سۇجۇ
سۇجۇ يەنە بىر ئىسمى گۇسۇ شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىغا، تەيخۇ كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بىر سۇ شەھىرى بولۇپ، «شەرقتىكى ۋېنېتسىيە» دېگەن گۈزەل نامى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۇجۇ يەنە بىر ئىسمى گۇسۇ شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىغا، تەيخۇ كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بىر سۇ شەھىرى بولۇپ، «شەرقتىكى ۋېنېتسىيە» دېگەن گۈزەل نامى بار. ئۇ خاڭجۇ بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنىپ، «كۆكتە جەننەت بار، يەردە سۇجۇ بىلەن خاڭجۇ» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئەمىنىيە دەۋرىدە ۋۇ بەگلىكىنىڭ پايتەختى بولغان، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە سۇن ۋۇ بۇ يەرنى بىر مەزگىل پايتەخت قىلغان.
سۇجۇ باغلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ، بۇ يەرگە ئېلىمىزنىڭ باغ بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ جەۋھەرلىرى مەركەزلەشكەن، ئېلىمىزنىڭ سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ دەۋرلىرى ئالاھىدىلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر باغلاردىن ساڭلاڭ راۋىقى، شىزىلىڭ، چۇجېڭ باغچىسى، ليۇيۈەن باغچىسى، يىيۈەن باغچىسى قاتارلىقلار بار، ھەرقايسىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. «جاھاندا جەنۇبىي جۇڭگونىڭ باغلىرى تەڭداشسىز، سۇجۇنىڭ باغلىرى جەنۇبىي جۇڭگودا تەڭداشسىزدۇر» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
مەشھۇر تارىخىي قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن خەنشەن ئىبادەتخانىسى، خۇچيۇشەن تېغى، لىنيەن تېغى، تەيپىڭ تېغى، تەيپىڭ تيەنگو جۇڭۋاڭ ھەرىمى قاتارلىقلار بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.