ئەگرىسۇنا

ئەگرىسۇنا

ئەگرىسۇنا چۇقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئەگرىسۇناغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، مېۋىسى تۇخۇم شەكلىدە ياكى تۇخۇمسىمان دۈگىلەك شەكلىدە بولىدۇ. يىلتىزى ۋە غولىنى قەلەمچە قىلىپ تىكىش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. يىلتىزسىمان غولى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، قاننى سوۋۇتۇش، قۇرغاقلىقنى ھۆللىتىپ، خىلىت ھاسىل قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ئەگرىسۇنا
پارسچە نامى Rehmannia glutinosa (Gaetn.) Libosch. ex Fisch. et
چىقىش ئورنى ماناس، غۇلجا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 地黄
تەمى تۇخۇم شەكلىدە ياكى تۇخۇمسىمان دۈگىلەك شەكلىدە
تەبىئىتى ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەگرىسۇنائەگرىسۇنا چۇقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئەگرىسۇناغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 25 - 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۆسۈملۈك تېنى ئاقۇش كۈل رەڭ، يۇمشاق تۈكلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ؛ يىلتىزسىمان غولى چوڭ، گۆشلۈك، كۆپىنچە كۇنۇسسىمان بولىدۇ، غولى تىك ئۆسىدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە ياكى ئۇزۇن سوقىچاق، يوپۇرماق يۈزى كۆپ پۇرلەشكەن، ئارقىسى يېشىل سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ. غولىدىن چىققان يوپۇرماقلىرى تۈۋىدىن چىققان يوپۇرماقلىرىغا نىسبەتەن كىچىكرەك بولىدۇ؛ گۈلى ئۇچىدىن ئۆسكەن بولۇپ، ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. گۈل تاجىسى ئەگرىسۇناغا ئوخشايدۇ، رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن ياكى ئوچۇق سۆسۈن كېلىدۇ، رەڭلىك سىزىقلىرى بولىدۇ. مېۋىسى تۇخۇم شەكلىدە ياكى تۇخۇمسىمان دۈگىلەك شەكلىدە بولىدۇ. يىلتىزى ۋە غولىنى قەلەمچە قىلىپ تىكىش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈزدە كولىۋېلىپ، تازىلاپ ھۆل پېتى (ھۆل ئەگرىسۇنا) ياكى يالپاقلاپ قاقلاپ (خام ئەگرىسۇنا)، ھاراق بىلەن قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ۋاسىتىلىك ھالدا ھورلاندۇرۇپ، ھاراقنى سۈمۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاپتاپقا سېلىپ، سىرتقى پوستىنىڭ شىلىمشىقى ئازراق قورۇغانغا قەدەر قۇرۇتۇپ (پىششىق ئەگرىسۇنا) تەييارلىنىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ھۆل سوغۇق.

ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، قاننى سوۋۇتۇش، قۇرغاقلىقنى ھۆللىتىپ، خىلىت ھاسىل قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ ھۆل ئەگرىسۇنا 15 ~ 30 گرام، خام ئەگرىسۇنا ۋە پىششىق ئەگرىسۇنا 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

20 گرام پىششىق ئەگرىسۇناغا 20 گرام قانتېپەر، 12 گرام ئاق چۇغلۇق، 20 گرام پىچەكگۈل، 12 گرام ياۋا كەشمىر بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى، قان ئازلىق، كۆز قاراڭغۇلىشىش، قۇلاق غوڭۇلداش، بەل-پۇت ئاغرىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

12 گرام پىششىق ئەگرىسۇناغا 12 گرام كىرەش، 10 گرام قىزىل چۇغلۇق، 15 گرام تاغ دېنى، 12 گرام ئەمەن يوپۇرمىقى بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز بىنورمال بولۇش ۋە ھەيزدىن بۇرۇن قورساق ئاغرىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

12 گرام خام ئەگرىسۇنانى 12 گرام ئالقات يىلتزى پوستى، 20 گرام خام گەج، 10 گرام ئۇچقات، 12 گرام ھىندى ئوسمىسى، 20 ھۆل قومۇش يىلتىزى بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كىچىك بالىلاردىكى ئۆپكە ياللۇغى ۋە قىزىتمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

16 گرام خام ئەگرىسۇناغا 20 گرام خام لوڭگۇ، 12 گرام ئالقات يىلتىز پوستى، 35 گرام پىچەك بۇغداي قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە ئۆزلۈكىدىن تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

20 گرام ئەگرىسۇنانى 12 گرام كىرەش، 01 ئېشەكيېلىمى (ۋاسىتىلىك ئېرىتىلگەن)، 12 بۇغا مۈڭگۈز يېلىمى (ۋاسىتىلىك ئېرىتىلگەن)، 16 گرام ئاق چۇغلۇق، 15 گرام قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇل، 12 گرام بايناق بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك قان ئازلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

35 گرام ئەگرىسۇناغا سەككىز گرام كەۋرەك قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل ئەگرىسۇنادىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، كۈندە ئىككى قېتىم قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، ئوتتۇا قۇلاق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

35 گرام پىششىق ئەگرىسۇناغا 30 گرام پىچەكگۈل، 20 گرام قانتېپەر، 18 گرام مالىنا، ئالتە گرام ئەينۇلا قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قەنت سىيىش كېسىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#