباغ كەنتى، قىژماتا كەنتى، تېرەك كەنتى، سېغىزلىق كەنتى، غالىبىيەت كەنتى، سىرىماق كەنتى، تاللىقبۇلۇڭ كەنتى، يېڭى چىمەن كەنتى، كونا چىمەن كەنتى، يالغۇز تېرەك كەنتى، پەيزىۋات كەنتى، ئىگەرچى كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، قاراقۇم كەنتى، لەڭگەر كەنتى، كونا تېرەك كەنتى، باغۋەنچىلىك مەيدانى، 1-دېھقانچىلىق مەيدانى، 2-دېھقانچىلىق مەيدانى، 3-دېھقانچىلىق مەيدانى، 4-دېھقانچىلىق مەيدانى، ئاقتام كەنتى، سالاست كەنتى.

تويبولدى بازىرىتويبولدى بازىرىنىڭ قاتنىشى قولايلىق، ھەر قايسى كەنت، يوللارنىڭ ھەممىسى ناھىيە تاشيولى بىلەن تۇتىشىدۇ، تورسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن، شايار ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش يولى. ناھىيە تەۋەسىدە شايار ناھىيە بازىرىدىن گەز قۇم يېزىسى، ج خ دېھقانچىلىق مەيدانى، 1-چارۋىچىلىق مەيدانىغا؛ گۈلباغ بازىرىدىن تويبولدى بازىرىغىچە بولغان 4 تاشيول غول لىنىيەسى قوشۇلغان، جەنۇبتا گەز قۇم يېزىسىغىچە 10 كىلومېتىر، شىمالدا شايار ناھىيە بازىرىغىچە 9.8 كىلومېتىر كېلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#